ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز ئوقۇماقچى بولسا، ئۆرە تۇرۇپ ‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دەپ تەكبىر ئېيتاتتى، رۇكۇ قىلغاندىمۇ ‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دەپ تەكبىر ئېيتاتتى، (رۇكۇدىن تۇرغاندا) ‹سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە› دەيتتى، رۇكۇدىن تۇرۇپ ساق ئۆرە بولۇپ بولغاندا ‹رەببەنا ۋەلەكەل ھەمد› دەيتتى.» (ئىمام ئەھمەد 2\454؛ بۇخارى 1\191؛ مۇسلىم 1\292؛ نەسائىي 1150؛ بەيھەقىي 2\67) ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە، دەپ) رۇكۇدىن ئۆرە بولغاندىن كېيىن ‹رەببەنا لەكەل ھەمدۇ مىلئۇسسەماۋاتى ۋەل ئەرد› دەيتتى.» (ئىمام ئەھمەد 1\270؛ مۇسلىم 447؛ ئەبۇ داۋۇد 846؛ نەسائىي 1060؛ تىرمىزى 266؛ ئىبنى ماجە 878؛ دارىمىي 1\301؛ داراقۇتنىي 1\342)