زاكاتنى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان سەككىز تۈرلۈك كىشىنىڭ ھەممىسىگە تەڭ بېرىمىزمۇ؟

[184] ئۈچىنجى مەسىلە: زاكات تارقىتىلىدىغاندا (ئايەتتە) تىلغا ئېلىنغان سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە زاكاتتىن نېسىۋېسىنى بېرىش شەرتمۇ؟

فىقھۇل مۇيەسسەردىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

سەھىھ كۆز قاراش شۇكى، زاكات تارقىلىغاندا (ئايەتتە) تىلغا ئېلىنغان سەككىز تۈرلۈك كىشىنىڭ ھەممىسىگە زاكات بېرىش شەرت ئەمەس. زاكات بۇ سەككىز تۈرلۈك كىشىدىن قايسى بىرىگە بېرىلسە يېتەرلىك بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: «سەدىقىلىڭلارنى (زاكىتىڭلارنى) ئاشكارا بەرسەڭلار بۇ ياخشىدۇر. ھالبۇكى، سەدىقىلىرىڭلارنى (زاكىتىڭلارنى) مەخپىي ھالدا پېقىرلارغا بەرسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ خەيرلىكتۇر.»(سۈرە بەقەرە 271)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «زاكات بايلاردىن ئېلىنىپ نامراتلارغا بېرىلىدۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم) دېگەن سۆزى يۇقارقى سۆزىمىزنى قوللايدۇ، شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «بىزگە زاكات كەلگۈچە ۋە بىز ساڭا زاكتتىن بېرىلىشىنى بۇيرۇغىنىمىزغا قەدەر يېنىمىزدا تۇر» (مۇسلىم 1044) دېگەن سۆزىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ.

مانا بۇ دەلىللەر ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ «سەدىقە (زاكات) پەقەت پېقىرلارغا…بېرىلىدۇ»(سۈرە تەۋبە، 60-ئايەت) دېگەن سۆزىنىڭ مەقسىدىنىڭ زاكات ئېلىشى لايىق بولغانلارنى بايان قىلىش ئىكەنلىكىنى، زاكات تارقىتىلغاندا زاكاتنى بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان (سەككىز تەبىقە) نىڭ ھەممىسىگە بېرىشنىڭ شەرت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

[183] تۆتىنجى مەسىلە: زاكاتنىڭ بىر شەھەردىن باشقا شەھەرگە يۆتكۈلۈشى

زاكاتنىڭ زاكات تەۋە شەھەردىن باشقا شەھەرگە يۆتكۈلۈشى دۇرۇس. باشقا شەھەر (مۇسۇلمانلىرى) نىڭ زاكات تەۋە شەھەر (مۇسۇلمانلىرى) دىن بەكراق نامرات بولۇشى ياكى زاكاتنى بېرىدىغان كىشىنىڭ ئۆز شەھىرىدىكى نامراتلار بولغىنىدىن سىرت، باشقا شەھەردىمۇ نامرات تۇغقانلىرىنىڭ بولۇشى (زاكاتنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىن باشقا شەھەرگە يۆتكۈلۈشىنى دۇرۇس قىلىدۇ.)

چۈنكى، زاكاتنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېرىش بىلەن (شەرىئەتتە كۈتۈلگەن) مەنپەئەت ھاسىل بولىدۇ. يەنى، زاكات ئۇلارغا بېرىلگەن ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقانلىق رىشتىسىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولىدۇ.

زاكاتنىڭ باشقا شەھەرگە يۆتكۈلۈشى دۇرۇس دېگەن قاراش توغرا قاراش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ «سەدىقىلەر (زاكاتلار) پېقىرلەرگە ۋە يوقسۇللارغا…بېرىلىدۇ»(سۈرە تەۋبە، 60-ئايەت) دېگەن ئايىتىنىڭ ئومۇمىي مەنىسىدىن جاھاننىڭ ھەممە يېرىدىكى پېقىرلار ۋە يوقسۇللار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ