فىقھۇل مۇيەسسەر: جامائەت نامىزىغا ئائىت تۆت مۇھىم مەسىلە

فىقھۇل مۇيەسسەر: جامائەت نامىزىغا ئائىت تۆت مۇھىم مەسىلە

«فىقھۇل مۇيەسسەر»دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

(1) بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى ئۆتكۈر كىشىلەرنىڭ ئىمامغا يېقىن تۇرۇشى مۇستەھەب. پەزىلەتلىك، ئەقىل ئىگىسى ۋە تەمكىن كىشىلەر ئىمامغا يېقىن تۇرىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاراڭلاردا بالاغەتكە يەتكەن، ئەقىل ئىگىلىرى ماڭا يېقىن تۇرسۇن. ئاندىن، ئۇلاردىن كېيىنكىلەر، ئاندىن ئۇلاردىن كېيىنلەر تۇرسۇن.»(مۇسلىم 432)

بۇنىڭ ھېكىمىتى: بۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلەرنىڭ ئىمامدىن ئۆگىنىشى، زۆرۈر بولۇپ قالسا – مەسىلەن، ئىمام قۇرئان ئوقۇغاندا تېنەپ قالسا ئىمامنىڭ ئېسىگە سېلىش، نامازدا ئىمامنىڭ بېشىغا (تاھارىتى سۇنۇپ كېتىش دېگەندەك) بىرەر ئىش كېلىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئىماملىققا تەيىنلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

(2) بىرىنجى سەپتە تۇرۇشقا تىرىشىش. جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىلارنڭ بىرىجى سەپتە تۇرۇشقا غەيرەت كۆرسىتىپ، ئارقىدا قالماسلىققا تىرىشچانلىق قىلىشى مۇستەھەب. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئالدىدا تۇرۇپ ماڭا ئەگىشىڭلار. سىلەردىن كېيىن تۇرغانلار سىلەرگە ئەگەشسۇن. بىر تۈركۈم كىشىلەر كەينىدە تۇرۇشنى داۋام قىلماقتا، ئاقىۋەتتە ئاللاھمۇ ئۇلارنى كەينىدە قالدۇرۇپ قويىدۇ.»(مۇسلىم 438)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەگەر كىشىلەر ئەزان توۋلاشنىڭ ۋە بىرىنجى سەپتە تۇرۇشنىڭ قانداق (بۈيۈك نېئمەت) ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا، بۇنى تالىشىش ئۈچۈن چەك تارتىشتىن باشقا يول تاپالمىسا، چوقۇم ئارىسىدا چەك تاشلىغان بولاتتى.»(مۇسلىم 437)

ئاياللارنىڭ ئارقا سەپتە تۇرۇشى مۇستەھەب. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەرلەرنىڭ سېپىنىڭ ياخشىسى ئالدىنقى سەپتۇر، يامىنى ئاخىرقى سەپتۇر. ئاياللارنىڭ سېپىنىڭ ياخشىسى ئاخىرقى سەپتۇر، يامىنى ئالدىنقى سەپتۇر.»(مۇسلىم 440)

(3) سەپلەرنى تۈز قىلىش ۋە سەپتە زىچ تۇرۇپ، بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش، ئاۋۋالقنى سەپلەرنى تولۇقلاش: ئىمامنىڭ سەپلەرنى تۈز قىلىش، بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش قاتارلىقلارنى ناماز باشلاشتىن ئىلگىرى تەۋسىيە قىلىشى مۇستەھەب. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق قىلغان، «سەپلىرىڭلارنى تۈز قىلىڭلار. چۈنكى، سەپلەرنىڭ تۈز بولۇشى نامازنىڭ ئادا تېپىشىدۇر.»(مۇسلىم 433)

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: ناماز ئۈچۈن قامەت ئوقۇلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزگە يۈزلىنىپ «سەپلىرىڭلارنى تۈز قىلىڭلار. چۈنكى، مەن سىلەرنى ئارقامدىن كۆرۈپ تۇرىمەن» دېدى. (بۇخارى 719)

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن يەنە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:«بىزدىن بىرىمىز مۈرىسىنى يېنىدىكى ھەمراھىنىڭ مۈرىسىگە، پۇتىنى يېنىدىكى ھەمراھىنىڭ پۇتىغا چاپلاپ تۇراتتى.»(بۇخارى 725)

ئاۋۋال بىرىنجى سەپنى، ئاندىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى سەپلەرنى تەرتىپ بويىچە تولدۇرۇش مۇستەھەب. ئەگەر بىر سەپ كام قالىدىغان ئىش بولسا، ئۇ سەپنىڭ ئاخىرقىسى كام قالغاي. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «نېمىشقا پەرىشتىلەرنىڭ رەببى ھوزۇرىدا سەپ تۈزگىنىدەك سەپ تۈزمەيسىلەر؟» دېۋىدى، ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا قانداق سەپ تۈزىدۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ «باشتىكى سەپلەرنى تولۇقلايدۇ ۋە سەپتە زىچ چاپلىشىپ تۇرىدۇ» دېدى.(مۇسلىم 430)

(4) سەپنىڭ ئارقىسىدا يالغۇز تۇرۇپ ناماز ئوقۇش توغرا ئەمەس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سەپنىڭ ئارقىسىدا يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ نامىزى يوق.»(ئەھمەد 4-23؛ ئىبنى ماجە 1003؛ ئىمام ئەھمەد ھەسەن دېگەن؛ بۇسىرى ‹زاۋائىدۇ ئىبنى ماجە› دە سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 822-دە ‹سەھىھ› دېگەن)

رەسۇلۇللاھ سەپنىڭ ئارقىسىدا يالغۇز ناماز ئوقۇغان بىرەيلەننى كۆرۈپ، ئۇنى نامىزىنى قايتا ئوقۇشقا بۇيرۇدى. (ئەھمەد 4-228؛ ئەبۇ داۋۇد 682؛ تىرمىز 230 دا ‹ھەسەن› دېگەن؛ ئىبنى ماجە 1004؛ ئەھمەد شاكىر ‹تىرمىزى ھاشىيەلىرى› دە 1-448-450 تە ‹سەھىھ› دېگەن؛ ئەلبانى ‹سەھىھۇت تىرمىزى› 191-دە ‹سەھىھ› دېگەن)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ