بەش ۋاخ ناماز كىملەرگە پەرز؟
فىقھۇل مۇيەسسەردىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
[61] ئىككىنجى مەسىلە: ناماز كىملەرگە پەرز
ناماز ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئايالدىن باشقا ئەقلى ھوشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر. يەتتە ياشقا كىرگەن كىچىك بالا ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇلىدۇ. ئون ياشقا كىرگەن بالا ناماز ئوقۇمىسا ئۇرىلىدۇ. چۈنكى، «ئۈچ خىل كىشىدىن قەلەم كۆتۈرۈلۈپ كەتتى (يەنى ئۇلارغا گۇناھ يېزىلمايدۇ)» دېگەن ھەدىستە، ئۇلاردىن بىرىنىڭ «بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالىدىن (قەلەم كۆتۈرۈلۈپ كەتتى)» دېيىلگەن. شۇنداقلا، تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ بۇنى ئىپادىلەيدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بالىلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارغا ناماز ئوقۇشنى بۇيرۇڭلار. ئون ياشقا كىرىپمۇ (ناماز ئوقۇمىسا) ئۇرۇڭلار ۋە ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالىنىڭ ياتىدىغان يېرىنى ئايرىۋېتىڭلار.»(ئەھمەد 3-201؛ ئەبۇ داۋۇد 494؛ تىرمىزى 407؛ تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن. ھاكىم ‹مۇستەدرەك› 1-201 دە سەھىھ دېگەن. ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 247-دە ‹سەھىھ› دېگەن)