ھىجرەت قىلىش پەرزمۇ؟
(دۇنياۋى پەتىۋا تور بېكىتى ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تور بېكىتىنىڭ 13363-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
شەرىئەتتىكى ئاساسىي پىرىنسىپ شۇكى: مۇسۇلماننىڭ مۇشرىكلار دىيارىدا ئولتۇراقلىشىشى دۇرۇس ئەمەس. مۇشرىكلار دىيارىدا ئولتۇراقلىشىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى دەلىللەر، شۇنداقلا ئەقلىي دەلىل ئاساسىدا يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.
(مۇشرىكلار دىيارىدا ئولتۇراقلىشىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنىڭ) قۇرئاندىكى دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىدۇر:{ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى ھىجرەتنى تەرك ئېتىپ كۇففارلار بىلەن بىللە تۇرغۇچىلار) نىڭ جانلىرى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئېلىنغان چاغدا، پەرىشتىلەر ئۇلاردىن:«(دىنىڭلارنىڭ ئىشىدا) قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار:«زېمىندا بىز (دىننى بەرپا قىلىشتىن) بوزەك قىلىنغان ئىدۇق» دەيدۇ. پەرىشتىلەر:«ھىجرەت قىلساڭلار ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟» دەيدۇ. ئەنە شۇ (ھىجرەت قىلمىغان) لارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!} (سۈرە نىسا، 97-ئايەت)
(مۇشرىكلار دىيارىدا ئولتۇراقلىشىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنىڭ) سۈننەتتىكى دەلىلى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەن مۇشرىكلار ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان ھەر بىر مۇسۇلماندىن ئادا-جۇدامەن.» (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 2645-نومۇرلۇق ھەدىس؛ شەيخ ئەلبانى سەھىھ ئەبۇ داۋۇدتا بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن.)
[بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەت ھىجرەت قىلىشقا قادىر تۇرۇپمۇ، كۇفرى دىيارىدا تۇرۇپ قالغان، شۇ سەۋەبلىك (كاپىرلارنىڭ توسالغۇ قىلىشى بىلەن) دىنىي ئىشلىرىنى ئادا قىلالمىغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداق كىشى پۈتكۈل ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائى بويىچە ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى، ھارام ئىشنى قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ.
ئىمام ئەبۇ داۋۇد رەھىمەھۇللاھ سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «كىمكى مۇشرىكقا قوشۇلسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە ياشىسا، شەكسىزكى، ئۇمۇ مۇشرىكقا ئوخشاش بولىدۇ.» (ئىبنى كەسىر تەپسىرى: 4-سۈرە، 97-ئايەتنىڭ تەپسىرىنىڭ بىر بۆلكىگە قاراڭ)]
(مۇشرىكلار دىيارىدا ئولتۇراقلىشىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنىڭ) ئەقلىي دەلىلى شۇكى: مۇشرىكلار ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقۇچى مۇسۇلمان ئىسلامىي ئىبادەتلەردىن سانىلىدىغان كۆپلىگەن دىنىي ئىبادەت ۋە سىرتقى ئەمەللەرنى ئورۇندىيالمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇكى، كۇفر ئەللىرىدە يامان ئىشلار قانۇن بويىچە قوغدالغانلىقتىن، ئۇ ئەللەرگە ئولتۇراقلاشقان مۇسۇلمانلار ئوچۇقتىن ئوچۇق ئېزىقتۇرۇشلارغا دۇچ كېلىدۇ. ھالبۇكى، مۇسۇلمان ئازدۇرۇشقا ۋە پىتنىلەرگە يول ئاچىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى كېرەك.
بەزى مۇسۇلمان ئەللىرىدە ۋىزا ۋە چەكلىمىلىك ئولتۇراقلىشىش قانۇنى، ۋەھاكازالار سەۋەبلىك، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنداق ئەللەرگە بارالمايدىغانلىقى ۋە ئولتۇراقلىشالماي قالىدىغانلىقى مەلۇم. ئەگەر بىر مۇسۇلمان كىشى مۇسۇلمان ئەللىرىدە ئۆز دىنىنى كۇفرى ئەللىرىگە قارىغاندا ياخشى تۇتۇپ ماڭالايدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ مۇسۇلماننىڭ كۇفرى ئەللىرىدە ئولتۇراقلىشىشى دۇرۇس ئەمەس.
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن (ۋاپاتى 2001-يىلى) رەھىمەھۇللاھتىن (بەزى مۇسۇلمان ئەللىرىدە ھەق دىننى تۇتۇپ ماڭسا مۇسۇلمانغا زەرەر يېتىدىغان ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقى، بەزى كۇفرى ئەللىرىدە بەزى مۇسۇلمان ئەللىرىگە قارىغاندا دىننى ياخشىراق تۇتۇپ ماڭغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلە ئوتتۇرىغا تاشلىنىپ) بۇ ھەقتە پەتىۋا سورالغاندا، بۇ زات مۇنداق جاۋاب بەرگەن: دۆلەتلەرنىڭ شارائىتى ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى، بۇ مەسىلە زامانىمىزدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر مۇسۇلمان (ئۆزى ياشاۋاتقان كۇفرى ئېلىدىن) ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنى (بولغان بەزى مۇسۇلمان ئېلىگە) قايتىپ كەتسە دىنى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچىرايدىغان، ھالبۇكى كۇفرى ئېلىدا سالامەت قالىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. ئەگەر بىز، مۇسۇلمانلارنىڭ كۇفرى ئەللىرىدە ئولتۇراقلىشىشى ھارام دېسەك، ئۇ ھالدا ئۇلارنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىدىغان ۋە ئولتۇراقلىشىشىغا رۇخسەت قىلىدىغان ئىسلامىي دۆلەت نەدە؟
ئاللاھ بۇ زاتقا رەھمەت قىلسۇن.
زەكەرىيا ئەنسارى ئەششافائىي « «أسنى المطالب»» ناملىق ئەسىرىىنىڭ (4-جىلد 207-بېتىدە) مۇنداق دېگەن:
ئەگەر (كۇفرى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئەللەردە ياشاۋاتقان) مۇسۇلمانلارنىڭ شۇ ئەلدە دىنىنى ئوچۇق ئاشكارا يۈرگۈزۈشى مۇمكىن بولمىسا، ئۇ ھالدا كۈچى يەتكەنلىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كۇفرى ئەللىرىدىن مۇسۇلمانلار ئەللىرىگە ھىجرەت قىلىش پەرىزدۇر. («أسنى المطالب» ناملىق ئەسىرىىنىڭ 4-جىلد 207-بېتىگە قارالسۇن.)
مالىكىي فەقىھى، ئىمام ئىبنى ئەرەبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھىجرەتنىڭ مەنىسى (دىنىنى قوغداش ئۈچۈن) دارۇل ھەرب (كۇفرى ھۆكۈمرانلىقىدىكى دىيار) تىن ئايرىلىپ دارۇل ئىسلام (مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنى) غا بېرىش دېگەنلىكتۇر. ھىجرەت پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدىمۇ پەرز ئىدى. بۇ ھۆكۈم ئۆز جېنىنىڭ (زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىشىدىن) ئەنسىرىگەنلەر ئۈچۈن ئۇ زاتتىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى كىشىلەر ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. (ئىمام شەۋكانىينىڭ «نەيلۇل ئەۋتار» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8-جىلد، 33-بېتىگە قاراڭ)
ھافىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «مەن مۇشرىكلار ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان ھەر بىر مۇسۇلماندىن ئادا-جۇدامەن» (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 2645-نومۇرلۇق ھەدىس؛ شەيخ ئەلبانى (ۋاپاتى:1999-يىلى) سەھىھ ئەبۇ داۋۇدتا بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن.) دېگەن بۇ ھەدىسى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:
بۇ ھەدىس مۇشرىكلار دىيارىدا ئۆز دىنىنى تۇتۇپ تۇرۇشتا خاتىرىجەملىك-ئەمىنلىككە ئېرىشەلمىگەن كىشىلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دارۇل كۇفردىن دارۇل ئىسلامغا كۆچۈشى كېرەكلىكىگە) قارىتىلىدۇ. (سەھىھۇل بۇخارىنىڭ شەرھى «فەتھۇل بارى» ناملىق ئەسەردىكى 2825-نومۇرلۇق ھەدىس ۋە ئۇنىڭ شەرھىگە قاراڭ.)
دارۇل ھەرب: كۇفۇر قانۇنى يۈرگۈزۈلىدىغان ھەر قانداق زېمىننى كۆرسىتىدۇ. دارۇل ھەربتە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىدىن بىرى ھىجرەتتۇر. دارۇل ھەربتىن ھىجرەت قىلىش توغرىسىدا فەقىھلەر كىشىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈركۈمگە ئايرىغان:
ئا- ھىجرەت پەرز بولغانلار: دارۇل ھەربتە دىنىنى ئوچۇق ئاشكارا يۈرگۈزەلمىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجرەت قىلىشقا قۇربى يەتكەنلىرى بۇ تۈرگە (يەنى ھىجرەت پەرز بولغان مۇسۇلمانلار تۈرىگە) تەۋە ھېسابلىنىدۇ. ھىجرەتكە قۇربى يېتىدىغان بىر ئايالنىڭ مەھرىمى بولمىغان تەقدىردىمۇ ـــ ئەگەر ئۇ سەپەرنى بىخەتەر ھېس قىلسا، ياكى ھىجرەت سەپىرىنىڭ خەتىرى دارۇل ھەربتە ياشىغاندىكى خەتەرگە قارىغاندا تۆۋەن ھېسابلانسا ـــ ئۇنىڭغا ھىجرەت قىلىش پەرز ھېسابلىنىدۇ.
ئە ـ ھىجرەت قىلىش پەرز ھېسابلانمايدىغانلار: كېسەللىك ۋە ياكى دارۇل ھەربتە تۇرۇشقا مەجبۇرلىنىش دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ھىجرەت قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان كىشىلەر، ياكى ئاجىز ئاياللار، بالىلار قاتارلىقلار بۇ تۈرگە تەۋە. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«پەقەت ئەرلەردىن، ئاياللاردىن، بالىلاردىن چارىسىز قالغان (يەنى ھىجرەت قىلىشقا چارە تاپالمىغان)، يول بىلمەيدىغان ئاجىزلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.»(سۈرە نىسا- 98-ئايەت)
ب ـ ھىجرەت قىلىش پەرز ئەمەس مۇستەھەب ھېسابلىنىدىغانلار: ھىجرەت قىلىشقىمۇ قۇربى يېتىدىغان، شۇنداقلا دارۇل ھەربتىمۇ ئۆز دىنىنى ئوچۇق ئاشكارا يۈرگۈزەلەيدىغان كىشىلەر بۇ تۈرگە تەۋە. بۇنداق كىشىنىڭ جىھادقا قاتنىشىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ھىجرەت قىلىشى مۇستەھەب ھېسابلىنىدۇ.
[ئۇيغۇر دىيارىدا ھىجابلىق مۇسلىمەلەرنى، دىنىي ئۇستازلارنى، دىن ئۆگەنگۈچىلەرنى، تەقۋالىق يولىنى تۇتقۇچىلارنى، ئۆيلىردە دىنىي-كىتاب ماتېرىياللارنى ساقلىغانلارنى، سورۇنلاردا كىشىلەرگە ئاللاھ يولىدا بىرەر ئېغىز بولسىمۇ ھەق سۆزلەپ ھارام-ئازغۇنلۇق-زالالەتتىن چەكلىگەنلەرنى، ساقال قويغانلارنى، ئىشتاننى ھوشۇقىدىن ئاشۇرماي كىيگەنلەرنى، يۈزىنى ياپقانلارنى، يۈزىنى ياپماستىن ھىجابلانغانلارنى، نەزىر بەرمىگەنلەرنى، نەزىرگە بارمىغانلارنى، نەزىردە پولو يېمىگەنلەرنى، كومپارتىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇشلىرىغا يۇۋاشلىق بىلەن ماسلاشمىغان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنى … تۇتۇپ-سولاش، ئۆلتۈرۈش، ھەتتا ئىپپىتىگە تاجاۋۇز قىلىش قاتارلىق كومپارتىيە تېرورلۇقى قاپلاپ كەتكىنى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەر بىر كىشىگە ئايان. نەچچە ئون يىللاردىن بېرى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان، يۇرتتىكى قانلىق ۋەھىمىدىن ئەنسىرەش سەۋەبلىك يۇرتقا بېرىشتىن جېنى سىقىلىۋاتقان بەزى بىر كىشىلەرنىڭ چەتئەللەردە بەدبەخت كوممۇنىستلارنىڭ قانلىق باستۇرۇشىدىن ئامان ھالدا دىنىنى ئەركىن تۇتۇپ مېڭىۋاتقان كىشىلەرنى «يۇرتقا قايتىپ كېتىپ، ياكى يۇرتتىن چىقماي تۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلىقى ساقلاش» دېگەن شەيتانىي گەپ بىلەن ئۇلارغا يۇرتقا قايتىپ كېتىشىنى تەشەببۇس قىلىشى نە قۇرئانغا، نە ھەدىسكە، نە ئۆلىمالارنىڭ شەرئىي ئاساستا چىقارغان ھۆكۈملىرىگەن، نە ئىنسانىي ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمىغان باتىل تەشەببۇستۇر. ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش يۇرتتا تۇرىۋېلىپ زالىمنىڭ تۈرمىگە سولىشى، ئۆلتۈرۈشى، دىنىنى بۇزۇشى بىلەن بولمايدۇ. بەلكى، ھىجرەت ئارقىلىق كۈچلۈنۈپ، زالىمنىڭ غۇلاپ چۈشىشى ئۈچۈن ۋە دىننىڭ ئەزىز بولۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بىلەن بولىدۇ. «يۇرتقا قايتىپ كېتىپ، ياكى يۇرتتىن چىقماي تۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلىقى ساقلاش» تەك خاتا تەشەببۇسنى ياقىلايدىغان كىشىلەرگە مۇستەھكەم ئىمان ۋە ساغلام ئەقىل تىلەيمىز. ھالبۇكى، بۇ تەشەببۇستىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئۇيغۇن بولغىنى ئۆز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ جېنى ۋە دىنىنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن ھىجرەت يولىنى تاللاپ، ئىسلام زېمىنلىرىدا تۇرۇپ قېلىشىغا كۈچ چىقىرىشتۇر.-تەرجىماندىن. ھىجرىيە 1436، مىلادىيە 2015-يىلى]
(ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تور بېكىتى [islamqa.info] نىڭ 13363-نومۇرلۇق پەتىۋاسى. سۈننەت يولى تەرجىمە قىلدى.)
ئىمام ئەبۇ داۋۇد سۇنەنىنىڭ جىھاد كىتابىغا «ھىجرەت توغرىسىدا: ھىجرەت ئاخىرلىشامدۇ؟» دەپ ماۋزۇ قويۇپ، مۇنۇ ھەدىسنى خاتىرىلىگەن:
مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«تاكى تەۋبە ئاخىرلاشمىغۇچە ھىجرەت ئاخىرلاشمايدۇ، تاكى كۈنى غەرىبتىن چىقمىغۇچە تەۋبە ئاخىرلاشمايدۇ.» (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 2479-نومۇرلۇق ھەدىس؛ مۇھەددىس ئەلبانى «سەھىھ» دېگەن؛ مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 4-99؛ دارىمى- كىتاب ئەسسىيار 2-239؛ سەھىھ جامىئۇسسەغىر 7436)[تەرجىماندىن]