تەركىۋىدە ئاقسىل بولغان مۇھىم يېمەكلىكلەر
مۇجتەھىدلەر تورى تەييارلىدى
خەلقئارالىق تىببىي تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ ئاقسىل ھەققىدىكى دوكلاتلىرىدا ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر كلوگرامى بىر كۈندە 0.8 گرام ئاقسىلغا ئېھتىياجلىق دېيىلگەن. مەسىلەن، ئون كلوگراملىق بىر بوۋاق ھەر كۈنى سەككىز گرام ئاقسىل ئىستېمال قىلىشقا موھتاج. ئاتمىش كلوگراملىق بىر ئايال كىشى كۈنىگە 48 گرام ئاقسىلغا ئېھتىياجلىق. سەكسەن كلوگراملىق بىر ئەر كۈنىگە 64 گرام ئاقسىلغا ئېھتىياجلىق. بەدەنگە ئىزچىل ھالدا نورمىدىن كام ئاقسىل تولۇقلاش سەۋەبلىك، بەدەندە ئاقسىل كامچىللىق مەيدانغا چىقىدۇ. ئاقسىل ئىنسان بەدىنىدە چوقۇم بولۇشى كېرەك بولغان ئالتە تۈرلۈك ئېلىمېنتنىڭ بىرى بولۇپ، ئاقسىل كامچىللىق ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە سەۋەپ بولىدۇ.
تۆۋەندە ئىنچىكە تەكشۈرۈشلىرىمىز ئاساسىدا قولغا كەلتۈرگەن، كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەر تەركىۋىدىكى ئاقسىل مىقدارىنى بايان قىلىمىز.
بادام. يۈز گرام بادامدا 21 گرام ئاقسىل مەۋجۇت. ياڭاق. يۈز گرام ياڭاقتا 15 گرام ئاقسىل مەۋجۇت. يەر ياڭىقى (خاسىڭ). يۈز گرام يەر ياڭىقىدا 26 گرام ئاقسىل مەۋجۇت.
(ئادەتتە پۇرچاق تۈرىدىكى باشقا بارلىق يېمەكلىكلەر تەركىۋىدە ئاقسىل مەۋجۇت)
بروكولى. بىر ئىستاكان بروكولىدا بەش گرام ئاقسىل مەۋجۇت. يېشىل پۇرچاق. بىر ئىستاكان يېشىل پۇرچاقتا ئون گرام ئاقسىل مەۋجۇت. قامچا پۇرچاق. بىر ئىستاكان قامچا پۇرچاقتا بەش گرام ئاقسىل مەۋجۇت. پالەك. بىر ئىستاكان پالەكتە ئالتە گرام ئاقسىل مەۋجۇت.
قوڭۇر گۈرۈچ. بىر ئىستاكان قوڭۇر گۈرۈچ (بۇلگۇر) دا بەش گرام ئاقسىل مەۋجۇت.
كال سۈتى. بىر ئىستاكان كالا سۈتىدە 8 گرام ئاقسىل مەۋجۇت. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى. (دۇفۇ) بىر ئىستاكان پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدا 20 گرام ئاقسىل مەۋجۇت.پەينىر (پىشلاق). يۈز گرام پەينىردە 11 گرام ئاقسىل مەۋجۇت. (سۈت تۈرىدىكى، قېتىقمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، بارلىق ئوزۇقلۇقلاردا ئاقسىل مەۋجۇت) تۇخۇم. بىر تال تۇخۇمدا ئالتە گرام ئاقسىل مەۋجۇت. توخۇ گۆشى. يۈز گرام توخۇنىڭ تۆش گۆشىدە 24 گرام ئاقسىل مەۋجۇت. بېلىق گۆشى. يۈز گرام بېلىق گۆشىدە تەخنىمەن 30 گرام ئاقسىل مەۋجۇت. قوي گۆشى. يۈز گرام قوي گۆشىدە 29.2 گرام ئاقسىل مەۋجۇت. كالا گۆشى. يۈز گرام كالا گۆشىدە 26 گرام ئاقسىل مەۋجۇت.
مۇجتەھىدلەر تورى تەييارلىدى
mujtehid.com
ئۆزىڭىزنىڭ ۋە بارچە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇڭ.