تاھارەتتە باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش مۇستەھەپمۇ؟
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
تاھارەت ئالغان باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش توغرىسىدا بىر نەچچە رىۋايەت كەلگەن بولۇپ، ئەھلى ھەدىس باشچىلىقىدىكى ئومۇمىي مۇھەددىسلەردىن تەركىپ تاپقان زور كۆپچىلىك دىن ئىماملىرى تاھارەتتە باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى زەئىپ دەپ رەت قىلغان. ئۇلار تاھارەتتە باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش رىۋايەتلىرىنى تاھارەتتە باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىشنى ئاشكارا ۋە ئومۇمىي ھاللەتتە كۆرسىتىدىغان ساناقسىز سەھىھ ھەدىسلەرگە زىت دەپ پەقەتلا ئېتىبارغا ئالمىغان.
ھەدىس كىتاپلىرىدا باشقا بىر قېتىم مەسھ قىلىش توغرىسىدا كۆپلىگەن سەھىھ ھەدىسلەر كۆپلەپ نەقىل قىلىنغان. شۇنداقلا، باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بىر نەچچە زەئىپ رىۋايەتلەرمۇ نەقىل قىلىنغان.
تۆۋەندە بۇھەقتىكى ھەدىسلەرنى ۋە ھەدىس ئالىملىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش ھەققىدىكى بىر نەچچە رىۋايەتنىڭ زەئىپلىكىنى، ئەكسىچە بىر قېتىم مەسىھ قىلىش ھەدىسىنىڭ ئىختىلاپسىز سەھىھ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ سايىسىدە باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش مۇستەھەپ دېيىشنىڭ دەلىل نۇقتىسىدىن بەكلا ئاجىز ۋە ئېتىبارسىز قاراش ئىكەنلىكىنى روشەنلەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز.
باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىشنى كۆرسىتىدىغان بىر تۈركۈم سەھىھ ھەدىسلەر:
تابىئىن ئەبۇ ھەييە رەھىمەھۇللاھ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: (عَنْ أَبِي حَيَّةَ، عَنْ عَلِيٍّ، أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ ـ صلى الله عليه وسلم ـ مَسَحَ رَأْسَهُ مَرَّةً )«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئېلىپ بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلدى.» (سەھىھ ئىبنى ماجە، 355-ھەدىس؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قۇلاق باشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.» (ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلاتتى. (سەھىھ ئىبنى ماجە، 363-ھەدىس، ئەلبانى ھەسەن دېگەن)
ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: (عَنْ عُثْمَانَ بْنِ عَفَّانَ، قَالَ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ ـ صلى الله عليه وسلم ـ تَوَضَّأَ فَمَسَحَ رَأْسَهُ مَرَّةً) «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىپ بېشىغا بىر قېتىم مەسھ قىلغانلىقىنى كۆردۈم.» (سەھىھ ئىبنى ماجە 354؛ ئەلبانىي سەھىھ دېگەن)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: (عَنْ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ أَبِي أَوْفَى، قَالَ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ ـ صلى الله عليه وسلم ـ تَوَضَّأَ ثَلاَثًا ثَلاَثًا وَمَسَحَ رَأْسَهُ مَرَّةً )«مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىپ ئەزالىرىنى ئۈچ قېتىم يۇغىنىنى، بېشىغا بولسا بىر قېتىم مەسىھ قىلغىنىنى كۆردۈم.» (سەھىھ ئىبنى ماجە 341؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
ئەلىي ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلىنى بايان قىلىپ (عَن عليٍّ رضيَ اللَّهُ تَعالى عنهُ – في صِفةِ وضوءِ النَّبيِّ صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ – قال : ومَسحَ برأسِهِ واحدةً) «بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلدى» دېگەن. (مۇھەددىس ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي بۇ ھەدىسنى بۇلۇغۇلمەرامدا نەقىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي ۋە تىرمىزىي توپلىغان. نەسائىي ۋە تىرمىزىمۇ بۇ ھەدىسنى سەھىھ سەنەد بىلەن نەقىل قىلغان. ھەتتا ئىمام تىرمىزى بۇ ھەدىسنى باشقا مەسىھ قىلىش توغرىسىدىكى ئەڭ سەھىھ ھەدىس دېگەن؛ ئىبنى ھەجەر بۇنىڭ ئوخشىشىدىكى ھەدىسنى «تەلخىسۇل خەبىر» ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلىپ، ئىسنادى سەھىھ دېگەن)
تابىئىنلاردىن ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبى لەيلامۇنداق دەيدۇ: مەن ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تاھارەت ئالغىنىنى كۆردۈم. ئۇ قوللىرىنى ئۈچ قېتىمدىن يۇدى، يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلدى. ئاندىن «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇشۇ شەكىلدە تاھارەت ئالغىنىنى كۆردۈم» دېدى. (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 115؛ ئەلبانى سەھىھ ئەبۇ داۋۇدتا سەھىھ دېگەن؛ شۇئەيب ئەرنائۇت تەخرىج سۇنەن ئەبۇ داۋۇدتا سەھىھ دېگەن)
ئىمام بۇخارى «سەھىھۇل بۇخارى» تاھارەت كىتابىدا، «42-باب: باشقا بىر قېتىم مەسھ قىلىش» دەپ ماۋزۇ قويغان. ئىمام بۇخارىنىڭ باب ماۋزۇسىغا «باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىش» دەپ ئېنىق ئىپادە قوللىنىشى، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدە كەسكىن ھالدا باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىنىدىغانلىقى قانائىتىدە ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ھەممە ئىسلام ئالىملىرى ۋە ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئۇ زاتنىڭ سەھىھ بۇخارىدىكى ھەدىسلەرنىڭ بېشىغا قويغان ماۋزۇسىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ ۋە بۇ خىل ماۋزۇلارنى دەلىل سۈپىتىدە قوللىنىدۇ.
ئىمام بۇخارى «باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىش» دەپ ماۋزۇ قويغاندىن كېيىن، مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان:
ۋۇھەيب ئىبنى يەھيادىن، ئۇ دادىسىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:
ئەمر ئىبنى ئەبۇ ھەسەننىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى زەيدە رەزىيەللاھۇدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قانداق تاھارەت ئالغانلىقىنى سورىغىنىنى كۆرگەن ئىدىم. ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قاچىدا سۇ كەلتۈردى، ئاندىن ئۇلار (غا كۆرسىتىش) ئۈچۈن مۇنۇ ھالەتتە تاھارەت ئالدى:
بىر ئوچۇم سۇنى ئالقىنىغا تۆكتى ۋە شۇ ھالەتتە قوللىرىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا تىقىپ ئۈچ ئوچۇم سۇ بىلەن ئاغزىنى چايقاپ، بۇرنىغا سۇ ئالدى ۋە مىشقىردى. ئاندىن قولىنى قاچىغا تىقىپ سۇ ئېلىپ يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا تىقىپ بېلەكلىرىنى جەينىكىگىچە ئىككى قېتىمدىن يۇدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا تىقىپ، بېشىغا مەسھ قىلدى. قوللىرىنى بېشى ئۈستىدە بىر ئالدىغا، بىر ئارقىغا ماڭغۇزدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا تىقىپ (سۇ ئېلىپ)، پۇتلىرىنى يۇدى.
ئىمام بۇخارى مۇنداق دەيدۇ: بىزگە مۇسا ۋۇھەيبتىن: (ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلدى، دەپ رىۋايەت قىلدى. (بۇخارى، 192-ھەدىس)
بۈيۈك مۇھەددىس ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇلبارىدا بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن:
تاھارەت ئالغاندا يۇيۇشنىڭ ئەكسىدە مەسھ قىلىش ئاسانچىلىق يارىتىش ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغان ھۆكۈمدۇر. مەسھنى بىردىن كۆپ قېتىم تەكرارلاش شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن بولسا، ئۇ ھالدا مەسھ قىلىش شەكىل جەھەتتىن يۇيۇشقا ئوخشاپ قالغان بولاتتى. باشنى يۇيۇش تاھارەتتە دۇرۇس بولسىمۇ، تاھارەت ئالغان كىشىنىڭ بېشىنى مەسھ قىلىشتىن ئۆتۈپ يۇيۇشىنىڭ مەكرۇھلىقى توغرۇلۇق ئەھلى ئىلىم ئىتتىپاققا كەلگەن.
مەسھ قىلىشنىڭ بىردىن ئارتۇق بولمايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەلىلى ئىمام ئىبنى خۇزەيمە ۋە باشقا ھەدىس ئىماملىرى سەھىھ دەپ باھالىغان، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس يولى بىلەن يېتىپ كەلگەن تاھارەت ئېلىش شەكلى توغرىسىدىكى ھەدىستۇر. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن:«كىم بۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋەتسە يامان ئىش قىلغان ۋە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ.» سەئد ئىبنى مەنسۇر رەھىمەھۇللاھنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بېشىغا بىر قېتىم مەسھ قىلغانلىقى ئوچۇق شەكىلدە بايان قىلىنغان. بۇ دەلىللەر باشقا مەسھ قىلغاندا بىر قېتىمدىن كۆپ مەسھ قىلىشنىڭ مۇستەھەپ ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. (فەتھۇلبارى، 192-ھەدىسنىڭ شەرھى)
ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇلبارىدا 159-ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دەيدۇ:
ئىمام شافىي «تاھارەت ئەزالىرىنى ئۈچ قېتىم يۇيغانغا ئوخشاش، مەسھنىمۇ ئۈچ قېتىم قىلىش مۇستەھەپ» دېگەن. مۇسلىمدىكى «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر بىر ئەزاسىنى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇو تاھارەت ئالدى» ھەدىسىنىڭ دەماللىقا مەناسى ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىغا دەلىل سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ قاراشقا مۇنداق ئېتىراز بىلەن جاۋاپ بېرىلگەن: مۇسلىمدىكى ھەدىس مۇجمەلدۇر، باشقا سەھىھ ھەدىسلەر مەسھنىڭ تەكرارلانمىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلغان. شۇ ۋەجىدىن مۇسلىمدىكى ھەدىسنىڭ ئومۇمىي ھالەتتە سۆزلەنگەن ياكى يۇيۇلىدىغان ئورگانلارغا قارىتىلغان. ئىمام ئەبۇ داۋۇد سۈنەنىدە مۇنداق دېگەن:«ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.» ئىمام ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن:«مەسھ قىلىشتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سادىر بولغىنى، بىر قېتىم مەسىھ قىلىشتۇر.»(فەتھۇلبارى، 159-ھەدىسنىڭ شەرھىنىڭ بىر قىسمى)
مۇھەددىس ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇنىڭدىن سىرت «بۇلۇغۇلمەرام» ناملىق ھەممىگە مەشھۇر ھەدىس كىتابىدا تاھارەت بۆلىمىدە ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇنىڭ بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلىش ھەدىسىنىلا زىكىر قىلغان، كىتابىغا ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كىرگە بېشىغا ئۈچ قېتىم مەسھ قىلدى دېگەن ھەدىسىنى كىرگۈزمىگەن.
مۇھەددىس، فەقىھ ئىبنى قۇدامە مەقدىسى «ئەلمۇغنى» ناملىق ئەسىرىدە
«باشقا تەكرار مەسىھ قىلىش توغرىسىدا» دەپ مەخسۇس بىر باپ قويۇپ مۇنداق دېگەن: سەھىھ كۆز قاراش شۇكى، باشقا بىردىن ئارتۇق مەسىھ قىلىش سۈننەت ھېسابلانمايدۇ. بۇ ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام مالىكنىڭمۇ قارىشىدۇر. ئىمام تىرمىزى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئىزباسار بولۇپ كەلگەن ئالىملارنىڭ زور كۆپچىلىكىگە كۆرە باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىنىدۇ.»-سۇنەن تىرمىزى،1-جىلد، 50-بەت.
مۇھەددىس، فەقىھ ئىبنى قۇدامە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلىنى خەۋەر قىلغان ھەممە ساھابە ئۇ زاتنىڭ بېشىغا بىر قېتىم مەسھ قىلغانلىقىنى، باشقا ئەزالىرىنى بولسا ئۈچ قېتىمدىن يۇيغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇلارنىڭ باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىش شەكلىدە رىۋايەت قىلىشى، مەسىھنىڭ مۇشۇ شەكىلدە داۋام قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرمەكتە. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەڭ پەزىلەتلىك ۋە ئەڭ كامىل بولغان ئەمەلنى داۋاملاشتۇرۇپ قىلغان. تاھارەتتىكى مەسھ شەكلى مۇشۇ- بىر قېتىم مەسىھ قىلىشتۇر. تەيەممۇمدىكى مەسىھ، سەللىگە مەسىھ قىلىش ۋە باشقا شەكىلدىكى مەسىھ ھالەتلىرىدىمۇ ئوخشاشلا بىردىن ئارتۇق مەسىھ قىلىشنىڭ سۈننەتتە ئورنى يوق. (ساھابىلەرنىڭ باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىپ) «بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالغان تاھارەتتۇر» دېيىشى، ئۇ زاتنىڭ تاھارىتىنىڭ دائىم مۇشۇ خىل شەكىلدە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارىتىنىڭ شەكلىنى بايان قىلىشىنىڭ بىردىن بىر سەۋەبى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ داۋاملىق ئالغان تاھارىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولغان. ناۋادا رەسۇلۇللاھتىن پەرقلىق تاھارەت ئېلىش سادىر بولغان بولسا، ساھابىلەر «رەسۇلۇللاھ مۇشۇنداق تاھارەت ئالغان» دېمىگەن بولاتتى. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكلى، ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ پەرقلىق ھالەتتە تاھارەت ئالغىنىنى كۆرمىگەن. بۇ ۋەجىدىن، رەسۇلۇللاھنىڭ دائىملىق تاھارەت ئېلىش شەكلىگە قارشى رىۋايەتتە بۇلۇنغان) بىر راۋىي توغرىسىدا ئېچىقلىما يۈزدە يۈز ھالدا ئۇ راۋىينىڭ خاتا رىۋايەت قىلىش سەۋەبى بىلەن سەھىھ بولمىغان ئىپادە قوللانغانلىقى ئېنىقتۇر، بۇنىڭدىن باشقىسى مۇمكىن ئەمەس.
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە «باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلدى» دەپ كەلگەن.(ئەبۇ داۋۇد، 1-79) بۇ ھەدىس سەھىھ ئەمەس. بۇ ھەقتە ئىمام ئەبۇ داۋۇد مۇنداق دېگەن:«ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن باشقا سەھىھ ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان راۋىيلەر رىۋايىتىدە تاھارەتتە ھەممە ئەزلارنى ئۈچ قېتىم يۇغانلىقىنى بايان قىلغانيۇ، باشقا كەلگەندە «مەسھ قىلدى» دەپ بايان قىلىپ، باشقا ئەزالارنى يۇغاندىكى تەكرار قېتىم سانىنى باشنى مەسىھ قىلىشقا قوللانمىغان.»(سۇنەن ئەبۇ داۋۇد، 1-80)
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سەھىھ ھالەتتە كەلگىنى، ئۇ زاتنىڭ تاھارەت ئەزالىرىنى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇپ، بېشىنى بىر قېتىم مەسھ قىلىش ۋە باشنى مەسىھ قىلىشقا (باشقا ئەزالارغا ئوخشاش ئۈچ قېتىم) دېگەن ئىپادىنى قوللانماسلىقىدۇر. بۇخارى ۋە مۇسلىم ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇشۇ شەكىلدە رىۋايەت قىلغان. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سىرتىدا باشقا مەسىھ قىلىشقا سان بەلگىلىگەن راۋىيلارنىڭ رىۋايىتى سەھىھ ئەمەس. بۇنىڭدىن سىرت، ھەدىس ھافىزلىرىغا قارشى رىۋايەتتە بولغان بىر راۋىي – ئىشەنچىلىك راۋىي بولغان تەقدىردىمۇ – ئۇنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش قائىدىسى بار تۇرسا، بۇ خىسلەتلەرگە ئىگە بولمىغان راۋىيغا قانداق ھۆكۈم قىلغۇلۇق؟(ئىشەنچىلىك سانالمىغان راۋىيلار ھەدىس ھافىزلىرىغا مۇخالىپ رىۋايەتتە بولسا، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا يالغانچى دەپ ھۆكۈم قىلىنىشتىن قۇتۇلالمايدۇ.) (ئىمام ئىبنى قۇدامە، ئەلمۇغنى1-70، 71-، 72-بەتلەر)
ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھتىن مۇنداق سورالغان:
ئالىملار باشقا سۇ بىلەن بىر قېتىم مەسىھ قىلىنىدۇ دەيدىكەن، بەزىسى ئۈچ قېتىم دەيدىكەن، بۇنىڭ قايسىسى توغرا؟
جاۋاب: توغرىسى باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىشتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېشىغا مەسىھ قىلغاندا بېشىنىڭ ئالدىدىن باشلاپ گەدەنگىچە مەسىھ قىلىپ، ئاندىن قوللىرىنى مەسىھنى باشلىغان يەرگىچە قايتۇرۇپ كەلگەن. سۈننەت مۇشۇ شۇ. باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلغانلىق توغرىسىدا بەزى رىۋايەتلەر بولۇپ، بۇ رىۋايەتلەر سەھىھ ئەمەس. باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىش بولسا رەسۇلۇللاھنىڭ پېئىلىدىن سەھىھ ھالەتتە يېتىپ كەلگەن…
باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر:
ھۇمراندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: (أيتُ عثمانَ بنَ عفانٍ توضأ فذكر نحوَه ولم يذكر المضمضةَ والاستنشاقَ وقال فيه ومسح رأسَه ثلاثًا ثم غسل رجلَيه ثلاثًا ثم قال رأيتُ رسولَ اللهِ صلَّى اللهُ عليهِ وسلَّمَ توضأ هكذا وقال من توضَّأ دون هذا كفاه) مەن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تاھارەت ئالغىنىنى كۆردۈم… بېشىغا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلدى، ئاندىن پۇتلىرىنى ئۈچ قېتىم يۇدى ۋە مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇنداق تاھارەت ئالغىنىنى كۆردۈم. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «كىمكى مۇشۇنىڭدىن (يەنى ئۈچ قېتىمدىن) كام يۇيۇپ تاھارەت ئالسا، تاھارىتى ئۇنىڭغا كۇپايە بولىدۇ.» ــ سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 107
ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ بولۇپ، ھەدىسنىڭ زەئىپلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: «ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىنىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر.»(سۇنەن ئەبۇ داۋۇد، 1-80) بۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مۇھەددىس ئىمام ئىبنى قۇدامەمۇ «بۇ ھەدىس سەھىھ ئەمەس» دېگەن، ۋە بۇ ھەقتە ئىمام ئەبۇ داۋۇدقا ئوخشاش ھۆكۈم قىلغان.
شەقىق ئىبنى سەلەمەدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:
مەن ھەزىرتى ئوسماننىڭ تاھارەت ئالغىنىنى كۆردۈم. بېلەكلىرىنى ئۈچ قېتىم يۇيۇپ، بېشىغا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلدى. ئاندىن «رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇنداق تاھارەت ئالغىنىنى كۆردۈم» دېدىم. (ئەبۇ داۋۇد 110)
ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلىپ بولۇپ مۇنداق دېگەن: ۋەكىئتىن بۇ ھەقتە كەلگەن رىۋايەتتە (باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش لەۋزى يوق ھالەتتە) «ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالدى» دەپلا كەلگەن. مۇھەددىس ئەزىم ئابادى بۇ ھەدىسنىڭ زەئىپلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنانىدىكى ئامر ئىبنى شەقىق زەئىپ راۋىيدۇر. (غايەتۇل مەقسۇد، 1340) مۇھەددىس ئەزىم ئابادى ئەۋنىل مەئبۇدتىمۇ ئوخشاشلا بۇ ھەدىستە ئامىر ئىبنى شەقىق زەئىپ راۋىي دەپ، بۇ ھەدىسنىڭ زەئىپلىكىنى بىلدۈرگەن. (ئەۋنىل مەئبۇد، 1-94)
مۇھەددىس شۇئەيب ئەرنائۇت بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ھەدىسنىڭ ئىسنادى زەئىپ، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سەھىھ يول بىلەن يېتىپ كەلگىنى باشقا بىر قېتىملا مەسىھ قىلىشتۇر. (تەخرىج سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 110) بۇ ھەدىسنى مۇھەددىس زەيلەئىي نصب الراية دە نەقىل قىلىپ «بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنانىدا ئامر ئىبنى شەقىق بار، يەھيا ئىبنى مەئىين ئۇنى زەئىپ دېگەن» دەپ ھەدىسنىڭ زەئىپلىكىنى بىلدۈرگەن. (نصب الراية 1-31)
رەسۇلۇللاھنىڭ بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلغانلىقىنى ئاشكارا لەۋز بىلەن بايان قىلغان نەچچىلىگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى ماقالىمىزنىڭ بېشىدا نەقىل قىلدۇق. شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھنىڭ بىر قېتىم مەسىھ قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدىغان سەھىھ ھەدىسلەردىن يالغۇز بۇخارى ۋە مۇسلىمدىلا نەچچىسى بار. باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىش ھەدىسلىرى سۆزسىز سەھىھ، باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش رىۋايىتى پېىشۋا مۇھەددىسلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ۋە سەھىھ رىۋايەتلەر بىلەن كەلگەن رەسۇلۇللاھنىڭ پېئىلىغا زىت دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمىغان. شۇنداق تۇرسىمۇ شەيخ ئەلبانىنىڭ باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش توغرىسىدىكى رىۋايەتنى ھەسەن سەھىھ دېيىشىنى تۇتۇۋېلىپلا، باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش مۇستەھەپ دېيىش زامانىمىزنىڭ بۈيۈك مۇھەددىسى، مۇجەددىد ئىمام شەيخ ئەلبانىيغا قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ناۋادا تاھارەت ئالغاندا باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش ھەدىسى توغرىسىدا ھەدىس ئالىملىرىنىڭ تەنقىدىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ، ئۇلۇغ ئالىم ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ دېگەندەك بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلەرنى ھەسەن سەھىھ دېگەن تەقدىردىمۇ، باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلغان ھەدىسلەر سەھىھلىك جەھەتتىن ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش ھەدىسىدىن ھەر جەھەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت سانىمۇ كۆپ. باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش رىۋايىتى باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىش ھەققىدىكى سەھىھ ھەدىسلەرىگە مەزمۇن جەھەتتىن قارشى. ھەدىسشۇناسلىق قائىدىسىدە: ھەسەن ھەدىس سەھىھ ھەدىسكە تاقاشسا، سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇش كېرەك بولىدۇ. ئەھۋال بۇنداق بولغان ئىكەن، باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىش سەھىھ ھەدىسلىرىگە تاقاشقان باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش رىۋايىتىنى قوبۇل قىلماستىن، باشقا بىر قېتىم مەسىھ قىلىش بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇش ھەر جەھەتتىن سۆزسىز توغرا.
يۇقىرىدا مۇھەددىس ۋە فەقىھ ئالىم ئىبنى قۇدامەنىڭ «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەڭ پەزىلەتلىك ۋە ئەڭ كامىل بولغان ئەمەلنى داۋاملاشتۇرۇپ قىلغان» دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلغان ئىدۇق. بۇ ناھايىتى مۇھىم سۆز بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ھەر قانداق ئەمەلنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىنى تاللاپ، ئىزچىل قىلغان. تاھارەت ئالغاندا باشقا مەسىھ قىلىش قۇرئان، سۈننەت ۋە ئەھلى ئىلىمنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن پەرزدۇر. تاھارەت ئالغاندا باشقا مەسىھ قىلىنمىسا تاھارەت توغرا بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ تاھارىتى توغرىسىدىكى يۈزلىگەن سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئاشكارا ياكى ئومۇمىي مەنادا تاھارەتتە بېشىغا بىر قېتىملا مەسىھ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بېسىپ قىلغان ئەمىلى.
ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش بولسا ھەدىس ئالىملىرى ۋە فەقىھلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنغاننى ئاز دەپ، ھچبىر زامان رەسۇلۇللاھنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان ئەمىلى ئەمەس.
تاھارەت ئېلىپ باشق ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىشنىڭ مۇستەھەپ بولۇشى ئۈچۈن يا رەسۇلۇللاھتىن باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىشنى ماختىغان سەھىھ ھەدىس كېلىشى، ياكى ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلغانلىقىنى كۆپلەپ نەقىل قىلغان ۋە بۇ نەقىللەر بىر قېتىم مەسىھ قىلىش ھەدىسلىرىدىن تېخىمۇ سەھىھ ياكى سان جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ بولغان بولۇشى كېرەك بولىدۇ.
ئەمما، باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش توغرىسىدا رەسۇلۇللاھتىن سۆز ياكى پېئىل ئارقىلىق بۇنىڭ مۇستەھەپلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ھېېچنەرسە يېتىپ كەلگەن ئەمەس.
ئومۇمىي ھەدىس ئالىملىرىنىڭ قارىشىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ، باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىش ھەدىسىنى ھەسەن دېگەن بۈيۈك ئالىم ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھنىڭ ۋىديولۇق ئاۋازلىق بايانلىرىدىمۇ رەسۇلۇللاھ بەزىدە ئۈچ قېتىم بېشىغا مەسىھ قىلغان دەپ ئېنىق ئېيتقان. بۇمۇ ھەم، باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىشنىڭ مۇستەھەپ ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىزچىل بېسىپ قىلغان ئەمىلىگە ئوخشىمىغان ھالدا بەزىدە قىلغان ئەمىلىنى ھېچقاچان مۇستەھەپ دېگىلى بولمايدۇ.
ئەھۋال بۇنداق بولغان ئىكەن، ئاجىز، زەئىپ ھەدىستىكى خەۋەرلەگە ئاساسەن باشقا ئۈچ قېتىم مەسىھ قىلىشنى مۇستەھەپ دەۋېلىش، كۈچلۈك سەھىھ ھەدىسلەرگە ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دائىمىي پېئىلىغا دۈمبىسىنى قىلىۋېلىش بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ، زامانىمىزدىكىدەك تەكشۈرۈپ ئىزدىنىش ئىنتايىن قولايلىشىپ كەتكەن شارائىتتا تېخىمۇ شۇنداق.
ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى.