يولۇچى بىر يەردە ۋاقىتلىق چۈشكۈن قىلسا، نامىزىنى قىسقارتىپ ۋە جۈپلەپ ئوقۇمدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
سوئال: يولۇچى بىر يەرگە چۈشكۈن قىلسا، ئۇ يەردە ئون كېچە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تۇرۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلسە، نامازنى قىسقارتىپ ۋە جۈپلەپ ئوقۇمدۇ ياكى تولۇق ئوقۇمدۇ؟
جاۋاب: يولۇچىنىڭ نامىزى توغرىسىدا سۈننەت بولغىنى شۇكى، يولۇچى شام نامىزىدىن باشقا نامازلارنى ئىككى رەكئەت قىلىپ قىسقارتىپ ئوقۇيدۇ، ئېھتىياج بولسا نامازلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇيدۇ. (يەنى پېشىن بىلەن ئەسىرنى بىر ۋاقىتقا بىرلەشتۈرۈپ، باشتا پېشىننى ئىككى رەكئەت ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن ئەسىرنى ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ؛ شام بىلەن خۇپتەننى بىر ۋاقىتقا بىرلەشتۈرۈپ، باشتا شامنى ئۈچ رەكئەت، ئاندىن خۇپتەننى ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ. مانا بۇ يولۇچىنىڭ نامازنى جۈپلەپ ئوقۇشى دېيىلىدۇ.-ت) ئەگەر يولۇچى بىر يەرگە چۈشكۈن قىلغان بولسا، ئەسلىدىكى تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازلارنى ئىككى رەكئەتكە قىسقارتىپ ئوقۇشى، بىراق ئېھتىياج بولمىغۇچە نامازلىرىنى بىرلەشتۈرمەستىن (ئۆز ۋاقتى ئىچىدە) ئوقۇشى سۈننەتتۇر.
يولۇچى ئەگەر ئۆزى چۈشكۈن قىلغان جايدا قانچە كۈن تۇرۇپ قېلىشىنى بىلمىسە، ئۇ يەردە قانچە كۈن قېلىشىدىن قەتئىينەزەر نامازلىرىنى ئىزچىل ھالدا قىسقارتىپ ئوقۇيدۇ. ئەگەر يولۇچى ئۆزى چۈشكۈن قىلغان جايدا بەش كۈن، ئون كۈنى ياكى ئون بەش كۈن قالىدىغانلىقىنى بىلسە، بۇنداق يولۇچى نامىزىنى تولۇق ئوقۇمدۇ ياكى قىسقارتىپ ئوقۇمدۇ دېگەن مەسىلىدە مۇجتەھىد ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار. بۇ ھەقتىكى ئىختىلاپلىق كۆز قاراشتىن ئەڭ ئوچۇق بولغىنى شۇكى، بۇنداق كىشىمۇ ئوخشاشلا نامازلىرىنى قىسقارتىپ ئوقۇيدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇر. (شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە – جامىئۇل مەسائىل ، 4\359) [شەيخۇل ئىسلامنىڭ پەتىۋاسى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى.]
بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ شاگىرتى، شەيخۇل ئىسلام، فەقىھ، مۇھەددىس، مۇپەسسىر، ئىمام ئىبنى قەييىم «زادۇل مەئاد» ناملىق ئەسىرىدە تەپسىلىي توختالغان بولۇپ، تۆۋەندە مەزكۇر ئەسەردىن تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى نەقىللەرنى كەلتۈرىمىز:
* ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل بىر يەردە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇپ قېلىشنى نىيەت قىلغان كىشىنىڭ نامازلىرىنى قىسقارتماي تولۇق ئوقۇيدىغانلىقى، تۆت كۈندىن ئاز تۇرۇپ قېلىشنى نىيەت قىلغان كىشىنىڭ نامازلىرىنى قىسقارتىپ ئوقۇيدىغانلىقى كۆز قارىشىدۇر. تۆت كۈندىنمۇ ئارتۇق تۇرغان تۇرۇقلۇق نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇغانلىق ھەققىدىكى ھەدىس، ئەسەر ۋە سەلەپنىڭ شۇ ھەقتىكى سۆزلىرى ھەققىدە ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: (تۆت كۈندىن ئۇزاق تۇرۇپمۇ نامازلارنى قىسقارتىپ ئوقۇشتىكى سەۋەب) رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلىرى تۇرۇپ قېلىشنى قەتئىيەت بىلەن قارار قىلمىغان، بەلكى بۈگۈن ماڭىمىز، ئەتە ماڭىمىز ئۈمىدى بىلەن تۇرۇپ قالغان.
- ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەسھابى مۇنداق دېگەن: دۈشمەنگە قارشى جىھاد، سۇلتان تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىش ياكى كېسەللىك سەۋەبلىك (بىر يۇرتتا) تۇرۇپ قالغان كىشى ئۈچۈن، مەيلى ئۇ قىسقا مۇددەت ياكى ئۇزۇن مۇددەت ياكى تۇرۇپ قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلسۇن، نامىزىنى قىسقارتىپ ئوقۇيدۇ.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قەييىم بۇ ھۆكۈمنى نەقىل قىلغاندىن كېيىن «بۇ توغرا ھۆكۈمدۇر» دېگەن. - *ئىمام مالىك ۋە ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن: (ئۆز يۇرتى بولمىغان جايدا) تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇپ قېلىشنى نىيەت قىلغان كىشى نامىزىنى تولۇق ئوقۇيدۇ. تۆت كۈندىن ئاز مۇددەت تۇرۇپ قېلىشنى نىيەت قىلغان بولسا، نامىزىنى قىسقارتىپ ئوقۇيدۇ.
- * مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ئوزۇق-تۈلۈكىنى ۋە خۇرجۇنىنى قويمىغۇچە نامازلىرىنى قىسقارتىپ ئوقۇيدۇ. *ئىمام ئىبنى مۇنزىر «ئىشراف» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: (ياقا يۇرتتا مۇساپىرلىق ھۆكمى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغان دەرىجىدە 4 كۈندىن،15 كۈندىن ياكى 19كۈندىن ئارتۇق) تۇرۇپ قېلىشنى نىيەت قىلمىغان كىشىنىڭ يولۇچىلىق ھالى يىللارچە داۋاملاشقان تەقدىردىمۇ، نامىزىنى قىسقارتىپ ئوقۇيدىغانلىقى توغرىسىدا ئالىملار ئىتتىپاققا كەلگەن. [ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ «زادۇل مەئاد» ئەسىرىدىن ئېلىنغان نەقىللەر ئاخىرلاشتى.] — مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورىدىن ئەسكەرتمە: چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىققان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن بىر قىسىمى مۇشۇ ئىشتىمۇ خاتا، ياۋا پەتىۋاغا ئەگىشىپ نەچچە مىڭ رەكئەت پەرز نامىزىنى كام ئوقۇغان بولدى. ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك تەرىپى شۇكى، (مىسالغا ئېلىپ سۆزلىسەك) تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە يەرلىشىپ، ئۇ شەھەردە ئۆيدىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۆي سەرەمجانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك تەل قىلىپ، ئۆي جابدۇقلىرىنى يەرلىك خەلقتىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە تولۇق قىلىپ بولغان بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار قاراڭغۇ بازارنىڭ ياۋا پەتىۋالىرىغا ئالدىنىپ، مەن ھامان بۇ شەھەردە تۇرمايمەن، مەن مۇساپىر دەپ قاراپ نامازلىرىنى قىسقارتىپ ئوقۇشتى. ھالبۇكى، مەلۇم بىر يۇرتتا ئۆي-جاي تۇتۇپ ماكانلاشقان كىشى ئىسلام فىقھى بويىچە مۇساپىرلىق دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىپ، مۇقىمنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. ئەمما، مەلۇم بىر يۇرتتا شۇ يۇرتتا يەرلەشمەسلىك نىيىتى بىلەن، ئۆي تۇتماي، سەرەمجان قىلماي، باشقىلارنىڭ ئۆيىدە ياكى ياتاق-مېھمانخانىلاردا ۋاقىتلىق ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار بولسا، ئۇ ھالدا بۇنداق كىشى دەل شەيخۇل ئىسلام دەۋاتقان مۇساپىرنىڭ ھۆكمىدىدۇر.
بەزى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئىستانبۇلغا يەرلىشىش نىيىتىم يوق دېدى-يۇ، ئۆي ئىجارە ئېلىپ، ھەتتا ئۆينىڭ بىر يىللىق، يېرىم يىللىق ئىجارىسىنى ئالدىن تۆلەپ شۇ يۇرتتا ماكان تۇتۇپ يەرلەشتى. ئەمما، نامازلىرىنى قەسىر قىلىپ ئوقۇشتى. ھالبۇكى، نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇش شۇ يۇرتقا يەرلەشمىگەن كىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ھۆكۈم ئىدى. ھېچبىر ئايەتتە، ھەدىستە ياكى فىقھى ئەسىرىدە بىر يۇرتتا ماكان تۇتۇپ يەرلەشكەن كىشى مۇساپىر-يولۇچى ھۆكمىدە بولىدۇ، نامازلىرىنى قىسقارتىپ-قەسىر قىلىپ ئوقۇيدۇ، نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇمايدۇ دەپ يوق. بىر يۇرتتا ئۆي تۇتۇپ مۇقىم بولغان كىشى يەنە قانداقسىگە سەپەر قىلغۇچى- يولۇچى بولۇپ قالىدۇ؟ قايسى ئالىمنىڭ پەتىۋاسى بويىچە نامازلىرىنى قىسقارتىپ ئوقۇيدۇ؟
براۋ بىر يۇرتتا ئۆي ئىجارە ئېلىپ يەرلەشكەن ھامان، ياكى ئۆي ئىجارە ئېلىپ بولالمىغان بولسىمۇ، شۇ يۇرتتا مەلۇم مەزگىل مۇقىم تۇرۇشنى، مەيلى بىر ئاي بولسىمۇ مۇقىم تۇرۇشنى نىيەت قىلغان ھامان، ئۇنىڭ شۇ يۇرتتىكى مۇساپىرلىق ھالىتى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، نامازلىرىنى قىسقارتماستىن، جەملىمەستىن تولۇق ئوقۇيدۇ. بىر يۇرتقا يىللاپ يەرلىشىۋېلىپ، مەن ھامان باشقا بىر ياققا، ياكى ۋەتەنگە قايتىپ كېتىمەن دېگەن نىيەت بىلەن ياشىغان كىشىنى نامىزىنى قەسىر قىلىپ ئوقۇيدۇ دېگەن پەتىۋا ئىسلام ئالىمىدە كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس. بۇنىڭغا ئايەت، ھەدىستىنمۇ دەلىل يوق.
ئەمدى، براۋ مەن ئەسلى ئىستانبۇلدا بىر كۈنمۇ تۇرغۇم يوق ئىدى، ئەمما، تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىپ، بىر ياققا مېڭىشقا يول تاپالماي ئايلاپ ياكى يىللاپ تۇرۇپ قالدىم، شۇڭا قەسىر قىلماي قانداق قىلىمەن، دېيىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا جاۋابىمىز شۇكى: ئۆي تۇتۇپ مۇقىملاشماي، ھېلى ئۇ يەردە، ھېلى بۇ يەردە يۈرۈپ، ئەتە ماڭىمەن، ئۆگۈن ماڭىمەن دەپ يۈرگەن كىشى بولسا، قانچە يىل تۇرىۋەتكەن بولسىمۇ قەسىر قىلغىنى توغرا. ئەمما، ئۆي تۇتۇپ ماكانلىشىپلا قويغان ياكى ئۆي تۇتۇپ مۇقىملىشىشقا نىيەت قىلغانلا بولسا، بۇنداق كىشى مۇقىمنىڭ ھۆكمىدە بولۇپ كېتىپ، نامازلىرىنى قەسىر قىلماستىن، نامازلارنىڭ ئالدى كەينىدىكى سۈننەتلەرنى تەرك ئەتمەستىن، نامازلىرىنى ئالاھىدە ئۆزرىسىز جۈپىلۋالماستىن، مۇقىم كىشى قانداق ئوقۇيدىغان بولسا، شۇنداق ئوقۇيدۇ. بىر يۇرتنى ماكان تۇتقان كىشى-ماكان تۇتقان ۋاقتى مەيلى ئاز كۈن بولسۇن، ياكى نەچچە يىللاپ بولسۇن، شۇ يۇرتقا نىسبەتەن يەرلىكنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. يەرلىكنىڭ نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇشىنى بىلدۈرىدىغان مەيلى ئايەتتىن، مەيلى ھەدىستىن ھېچقانداق دەلىل تاپقىلى بولمايدۇ. ھەدىسلەرنى قاتىرىسىغا تىزىۋېتىپ، مانا شۇڭا قەسىر قىلىدۇ دېگۈچى يەرلەشمىگەن، ئۆي-ماكان تۇتمىغان ساھابىلەرنىڭ ۋەقەلىكىنى خاتا ھالدا ماكان تۇتۇۋالغان مۇھاجىر مۇسۇلمانلارغا دەلىل قىلىپ قوللانغان. بۇنداق ياۋا پەتىۋا ساھابىلەر باشچىلىقىدىكى مۇجتەھىد ئالىملار نەزىرىدە ئىناۋەتسىزدۇر.