ئىككىنجى باب: ھەجنىڭ رۇكۇنلىرى ۋە ۋاجىبلىرى
فىقھۇل مۇيەسسەردىن مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
[208] بىرىنجى مەسىلە: ھەجنىڭ رۇكنلىرى
ھەجنىڭ تۆت رۇكنى بار، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
(1) ئىھرام باغلاش. بۇ ھەجگە نىيەت قىلىش ۋە ھەج قىلىشنى مەقسەد قىلىش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، ھەج ئۆز ئالدىغا بىر ئىبادەت بولۇپ، ھەج پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجمائى بىلەن نىيەتسىز مەقبۇل بولمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر» دېگەن سۆزىدۇر. (بۇخارى 1؛ مۇسلىم 1907) نىيەتنىڭ ئورنى قەلب بولسىمۇ، ھەج ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەل بولغىنى قىلماقچى بولغان ھەج ئىبادىتىنى تەيىن قىلىپ، نىيىتىنى تىل بىلەن سۆزلەشتۇر. چۈنكى، بۇنداق قىلىش رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق سابىت بولغان.
(2) ئارافاتتا تۇرۇش. بۇنىڭ ھەجنىڭ رۇكۇنلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىدە ئىجمائ بار. ئارافاتتا تۇرۇشنىڭ دەلىلى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ھەج ـــ ئارافاتتا تۇرۇشتۇر» دېگەن سۆزىدۇر. (تىرمىزى 889؛ ئەبۇ داۋۇد 1949؛ نەسائى 5-256؛ ھاكىم-مۇستەدرەك 2-278؛ ھاكىم ‹سەھىھ› دېگەن. ئەلبانى، سەھىھ نەسائىي 2822-ھەدىس)
(3) زىيارەت تاۋىپى قىلىش. بۇ ئىفادە تاۋىپى ياكى پەرز تاۋاپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، بۇ تاۋاپ ئارافاتتىن قايتقاندىن كېيىن قىلىنىدۇ. زىيارەت تاۋىپىنىڭ ھەجنىڭ رۇكۇنلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىدە ئىجمائ بار. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«ئاندىن كىرلىرىدىن پاكلانسۇن، قۇربانلىقىنى ئورۇندىسۇن ۋە كەئبىنى تاۋاپ قىلسۇن.»(سۈرە ھەج، 29-ئايەت)
(4) سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەيئى قىلىش. بۇمۇ ھەجنىڭ رۇكنىدىن بىرىدۇر. چۈنكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:«بەندە سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا تاۋاپ قىلمىغۇچىلىك، ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ھەججىنىمۇ، ئۆمرىسىنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ.»(مۇسلىم 1277)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا) سەيئى قىلىڭلار، چۈنكى ئاللاھ سەيئى قىلىشىڭلارنى پەرز قىلغان.»(ئەھمەد 6-421؛ ئىبنى خۇزەيمە 2764؛ بەيھەقى 5-98؛ ئەلبانى ‹تەئلىق سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 4-232-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
بۇ رۇكۇنلارنى ئورۇندىمىغۇچە ھەج تاماملانمايدۇ. بۇ رۇكۇنلارنىڭ بىرىنى تەرك ئەتكۈچىنىڭ ھەججى تاكى تەرك ئەتكەن ئۇ رۇكننى ئورۇندىمىغۇچە تاماملانغان ھېسابلانمايدۇ.