فىقزۇل مۇيەسسەر: شەرىئەتتە ئوغرىنىڭ قولى نەدىن، قانداق كېسىلىدۇ؟
«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
تىلغا ئېلىنغان شەرتلەر تولۇق بولۇپ، قول كېسىش كېرەك بولسا ئوغرىنىڭ ئوڭ قولى بېغىشىدىن كېسىلىدۇ. قولى كېسىلگەندىن كېيىن ئوغرىنىڭ قولى ئوت بىلەن داغلىنىش ئارقىلىق، ياكى قاينىتىلغان ياغقا پاتۇرۇلۇش ئارقىلىق، ياكى قان ئېقىشنى توختىتىپ يارىنىڭ ئېتىلىشىنى روياپقا چىقىرىدىغان باشقا بىر يول بىلەن قان ئېقىش توختىتىلىدۇ. بۇنداق قىلىش بىلەن قولى كېسىلگەن كىشى ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلمەيدۇ. ئوغرى ئىككىنجى قېتىم ئوغرىلىق قىلسا سول پۇتى كېسىلىدۇ.