ھەيزدار ئايال ناماز ئوقۇمدۇ؟ روزا تۇتامدۇ؟
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان:«ئايال كىشى ھەيزدار بولغاندا ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ ئەمەسمۇ؟» ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان بىرلىككە كەلگەن ھەدىس بولۇپ، ئۇزۇ بىر ھەدىستىن ئېلىنغان.(ئىمام ئىبنى ھەجەر «بۇلۇغۇلمەرام 144-نومۇرلۇق ھەدىس)
بۇ ھەدىسنى مەشھۇر مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇركى (ۋاپاتى: ھ 1428-يىلى، م 2006-يىلى) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق شەرھلىگەن: ئىسلام ھەيزدار ئايال كىشىنىڭ ناماز ئوقۇمايدىغانلىقىنى ۋە روزا تۇتمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بىراق، ھەيزدار ھالەتتە تۇتالمىغان روزىسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان ئوچۇق دەلىللەر مەۋجۇت. ھەيزدار ھالىتىدە ئوقۇيالماي قالغان نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ (يەنى تولۇقلاپ ئوقۇمايدۇ.) [سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 144-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى]
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com