نىفاسدار ئايال قاچان ناماز باشلايدۇ؟ | مۇھەددىس سۇلايمان ئۇلۋان

نىفاسدار ئايال قاچان ناماز باشلايدۇ؟

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مۇھەددىس ئالىم سۇلايمان ناسىر ئەلئۇۋان مۇنداق دېگەن:

نىفاس مۇددىتىنىڭ داۋاملىشىش مۇددىتىنىڭ تۆۋەن چېكى توغرىسىدا جۇمھۇر ئۆلىمالار ھېچقانداق چەك بېكىتمىگەن. ئايال كىشى پاكلانغىنىنى كۆرسە – يەنى قاچانكى قان توختىسا – غۇسل قىلىپ نامازنى باشلايدۇ.

ئىمام تىرمىزى جامىئىدا مۇنداق دېگەن: ساھابىلەرنىڭ، تابىئىنلارنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئالىملارنىڭ قارىشىدا، نىپاسدار ئايال پاكلانمىغان قىرىق كۈن مۇددەت ئىچىدە ناماز ئوقۇمايدۇ. ناۋادا قىرىق كۈن توشماي تۇرۇپ قاندىن پاكلانغىنىنى كۆرسە، (قان توختىغان ھامان) غۇسل قىلىپ نامىزىنى باشلايدۇ. (يەنى: نىفاسدارلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى قىرىق كۈن، ئەڭ تۆۋەن چېكىدە ھېچقانداق بەلگىمە يوق. مەسىلەن، ئونىنچى كۈنى قاندىن پاكلانغان نىپاسدار ئايال، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە يۇيۇنۇپ نامىزىنى باشلايدۇ. قىرىق كۈن ئۆتۈپمۇ قېنى توختىمىغان ئايال، قىرىق كۈن توشقاندىن باشلاپ، قېنى توختىمىسىمۇ نامىزىنى باشلايدۇ. چۈنكى، نىپاسدارلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك قىرىق كۈندۇر.)

ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تورىنىڭ 10488-نومۇرلۇق پەتىۋاسىنىڭ بىر قىسىمىنىڭ تەرجىمىسى.

مۇناسىۋەتلىك پەتىۋا:

نىفاس مۇددىتى قانچىلىك، ئۇنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن چېكى بارمۇ؟

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ