فىقھۇل مۇيەسسەر: نامازدىكى سۈننەتلەر قايسى؟

[65] ئالتىنجى مەسىلە: نامازنىڭ سۈننەتلىرى

 

«فىقھۇل مۇيەسسەر»دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

نامازنىڭ سۈننىتى ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ: (1) پېئىلغا ئالاقىدار سۈننەت؛ (2) سۆزگە ئالاقىدار سۈننەت

(1) پېئىلىي سۈننەت (ھەرىكەت ئارقىلىق قىلىنىدىغان سۈننەت): ناماز باشلاش تەكبىرىدە، رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن ئىككى قولنى كۆتۈرۈش. بۇنىڭ دەلىلى: مالىك ئىبنى خۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازغا كىرسە ‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دەيتتى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرەتتى. رۇكۇغا بارسا قوللىرىنى كۆتۈرەتتى، بېشىنى رۇكۇدىن كۆتۈرگەندە يەنە قوللىرىنى كۆتۈرەتتى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامازنى مۇشۇنداق ئوقۇغانلىقىنى ئېيتاتتى.(مۇسلىم 391)

قىيامدا (نامازدىكى ئۆرە تۇرۇش ھالىتىدە) ئوڭ قولنى سول قولنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ھەر ئىككى قولنى كۆكسىنىڭ ئۈستىگە قويۇش، نامازدا سەجدە قىلىدىغان يەرگە قاراپ تۇرۇش، ئۆرەت تۇرغان ھالىتىدە پۇتلىرىنى بىر-بىرىگە چاپلىۋالماسلىق، رۇكۇ ھالىتىدە بارماقلىرى ئارىسىنى ئېچىپ تىزىنى قاماللاپ تۇتۇش، دۈمبىسىنى يەر بىلەن پاراللېل ھالەتتە تۈپتۈز تۇتۇش، بېشىنىمۇ دۈمبىسى بىلەن ئوخشاش تەكشلىكتە تۇتۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پېئىلىي سۈننەتتۇر.

(2) سۆزگە ئالاقىدار سۈننەت: ئىستىفتاھ دۇئاسى (سۇبھانەكە دۇئاسى) ئوقۇش؛ ئەئۇزۇ بىسمىللاھ دېيىش؛ سۈرە فاتىھەنى ئوقۇپ بولۇپ ئارقىسىدىن باشقا سۈرە ئوقۇش؛ رۇكۇ ۋە سەجدىدىكى تەسبىھلەرنى بىر قېتىمدىن كۆپ دېيىش؛ سالام بېرىشتىن ئاۋۋال، تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇشتىن كېيىن دۇئا قىلىش.


«فىقھۇل مۇيەسسەر»دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ