گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىشنىڭ ھۆكمى
دۇنياغا مەشھۇر «ئىسلام-سوئال جاۋابلىرى» تورىنىڭ 67745-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
سۇئال
جاۋاپنىڭ تىكىستى
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.
يۇقىرىدا سوئالدا زىكىر قىلىنغان بۇ تۈردىكى بۇيۇملارنى سېتىشنىڭ ھۆكمىدە تۆۋەندىكىدەكبىر نەچچە خىل تەپسىلى كۆزقاراشلارنى بايان قىلىمىز:
1- سىز بۇ نەرسىلەرنى سېتىۋالغۇچى خېرىدارلارنىڭ بۇ نەرسىلەرنى يات ئادەملەرگە گۈزەل كۆرۈنۇش ئۈچۈن ئىستىمال قىلىشىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتسىڭىز دۇرۇس بولمايدۇ.
2- ئەگەر سىز بۇ بۇيۇملارنى ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن توغرا يولدا ئىستىمال قىلىدىغان خېرىدارلارغا ساتسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ.
3- ئەگەر سىز ئۇ خېرىدارلارنىڭ مەزكۇر بويۇملارنى قايسى ھالەتتە ئىستىمال قىلىشىدىن خەۋەرسىز بولسىڭىز ئۇ ۋاقىتتىمۇ سېتىش دۇرۇس بولىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىن: ئاياللارنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغۇچىنىڭ بەزى دۆلەتلەردە ئومۇملىشىپ كەتكىنىدەكبۇ نەرسىلەرنى كوچىلاردا يات ئادەملەرگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن قوللىنىشىنى بىلىپ تۇرۇپ (بەزى بويۇم ۋە كېيىم -كېچەكلەر خۇددى ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدا نامايەندە بولغىنىدەك ئىپادىلەپ بېرىدۇ) زىننەت ۋە گىرىم بويۇملىرى قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟دەپ سورالغاندا، ئۇلار بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:ئەگەر تىجارەت قىلغان ئادەم خېرىدارلارنىڭ بۇ نەرسىلەرنى ئاللاھ چەكلىگەن يوللاردا ئىستىمال قىلىشىنى بىلسە سېتىش دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش گۇناھ-مەسىيەتكە ياردەملىشىش جۈملىسىدىن بولىدۇ. ئەمما ئەگەر سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرى ئۈچۈن ئىستىمال قىلىشىنى بىلسە ۋە ياكى ئۇنىڭ قايسى ھالەتتە ئىستىمال قىلىشىنى بىلمىسە، مانا بۇ ۋاقىتتا مەزكۇر نەرسىلەرنى سېتىش دۇرۇس بولىدۇ. [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى (13/ 67).
ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچىئاللاھدۇر.
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىدىن ئابدۇلئەزىز قارىم
مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى