نامازدا ئىمامنىڭ تۇرىدىغان ئورنى
«فىقھۇل مۇيەسسەر»دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
سۈننەتكە ئاساسەن ئىمام جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. جامائەتنىڭ سانى ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق بولسا ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن تۇرغىنىدا ئالدىغا ئۆتەتتى، ساھابىلار ئۇ زاتنىڭ ئارقىسىدا تۇراتتى. مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇدتا مۇنۇ ھەدىس بايان قىلىنغان:«جابىر ۋە جەببارنىڭ بىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە نامازغا تۇرۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن تۇرۇپ ئۇلارنى كەينىدە تۇرغۇزدى.»(مۇسلىم 3010)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇلارغا ئىمام بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئىمام بولۇپ ئالدىغا چىقتى، بىز ئۇ زاتنىڭ ئارقىسىدا تۇردۇق، ئۇ زات بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز قىلدى.»(مۇسلىم 659)
يۇقارقى ئىككىلى ھەدىس ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشىگە ئىمام بولغۇچىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر.
ئىمامدىن باشقا بىرلا كىشى بولغان تەقدىردە، ئۇ كىشى ئىمامنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىمام بىلەن يانداش تۇرىدۇ. چۈنكى، ئىبنى ئابباس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سول تەرىپىدە نامازغا تۇرغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئوڭ تەرىپىگە ئۆتكۈزۈپ قويغان. ئىبنى مەسئۇدنىمۇ شۇنداق قىلغان. (مۇسلىم 3010)
ئىمامنىڭ جامائەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا (يەنى سەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا) تۇرۇشىمۇ توغرا. چۈنكى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەلقەمە بىلەن ئەسۋەد رەھىمەھۇللاھلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى ۋە «رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېدى.(ئەبۇ داۋۇد 613، ئەبۇ داۋۇد سەھىھ دېگەن؛ ئىرۋائۇل غەلىل 2-319) بىراق، ئىمامنىڭ جامائەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇشى زۆرۈرىيەت ھالىتىدە بولىدۇ. ئەڭ پەزىلەتلىكى ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىلارنىڭ ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇشىدۇر.
ئاياللارنىڭ سېپى ئەرلەرنىڭ سېپىنىڭ ئارقىسىدا بولىدۇ. چۈنكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «مەن ۋە يېتىم رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىىسدا سەپ تۈزدۇق، ياشانغان ئايال ئارقىمىزدا تۇردى» دېيىلگەن.(مۇسلىم 658)