ئىمام ئەھمەد: ئۇسۇل سۈننەت
(بۇ تېمىدىكى غايىمىز — ئىمام ئەھمەدنىڭ «ئۇسۇل سۈننەت» ناملىق ئەسىرىنى ئۆز ئەينى بويىچە تەرجىمە قىلىپ، تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشتۇر.)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ «ئۇسۇل سۈننەت» ناملىق ئەسىرى ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىدىكى — سەلەپ ئەقىدىسىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئۆزگەرمەس، تارتىشىلماس پىرىنسىپلار بايان قىلىنغان ئەسەرۇدر. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ بۇ ئەسەرنى ئۆز قولى بىلەن يازغان بولۇپ، بۇ ئەسەرنى ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە دەرسلىك قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن مىسلىسىز پايدا، مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەڭ لاياقەتلىك ۋارىسىلىرىدىن بىرى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىمامى، سەلەف ئەقىدىسىنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە دىنغا ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردىكى پېشىۋاسى ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ «ئۇسۇل سۈننەت» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرى مۇنداق:
[1] رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ يولىغا چىڭ ئېسىلىش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىش.
[2] بىدئەتلەرنى تەرك ئېتىش؛ بىدئەتنىڭ ھەر قاندىقى ئازغۇنلۇقتۇر.
[3] ئىختىلاپلىشىشنى تەرك ئېتىش. بىدئەتچىلەر بىلەن ئولتۇرۇشنى، ئۈلپەتداش بولۇشنى تەرك ئېتىش.
[4] دىن توغرىسىدا جېدەللىشىش، مۇنازىرىلىشىش ۋە ئىختىلاپلىشىشنى تەرك ئېتىش.
[5] بىزنىڭ نەزىرىمىزدە سۈننەت — رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر.
[6] سۈننەت قۇرئاننىڭ تەپسىرىدۇر. سۈننەت قۇرئاننى ئوچۇقلاشتۇرىدۇ.
[7] سۈننەتتە قىياس يوقتۇر. (يەنى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز، پېئىل ياكى تەستىقى سەھىھ ھالەتتە يېتىپ كەلمىگەن ھەر قانداق بىر ئىشنى، ئەقلىي ئانالىز يولى ئارقىلىق سۈننەت دەۋېلىشقا، ئۇنى سۈننەت قىلىپ بېكىتىۋېلىشكە يول يوق.)
[8] سۈننەتكە ئوخشىتىش، مىسال كەلتۈرۈلمەيدۇ.
[9] سۈننەت ئەقىل-تەپەككۇر، شەخسىي چۈشەنچە، نەپسى-خاھىش بىلەن چۈشىنىلمەيدۇ. ھالبۇكى، سۈننەت (رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرگە) ئەگىشىشتۇر ۋە شەخسىي ئوي-پىكىر، نەپسى-خاھىشنى تەرك ئېتىشتۇر.
(بىرىنچى دەرس تۈگىدى. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى داۋاملىق تۈردە ئاۋۇپ، تولۇقلىنىپ ماڭىدۇ.)