پەتىۋا كومېتىتى: ئات گۆشى ھالالمۇ؟

پەتىۋا كومېتىتى: ئات گۆشى ھالالمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى ئورگان: پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 927-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ئات گۆشى ھالال. بۇ ئىمام ئەھمەد، ئۇ زاتنىڭ ھەمراھلىرى ۋە ئۇلارنى تەستىقلىغان باشقا ئالىملارنىڭ توغرا كۆز قارىشىدۇر. ئىككى سەھىھ ھەدىس توپلىمى (يەنى سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىم) دا جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق ھەدىس بايان قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خەيبەر كۈنى ئۆيدە بېقىلغان ئېشەكنىڭ گۆشىنى يېيىشنى چەكلەپ، ئات گۆشىنى يېيىشنى ھالال قىلدى.» (بۇخارى 4219؛ مۇسلىم 1941؛ تىرمىزى 1793؛ نەسائىي 4329؛ ئەبۇ داۋۇد 3789؛ مۇسنەد ئەھمەد، 3-323؛ دارىمى 1993)[ صحيح البخاري المغازي (4219) ، صحيح مسلم الصيد والذبائح وما يؤكل من الحيوان (1941) ، سنن الترمذي الأطعمة (1793) ، سنن النسائي الصيد والذبائح (4329) ، سنن أبو داود الأطعمة (3789) ، مسند أحمد بن حنبل (3/323) ، سنن الدارمي الأضاحي (1993.  {نهى رسول الله صلى الله عليه وسلم يوم خيبر عن لحوم الحمر الأهلية، وأذن في لحوم الخيل}] ئىككى سەھىھ ھەدىس توپلىمىدا يەنە مۇنۇ ھەدىسمۇ نەقىل قىلىنغان:«ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: بىز مەدىنىدىكى چېغىمىزدا ئاتنى بوغۇزلىدۇق ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ئۇنى يېدۇق.»(بۇخارى 5511؛ مۇسلىم 1942؛ نەسائىي 4421؛ ئىبنى ماجە 3190؛ مۇسنەد ئەھمەد، 6-345؛ دارىمى 1992)[ صحيح البخاري الذبائح والصيد (5511) ، صحيح مسلم الصيد والذبائح وما يؤكل من الحيوان (1942) ، سنن النسائي الضحايا (4421) ، سنن ابن ماجه الذبائح (3190) ، مسند أحمد بن حنبل (6/345) ، سنن الدارمي الأضاحي (1992{عن أسماء قالت: نحرنا فرسًا على عهد رسول الله صلى الله عليه وسلم فأكلناه ونحن بالمدينة}] داراقۇتنىنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:«ئۆلۈشكە ئاز قالغان بىر ئات بار ئىدى. بىز ئۇنى سويۇپ يېدۇق.»[ أرادت أن تموت فذبحناها فأكلناها] [پەتىۋانىڭ ئاساسى مەزمۇنى قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى. پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى مەنىئ]

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ