فىقھۇل مۇيەسسەر: فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولۇش ۋاقتى ۋە ئۇنى بېرىش ۋاقتى

بەشىنجى مەسىلە: فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولۇش ۋاقتى ۋە ئۇنى بېرىش ۋاقتى

ئىزدەش كەلىمىلىرى: پىتىر زاكىتى، فىتىر سەدىقىسى

فىتىر زاكىتى ھېيىت كېچىسى كۈننىڭ ئولتۇرىشى بىلەن ۋاجىپ بولىدۇ. (يەنى رامزاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن ئولتۇرغان چاغدىكى ئىپتار ۋاقتىدىن باشلاپ ۋاجىپ بولىدۇ.) چۈنكى، رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇشتىن توختاش مۇشۇ چاغدا باشلىنىدۇ. فىتىر زاكىتىنىڭ بېرىلىشىدە ئىككى ۋاقىت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى پەزىلەتلىك ھېسابلانغان ۋاقىت، يەنە بىرى دۇرۇس بولغان ۋاقىتتۇر.

فىتىر زاكىتىنى بېرشىتىكى پەزىلەتلىك ۋاقىت ـــ ھېيىت كۈنى تاڭ سۈزۈلۈشتىن ئېتىبارەن باشلىنىپ، ھېيىت نامىزى ئوقۇلۇشتىن ئازراق ۋاقىت ئىلگىرى ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنىڭ كىشىلەر ھېيىت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى بېرىلىشىنى بۇيرۇدى.»(بۇخارى 1503؛ مۇسلىم 984)

فىتىر زاكىتىنى بېرىشتىكى دۇرۇس ھېسابلانغان ۋاقىت ـــ ھېيىت كۈنىدىن بىر ياكى ئىككى كۈن ئاۋۋالدۇر. چۈنكى، ساھابە كىراملاردىن ئىبنى ئۇمەر ۋە بەزىلىرى مۇشۇنداق قىلغان.

فىتىر زاكىتىنى ھېيىت نامىزىدىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈش دۇرۇس ئەمەس. ناۋادا كېچىكتۈرۈپ بەرسە بەرگىنى ئادەتتىكى سەدىقە بولىدۇ ۋە كېچىكتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك كىشى گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«كىم فىتىر سەدىقىسىنى نامازدىن ئاۋۋا بەرسە، بەرگىنى قوبۇل قىلىنغان زاكات ھېسابىدا بولىدۇ. كىم ئۇنى نامازدىن كېيىن بەرسە، بەرگىنى پەقەت سەدىقىلەردىن بىر سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.»(ئەبۇ داۋۇد 1609؛ ئىبنى ماجە 1872؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 843-تە ‹ھەسەن› دېگەن.)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ