تاراۋىھ نامىزىنى 20 رەكئەت ئوقۇش بىدئەتمۇ؟
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن
كىشى تەراۋىھ نامىزىنى ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام شافىي ياكى ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبى بويىچە يىگىرمە رەكئەت ئوقۇسا؛ ياكى ئىمام مالىكنىڭ مەزھىبى بويىچە 36 رەكئەت، ۋەيا 13 رەكئەت، ۋەيا 11 رەكئەت ئوقۇسا، ئىمام ئەھمەدنىڭ ئېيتقىنىدەك، ياخشى قىلغان ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، تەراۋىھ نامىزى ئۈچۈن رەكئەت سانى بەلگىلەنگەن ئەمەس. رەكئەت سانىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشى قىرائەتنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشىغا ئاساسەن ئۆزگۈرىدۇ. (ئەلئىختىيارات، 84-بەت)
قال شيخ الإسلام ابن تيمية :
والتراويح إن صلاها كمذهب أبي حنيفة ، والشافعي ، وأحمد : عشرين ركعة أو : كمذهب مالك ستا وثلاثين ، أو ثلاث عشرة ، أو إحدى عشرة فقد أحسن ، كما نص عليه الإمام أحمد لعدم التوقيف فيكون تكثير الركعات وتقليلها بحسب طول القيام وقصره .
الاختيارات ص ( 64 )
ئىمام تىرمىزى «جامىئۇت تىرمىزى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «كۆپچىلىك ئالىملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆمەر، ئەلىي ۋە باشقا ساھابىلىرىدىن رىۋايەت قىلىنغىنى تاراۋىھ نامىزىنى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇشتىن ئىبارەت، دەپ بىلىدۇ. بۇ ئىمام سۇفيان سەۋرى، ئىمام ئىبنى مۇبارەك ۋە ئىمام شافىي قاتارلىقلارنىڭ كۆز قارىشىدۇر. ئىمام شافىي: تەراۋىھنى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇش بىزنىڭ دىيارىمىز مەككىدىن ئۆگەنگىنىمدۇر، ئۇلار مەككىدە يىگىرمە رەكئەت تەراۋىھ ئوقۇيدۇ. (جامىئۇت تىرمىزى، 3-169)
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
ئەھلى ئىلىمنىڭ ئىجمائىغا بىنائەن تاراۋىھ نامىزى سۈننەتتۇر. بىزنىڭ كۆز قارىشىمىز شۇكى، تەراۋىھ نامىزى ئون تەسلىم بىلەن يىگىرمە رەكئەت ئوقۇلىدۇ. تەراۋىھ نامىزىنى يالغۇز ئوقۇسىمۇ، جامائەت بىلەن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ (جامائەت بىلەن ئوقۇش يالغۇز ئوقۇشتىن ئەۋزەل). (ئەلمەجمۇئ، 4ـ31)
وقال النووي :
صلاة التراويح سنة بإجماع العلماء ، ومذهبنا أنها عشرون ركعة بعشر تسليمات وتجوز منفردا وجماعة . » المجموع » ( 4 / 31 ) .
مۇھەددىس ئىمام ئىبنى بەتتال رەھىمەھۇللاھ سەھىھ بۇخارى شەرھىدە مۇنداق دېگەن:«ھەممىگە مەلۇملۇق بولغىنى شۇكى، رامزاندا يىگىرمە رەكئەت تاراۋىھ ئوقۇش ئۆمەر ۋە ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنغان.» (ئىبنى بەتتالنىڭ سەھىھ بۇخارىغا شەرھىسى، 3ـ141)
ـــ مۇجتەھىدپەر پەتىۋالىرى بلوگى