تەپسىرۇل مۇيەسسەر: بەيينە سۈرىسى تەپسىرى

تەپسىرۇل مۇيەسسەر: بەيينە سۈرىسى تەپسىرى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

[98:1] يەھۇدىي، خىرىستىئان ۋە مۇشرىكلاردىن تەشكىل تاپقان كاپىرلار قۇرئاندىن ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلاردا ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئالامەت ئۆزلىرىگە كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن يانغۇچى بولمىدى. (ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئالامەتمۇ كەلدى، ئەمما ئۇلار يەنىلا كۇفرىدا چىڭ تۇردى.)

[98:2] بۇ ئالامەت پاك سەھىپىلەردىكى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىدىغان ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدۇر.

[98:3] ئۇ سەھىپىلەردە ھەققە ۋە توغرا يولغا يەتكۈزىدىغان توغرا خەۋەرلەر ۋە ئادىل ھۆكۈملەر بار.

[98:4] ئۆزىگە كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىي ۋە خىرستىئانلار مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرى كىتابلىرىدا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈپەتلىرى تاپقانلىقى ئۈچۈن ئۇ زاتنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا پەقەت ئۇ زاتنىڭ تەۋرات ۋە ئىنجىلدا ئۆزىلىرىگە خۇش خەۋەر سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىلگەندىن كېيىن ئىختىلاپقا چۈشتى. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرى يەھۇدىي ۋە خىرستىئانلار ئۇ زاتنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر پىكىردە ئىدى. بىراق، ئۇ پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەندە ئۇلار ئۆز-ئارا ئىختىلاپلاشتى. يەھۇدىي، خىرىستىئان ۋە مۇشرىكلاردىن بەزىلىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىمان ئېيتتى؛ بەزىلىرى زۇلۇم ۋە ھەسەت يۈزىسىدىن ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلدى.

[98:5] ھالبۇكى، بارلىق شەرىئەتلەردە شۇ شەرىئەتكە ئەگەشكۈچىلەرگە شىركتىن يۈز ئۆرۈش ئارقىلىق ئىمانغا يۈزلەنگەن كىشىلەردىن بولغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئىبادەتلەردە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش، نامازنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىش ۋە زاكاتنى بېرىش ئەمر قىلىنغان ئىدى. توغرا دىن مانا مۇشۇدۇركى، بۇ توغرا دىن ئىسلامدۇر.

[98:6] ھەقىقەت شۇكى، يەھۇدىي، خىرىستىئان ۋە مۇشرىكلاردىن تەشكىل تاپقان كاپىرلارنىڭ جازاسى ئىچىدە مەڭگۈ قالىدىغان جەھەننەم ئوتىدۇر. ئەنە شۇلار، ھەقىقەتەن مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ناچىرىدۇر.

[98:7] ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.

[98:8] قىيامەت كۈنى ئۇلارغا سارايلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىق-ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان، ناھايىتى گۈزەل بولغان، مەڭگۈ قالىدىغان جەننەتلەر رەببى تەرىپىدىن مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغان ۋە سالىھ ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلغاندۇر. ئۇلار رەببىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان تۈرلۈك ئىھسانلىرى سەۋەبلىك رەببىدىن رازى بولغانلار ئىدى. بۇنداق گۈزەل مۇكاپات ئاللاھتىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا ئىسيانكارلىق قىلىشتىن ساقلانغان كىشىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان. (تەپسىرۇل مۇيسسەر، سۈرە بەييىنە تەپسىرى)

mujtehid.com

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ