زاكاتنى ئۆزى تۇرۇشلۇق يۇرتتىكىلەرگە بەرمەي، باشقا يۇرتتىكىلەرگە بېرىشكە بولامدۇ؟

[183] تۆتىنجى مەسىلە: زاكاتنىڭ بىر شەھەردىن باشقا شەھەرگە يۆتكۈلۈشىنىڭ ھۆكمى

«فىقھۇل مۇيەسسەر»دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

زاكاتنىڭ زاكات تەۋە شەھەردىن باشقا شەھەرگە يۆتكۈلۈشى دۇرۇس. باشقا شەھەر (مۇسۇلمانلىرى) نىڭ زاكات تەۋە شەھەر (مۇسۇلمانلىرى) دىن بەكراق نامرات بولۇشى ياكى زاكاتنى بېرىدىغان كىشىنىڭ ئۆز شەھىرىدىكى نامراتلار بولغىنىدىن سىرت، باشقا شەھەردىمۇ نامرات تۇغقانلىرىنىڭ بولۇشى (زاكاتنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىن باشقا شەھەرگە يۆتكۈلۈشىنى دۇرۇس قىلىدۇ.)

چۈنكى، زاكاتنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېرىش بىلەن (شەرىئەتتە كۈتۈلگەن) مەنپەئەت ھاسىل بولىدۇ. يەنى، زاكات ئۇلارغا بېرىلگەن ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقانلىق رىشتىسىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولىدۇ.

زاكاتنىڭ باشقا شەھەرگە يۆتكۈلۈشى دۇرۇس دېگەن قاراش توغرا قاراش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ «سەدىقىلەر (زاكاتلار) پېقىرلەرگە ۋە يوقسۇللارغا…بېرىلىدۇ»(سۈرە تەۋبە، 60-ئايەت) دېگەن ئايىتىنىڭ ئومۇمىي مەنىسىدىن جاھاننىڭ ھەممە يېرىدىكى پېقىرلار ۋە يوقسۇللار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ