دىنىي قېرىندىشىم بىلەن ئاداۋەتلىشىپ قالدىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟

دىنىي قېرىندىشىم بىلەن ئاداۋەتلىشىپ قالدىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇستاز. يېقىن ئۆتىدىغان بىر دىنىي قېرىندىشىم بار ئىدى، مەلۇم بىر ئىش تۈپەيلى ئۇنىڭ بىلەن خاپىلىشىپ قالدىم، كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاداۋەت بار. بۇ ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ماڭا نەسىھەت قىلىپ قويغان بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، مېھرىبان رەببىمىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۆمىن بەندىلىرىنىڭ ئىنتايىن ئىناق ئىتتىپاق ھالدا، ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشۈپ، ئارىلىشىپ ياشىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئاللاھ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئاداۋەتلىشىپ، يۈز ئۆرۈشۈپ، ئىزدەشمەي تاشلىشىپ كېتىشىدىن غەزەپلىنىدۇ.

مۇسۇلماننىڭ دىنىي قېرىندىشىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇشى ھالال بولمايدۇ. ئىمام بۇخارىي ئەنەس ئىبنى مالىكتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ”سىلەر ئۆچەكەشمەڭلار، ئىچى يامانلىق قىلىشماڭلار، ماي تارتىشماڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! قېرىنداشلىرىدەك بولۇڭلار، بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز قېرىندىشىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇشى ھالال ئەمەس“.

مۇسۇلمانغا ھەر قانداق ئىشىدا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىشى پەرزدۇر. مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت ساقلاش دۇرۇس بولمىغاننى ئاز دەپ، ئاللاھ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ئاداۋەت تۇتقۇچىنىڭ گۇناھىنى تاكى ئۇ ئاداۋەت تۇتۇشنى تەرك ئەتمىگۈچە كەچۈرمەيدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ ۋە ئاللاھقا ھېچنېمىنى شېرىك قوشمىغان ھەر بىر بەندە مەغفىرەت قىلىنىدۇ. بىراق دىنىي قېرىندىشى بىلەن ئارىسىدا دۈشمەنلىك-ئاداۋەت بولغانلار مەغفىرەت قىلىنمايدۇ. ئاللاھ ئۇلار توغرىسىدا پەرىشتىلەرگە شۇنداق دەيدۇ: بۇ ئىككىسىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىنى يارىشىپ قالغانغا قەدەر كېچىكتۈرۈڭلار.» (مۇسلىم 4652)

دىنىي قېرىندىشىغا ئاداۋەت تۇتقۇچى مېھرىبان ئاللاھ تائالانىڭ گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىشىدىن ئىبارەت بۈيۈك نېئمەتتىن مەھرۇم قالىدۇ. كىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ھەسرەت بارمۇ؟

سىز ئاداۋەتلىشىپ قالغان ئۇ مۇسۇلمان قېرىندىشىڭىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆپ مۇلاھىزە قىلىڭ، ئۇنىڭ سىزگە قىلغان ياخشى مۇئامىلىلىرىنى ۋە ياخشىلىقلىرىنى ئەسلەڭ. ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىبادەتلىرى ۋە ياخشى خىسلەتلىرىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. شۇنداقلا، ئۇنىڭ ۋەتىنىدىن، ئۇرۇق تۇغقىنىدىن ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان سۆيۈملۈك نەرسىلىرىدىن ئايرىلىپ، ياقا يۇرتتا غۇربەتتە، قىيىنچىلىق ۋە ئازاب ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، دىلى سۇنۇق ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.

بۇ ئارقىلىق ئاشۇ دىنىي قېرىندىشىڭىزغا بولغان ھېسسىداشلىقىڭىزنىڭ ۋە ياخشى كۆرۈشىڭىزنىڭ ئېشىپ، ئۇنىڭغا ئاداۋەت تۇتۇشتىن قول ئۈزۈشىڭىز ۋە ئىلگىرىكىدەك ياخشى مۇناسىۋەتنى داۋام قىلىشىڭىز ئۈمىد قىلىنىدۇ.

بارچە ھەمدىلەر ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملاغا دۇئايى سالاملار بولسۇن.

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ