ئۆمرە ھەج قىلىش پەرزمۇ؟
ھەرەم ئالىملىرى يازغان «فىقھۇل مۇيەسسەر» ناملىق ئەسەردە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:
[206] بەشىنجى مەسىلە: ئۆمرىنىڭ ھۆكمى ۋە دەلىللىرى
ئۆمرە كۈچى يېتىدىغان كىشى ئۈچۈن ھاياتىدا بىر قېتىم پەرزدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ «ھەج ۋە ئۆمرىنى ئاللاھ ئۈچۈن ئورۇنداڭلار»(سۈرە بەقەرە 196-ئايەت) ئايىتى بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ئاياللارنىڭ جىھاد قىلىش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟» دەپ سورىغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «شۇنداق، ئۇلارغا ئۇرۇشسىز جىھاد باردۇر. ئۇ بولسىمۇ ھەج ۋە ئۆمرىدۇر» دەپ جاۋاب بېرىشى بۇنىڭغا دەلىلدۇر. (ئەھمەد 6-165؛ ئىبنى ماجە 2901؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 2362-دە سەھىھ دېگەن) شۇنداقلا،پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دادىسى ھەج ۋە ئۆمرە قىلالمىغان، سەپەرگىمۇ چىقالمىغان ئەبۇ رەزىنگە «داداڭنىڭ ئورنىغا سەن ھەج قىل ۋە ئۆمرە قىل» (ئەبۇ داۋۇد 1810؛ نەسائىي 5-111؛ ئىبنى ماجە 2904؛ ئەھمەد 1-244؛ ئەلبانى سەھىھ نەسائىي 2473 تە سەھىھ دېگەن) دەپ بۇيرۇشىمۇ ئۆمرىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. («فىقھۇل مۇيەسسەر»دىن ئېلىنغان نەقىل ئاخىرلاشتى)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان:«ئۆمرە ئۆزىدىن كېيىنكى ئۈمرە ئارىسىدا قىلىنغان گۇناھلار ئۈچۈن كافارەتتۇر. قوبۇل قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپاتى پەقەتلا جەننەتتۇر.» hedisim.com (بۇخارى 1773)
ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىنىڭ ھەج كىتابىدا «ئۆمرىنىڭ ۋاجىپلىقى ۋە پەزىلىتى» دەپ باب ماۋزۇ قويۇپ، بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنى نەقىل قىلغان
ئىمام ئىبنى ھەجەر سەھىھۇل بۇخارىنىڭ شەرھى «فەتھۇل بارى»دا مۇنۇ ھۆكۈملەرنى بايان قىلغان:
ئىمام بۇخارى ئۆمرىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ بۇ جەھەتتە ئىمام شافىي، ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ھەدىس ئەھلى بىلەن بىردەك ھۆكۈمدە (يەنى ئۆمرە قىلىش <سۈننەت ئەمەس> ۋاجىپ دېگەن ھۆكۈمدە) بولغان. (دىققەت: ھەنەفىيلەردىن باشقا ئالىملار «ۋاجىپ» نى «پەرز» بىلەن ئوخشاش دەپ قارايدۇ.)
مالىكىيلەردىن ۋە ھەنەفىيلەردىن نەقىل قىلىنغان مەشھۇر قاراش بولسا ئۆمرىنىڭ (ۋاجىپ ئەمەس) سۈننەت ئىكەنلىكىدۇر.
ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر ئۆمرىنىڭ چوڭ گۇناھلار ئۈچۈن ئەمەس، كىچىك گۇناھلار ئۈچۈن كافارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
يىلدا بىر ئۆمرىدىن ئارتۇق ئۆمرە قىلىشنى مەكرۇھ دەپ قارىغان مالىكىيلەرنىڭ قارىشىنىڭ ئەكسىچە، كۆپ ئۆمرە قىلىش مۇستەھەپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىن نەقىل قىلىنغىنىغا كۆرە، ئۆمرە قىلغان كىشىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈشى ياكى قىسقارتىشى شەرت. (فەتھۇل بارى 4\264)
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى