تاھارەت ئالغاندا سۈننەت ھېسابلىنىدىغان ئىشلار قايسى؟
«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
[25] بەشىنجى مەسىلە: تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى
تاھارەت ئالغاندا قىلىنىشى مۇستەھەب ھېسابلىنىدىغان، قىلىنماسلىقى گۇناھ بولمايدىغان بىر تۈركۈم ئەمەللەر بار بولۇپ، بۇ ئەمەللەر تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى مۇنۇلاردۇر:
(1) تاھارەت ئېلىشنى باشلىماقچى بولغاندا «بىسمىللاھ» دېيىش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاھارەت ئالغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغۇچىغا تاھارەت يوق.»(ئىمام ئەھمەد 2-424؛ ئەبۇ داۋۇد 175؛ ئەلبانى ‹سەھىھ› دېگەن. ئىرۋائۇل غەلىل 1-127)
(2) مىسۋاك ئىشلىتىش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۈممىتىمنى مۇشەققەتكە سېلىپ قويماي دېمىسەم، ئۇلارنى ھەر تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتۇم.»(بۇخارى؛ فەتھۇلبارى 4-159)
(3) تاھارەت ئېلىشتىن ئاۋۋال قوللارنى ئۈچ قېتىم يۇيۇش. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق قىلغان.
(4) روزىدار بولمىغان ھالەتتە كىشىنىڭ تاھارەت ئۈچۈن ئاغزى-بۇرنىغا سۇ ئالغاندا سۇنى ئېغىز ۋە بۇرنىنىڭ ئىچكىرىگىچە سۈمۈرۈشى. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلى بايان قىلىنغان ھەدىستە «(پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) ئاغزىنى بەلەن چايقاپ، بۇرنىغا ئالغان سۇنىمۇ كۈچەپ سىرتقا چىقىراتتى» دېيىلگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«بۇرنۇڭغا سۇ ئالغاندا –روزىدار بولمىغانلا ھالەتتە- سۇنى بۇرنىڭغا بەك سۈمۈرت» دېگەن.(ئەبۇ داۋۇد 142؛ نەسائىي 87؛ ئەلابنى سەھىھ نەسائىي 85-تە ‹سەھىھ› دېگەن)
(5) ئەزالارنى ئۇۋۇلاپ يۇيۇش؛ ساقىلى قويۇق بولغان كىشى سۇنىڭ ساقىلىنىڭ ئارىسىغا كىرىشى ئۈچۈن ساقىلىنى ھۆل بارمىقى بىلەن ئارىلاش. چۈنكى، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالغاندا بىلەكلىرىنى ياخشى ئۇۋلاپ يۇياتتى.»(ئىبنى ھىببان 1082؛ بەيھەقى-سۈنەن كۇبرا 1-196؛ ھاكىم 1-243؛ ئىبنى خۇزەيمە 1-62؛ ئىمام ئەھمەد 4-39) «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (تاھارەت ئالغاندا) سۇنى ئېڭىكى ئاستىغا يەتكۈزەتتى ۋە سۇ بىلەن ساقىلىنى ئارىلايتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 145؛ ئەلبانى-ئەلئىرۋائ-92-دە سەھىھ دېگەن)
(6) ئەزالارنى يۇيۇشتا ئاۋۋال ئوڭدىن باشلاپ يۇيۇش. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق قىلاتتى. ئۇ زات ئايىقىنى كىيىش، چاچ تاراش، تاھارەت ئېلىش، جۈملىدىن پۈتۈن ئىشلىرىنى ئوڭدىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى.(بۇخارى 168؛ مۇسلىم 26)
(7) يۈز، قول ۋە پۇتلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش. ئەزالارنى بىر قېتىم يۇيۇش پەرز، ئۈچ قېتىم يۇيۇش مۇستەھەبتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «(بۇ ئەزالىرىنى) بىر قېتىمدىن، ئىككى قېتىمدىن، ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالغانلىقى بايان قىلىنغان.»(بۇخارى 157؛ مۇسلىم 226)
(8) تاھارەتتىن كېيىن مۇنۇ زىكىرنى ئوقۇش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن ھەر كىم ئەزالىرىنى ياخشى يۇيۇپ تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ‹ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لاشەرىيكە لەھۇ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئابدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ› دېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتنىڭ سەككىز ئىشىكى ئېچىلىدۇ، بۇ ئىشىكلەردىن قايسىسىدىن كىرىشنى خالىسا ئۇ ئارقىلىق جەننەتكە كىرىدۇ.»(مۇسلىم 234)