تەپسىرۇل مۇيەسسەر: سۈرە قەدرنىڭ تەپسىرى
تەپسىرۇل مۇيەسسەردىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
[97:1] بىز قۇرئاننى شەرەپلىك ۋە پەزىلەتلىك بىر كېچىدە نازىل قىلدۇق. بۇ كېچە رامزان ئېيىدىكى كېچىلەردىن بىرىدۇر.
[97:2] ئى پەيغەمبەر! قەدر ۋە شەرەپ كېچىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
[97:3] قەدر كېچىسى مۇبارەك كېچە بولۇپ، قەدر كېچىسى قىلىنغان سالىھ ئەمەل قەدر كېچىسى بولمىغان مىڭ ئايلىق ئەمەلدىن ياخشىدۇر. بۇ ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەتكە قىلغان پەزلىدۇر.
[97:4] بۇ كېچىدە پەرىشتىلەر ۋە جىبرىل رەببى بۇ يىلدا يۈز بېرىشىنى تەقدىر قىلغان ھەر بىر ئىش ئۈچۈن رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەكرار تەكرار چۈشىدۇ.
[97:5] بۇ كېچىدە تاكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر ئەمىنلىك-تېنىچلىق بولۇپ، بۇ كېچىدە ھېچبىر يامانلىق يوقتۇر.