ئىمام نامازدا جامائەتنىڭ ئورنىغا نېمىلەرنى قىلىدۇ؟

[93] بەشىنجى مەسىلە: ئىمام جامائەتنىڭ ئورنىغا نېمىلەرنى قىلىدۇ

«فىقھۇل مۇيەسسەر»دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

ئاشكارا قىرائەتلىك نامازلاردا ئىمام جامائەتنىڭ ئورنىغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئەبۇ ھۇرەيرە بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمام پەقەت ئۇنىڭغا ئەگىلىشى ئۈچۈن تۇرغۇزۇلدى. (ئىمام) قىرائەت قىلسا قۇلاق سېلىڭلار.»(ئەبۇ داۋۇد 604؛ نەسائىي 1-146؛ ئىبنى ماجە 846؛ ئەھمەد 2-420؛ ئەلبانى ھەسەن سەھىھ دېگەن) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمگە بىراۋ ئىمام بولسا، ئىمامنىڭ قىرائىتى ئۇنىڭمۇ قىرائىتى ھېسابلىنىدۇ.»(ئەھمەد 3-339؛ ئىبنى ماجە 850؛ ئەلبانى-‹ئەلئىرۋائ› نىڭ 500-نومۇرلىقىدا ‹ھەسەن› دېگەن)

ئەگەر، مەخپىي قىرائەتلىك ناماز بولسا، ئىمامنىڭ جامائەتنىڭ ئورنىغا فاتىھەنى ئوقۇش مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ. (مەخپىي قىرائەتلىك نامازلاردا ئىماممۇ، جامائەتمۇ ئۆز ئالدىغا قىرائەت قىلىدۇ.)

[94] ئالتىنجى مەسىلە: ئىمامدىن ئاۋۋال ھەرىكەت قىلىش

ئىمامدىن ئاۋۋال ھەرىكەت قىلىش جامائەتكە دۇرۇس ئەمەس. مەسىلەن، ئىقتىدا قىلىدىغان ئىمامدىن بۇرۇن (ئاللاھۇ ئەكبەر، دەپ) ناماز باشلاش تەكبىرىنى (ئەرەبچىسى: ‹ئىفتىتاھ› تەكبىرىنى) ئېيتقان كىشى نامازنى باشلىغان ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئىمامدىن كېيىن ئوقۇشى ئۇنىڭ ئىمامغا ئىقتىدا قىلىشىدىكى شەرتلەردىن بىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئەكسىنى قىلغۇچى بۇ شەرتنى ئورۇندىمىغان بولىدۇ. شۇنداقلا، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان جامائەتنىڭ ۋەزىپىسى نامازدىكى پېئىللارنى ئىمامدىن كېيىن قىلىشتۇر. تۆۋەندىكى ھەدىس بۇنىڭ دەلىلىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمام ئۇنىڭغا ئەگىشىلىشى ئۈچۈن تۇرغۇزۇلدى. شۇڭا، ئىمام ‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دېسە، سىلەرمۇ ‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دەڭلار. ئۇ رۇكۇ قىلسا سىلەرمۇ رۇكۇ قىلىڭلار. ئۇ ‹سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە› دېسە، سىلەر ‹رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ› دەڭلار. ئىمام سەجدە قىلسا، سىلەرمۇ سەجدە قىلىڭلار.»(بۇخارى 389؛ مۇسلىم 411)

ئەگەر، ئىمامغا ئىتقدا قىلغۇچى نامازدىكى ھەرىكەتلەردە ياكى سالام بېرىپ نامازدىن چىقىشتا ئىمام بىلەن تەڭ ھەرىكەت قىلسا، بۇنداق قىلىش ـ سۈننەتكە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن- مەكرۇھتۇر، ئەمما ئىمام بىلەن تەڭ ھەرىكەت قىلىش نامازنى بۇزمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق كىشى نامازنىڭ رۇكۇنلىرىدا ئىمام بىلەن تەڭ ھەرىكەت قىلغان ھېسابلىنىدۇ. (ئەسلى بەلگىلەنگىنى: ئىمام بىلەن تەڭ ھەرىكەت قىلىش ئەمەس، ئىمامغا ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئىدى.) نامازدا ئىمامدىن ئاۋۋال ھەرىكەت قىلىش ھارام. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەندىن ئاۋۋال رۇكۇغا، سەجدىگە بارماڭلار، مەندىن ئاۋۋال قىيام ئۈچۈن تۇرماڭلار.»(مۇسلىم 416) بىر مەسىلىدىكى چەكلىمە ئۇ ئىشنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ ئىمامدىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمامدىن بۇرۇن بېشىنى كۆتۈرگەن كىشى، بېشىنىڭ ئېشەكنىڭ بېشىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلىشىدىن قورقمامدىغاندۇ؟»(بۇخارى 691؛ مۇسلىم 427)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ