فىقھۇل مۇيەسسەر: فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولۇشىنىڭ ھېكىمىتى نېمە؟

[177] ئۈچىنچى مەسىلە: فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولۇشىنىڭ ھېكىمىتى

فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولۇشىنىڭ بەزى ھېكىمەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) روزا تۇتقان كىشىنىڭ روزىدار ھالەتتە سۆزلىگەنلىك ئېھتىمالى بولغان يامان سۆزلەردىن ۋە بىھۇدە ئىشلاردىن پاكلىنىشى.

(2) پېقىر ۋە يوقسۇللارنىڭ ھېيىت كۈنىدە تىلەمچىلىك قىلىشتىن قۇتۇلۇش ۋە فىتىر زاكىتى ئارقىلىق خۇشال بولۇشىغا سەۋەب بولۇش. بۇنىڭ بىلەن ھېيىت كۈنى جەمئىيەتتىكى پۈتۈن كىشىلەر ئۈچۈن سۆيۈنۈش ۋە خۇشاللىق كۈنى بولىدۇ. بۇ ھال ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىستە ئىپادىلىنىدۇ:

«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنى روزا تۇتقان كىشىلەرنىڭ سۆزلىگەن يامان سۆزلەردىن ۋە قىلغان بىھۇدە ئىشلاردىن پاكلىنىشى؛ يوقسۇللارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن پەرز قىلغان.»(ئەبۇ داۋۇد 1609؛ ئىبنى ماجە 1827؛ ھاكىم 1-409، سەھىھ دېگەن؛ نەۋەۋى ‹ئەلمەجمۇئ› ناملىق ئەسىرىدە ‹ھەسەن› دېگەن. ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 1492-دە ‹ھەسەن› دېگەن)

(3) فىتىر زاكىتى ئاللاھنىڭ بەندىگە رامزان روزىسىنى ۋە قىيامىنى (يەنى تەراۋىھ نامىزىنى) تاماملاش نېئمىتىنى ۋە بۇ مۇبارەك ئايدا ئۆزى ئۈچۈن قولاي بولغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش نېئمىتىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن بەندىنىڭ ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنى ئوچۇق ئىپادىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

[178] تۆتىنجى مەسىلە: فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولغان مىقدارى ۋە فىتىر زاكىتى ئۈچۈن نېمىلەرنىڭ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولغان مىقدارى شەھەر ئاھالىسى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان بۇغداي، ئارپا، قۇرۇق خورما، كىشمىش، گۈرۈچ، تېرىق قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنىڭ خالىغان بىرىدىن بىر سائتىن بېرىش ياكى پىشلاقتىن بىر سائ بېرىشتۇر. چۈنكى، سەھىھ ھەدىسلەردىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇشۇنداق دېگەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاز ئىلگىرى نەقىل قىلىنغان ھەدىسمۇ مۇشۇ مەنىدىدۇر.

فىتىر زاكىتىنى بىر توپ جامائەتنىڭ بىر كىشىگە بېرىشى دۇرۇس بولغىنىدەك، بىر كىشىنىڭ فىتىر زاكىتىنى بىر نەچچە كىشىگە بېرىشىمۇ دۇرۇستۇر.

يېيىلىدىغان مەھسۇلاتلاردىن باشقىسىنى فىتىر زاكىتى ھېسابىدا بېرىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق قىلىش رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى بۇيرۇقىغا خىلاپ. شۇنداقلا، ساھابىلەرنىڭ ئەمىلىگىمۇ خىلاپ. چۈنكى، ئۇلار فىتىر زاكىتى ئۈچۈن بىر سائ يېمەكلىك بېرەتتى. ھەمدە، فىتىر زاكىتى مۇئەييەن تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى بېرىش پەرز قىلىنغان ئىبادەتتۇر. شۇ سەۋەبتىن، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن تۈردىن باشقىسىنى بەرسە (جۈملىدىن، فىتىر زاكىتى ھېساۋىدا پۇل بەرسە)، بۇ فىتىر زاكىتى ھېسابلانمايدۇ ۋە قوبۇل بولمايدۇ.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ