فىقھۇل مۇيەسسەر | نامازدا ئىمام بولۇشى مەكرۇھ ھېسابلىنىدىغانلار كىملەر؟

[91] ئۈچىنچى مەسىلە: ئىماملىق قىلىشى مەكرۇھ بولغانلار

«فىقھۇل مۇيەسسەر»دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ ئىمام بولۇشى مەكرۇھتۇر:

(1) كۆپ لەھن قىلىدىغان (يەنى ھەرپ ۋە كەلىمىلەرنى مەنا ئۆزگۈرۈپ كەتكۈدەك دەرىجىدە خاتا ئوقۇيدىغان) كىشىنىڭ ئىماملىقى مەكرۇھتۇر. بۇ يەردىكى لەھن قىلىش (كەلىمىلەرنى مەنىسى ئۆزگۈرۈپ كەتكۈدەك دەرىجىدە خاتا ئوقۇش) سۈرە فاتىھەدىن باشقا سۈرىلەردە لەھن قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مەنانى ئۆزگەرتىۋەتكۈدەك دەرىجىدىكى لەھن (مەنا ئۆزگۈرەپ كەتكۈدەك دەرىجىدىكى خاتا ئوقۇش) سۈرە فاتىھەدە بولسا – يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك – بۇنداق كىشىنىڭ ئۆزىدىن ياخشىراق قىرائەت قىلالايدىغانلار بار ئەھۋالدا ئىماملىق قىلىشى ھارام. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«جامائەتكە ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئەڭ ياخشى ئوقۇيالايدىغان كىشى ئىمام بولىدۇ» دېيىلگەن.

(2) جامائەتنىڭ كۆپ قىسىمى ياكى ھەممىسى ياقتۇرمايدىغان كىشىنىڭ ئىماملىق قىلىشى مەكرۇھ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل كىشىنىڭ نامىزى بېشىدىن بىر غېرىچمۇ ئۆرلىمەيدۇ: باشقىلار ياقتۇرمىغان ھالەتتە ئىماملىق قىلغۇچى…» (ئىبنى ماجە 971؛ نەۋەۋىي ‹ئەلمەجمۇئ› 4-154 تە ھەسەن دېگەن. ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 792-دە ھەسەن دېگەن)

(3) بەزى ھەرىپلەرنى ئوچۇق تەلەپپۇز قىلالمايدىغان، شۇنداقلا بەزى ھەرىپلەرنى ئارتۇق تەلەپپۇز قىلىۋېتىدىغان كىشىنىڭ ئىماملىق قىلىشى مەكرۇھتۇر.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ