جۇنۇبنىڭ قىلىشى دۇرۇس بولمايدىغان ئىشلار قايسى؟

جۇنۇبنىڭ قىلىشى دۇرۇس بولمايدىغان ئىشلار قايسى؟

 

«فىقھۇل مۇيەسسەر»دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

[39] تۆتىنجى مەسىلە: جۇنۇبنىڭ قىلىشى دۇرۇس بولمايدىغان ئىشلار

جۇنۇب كىشىنىڭ قىلىشى دۇرۇس بولمايدىغان ئىشلارنى قىسقىچە بايان قىلساق تۆۋەندىكىچە:

(1) يولدىن ئۆتۈشتىن باشقا ھالدا مەسجىدتە تۇرۇش. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«ۋە جۇنۇپ ھالىتىڭلاردا – يولۇچى بولۇشۇڭلار مۇستەسنا – غۇسل قىلمىغۇچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار» دېگەن.(سۈرە نىسا، 43-ئايەت) بىراق، جۇنۇب تاھارەت ئالسا، ئۇنىڭ مەسجىدتە تۇرۇشى دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ھۆكۈم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە بىر گۇرۇپپا ساھابىلەردىن سابىت بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، تاھارەت ئېلىش چوڭ تاھارەتسىزلىك ھالىتىنى يېنىكلىتىدىغان بولۇپ، تاھارەت ئېلىش ئىككى تۈرلۈك پاكلىنىشتىن بىرىدۇر.

(2) جۇنۇبنىڭ قۇرئاننى قولى بىلەن تۇتۇشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا:«ئۇنى پەقەت پاك بولغۇچى تۇتىدۇ» دېگەن.(سۈرە ۋاقىئە 79-ئايەت) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قۇرئاننى پەقەت پاك كىشىلا تۇتىدۇ.»(مالىك 468؛ ھاكىم-مۇستەدرەت-3-485؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 122-دە ‹سەھىھ› دېگەن)

(3) جۇنۇبنىڭ قۇرئان ئوقۇشى دۇرۇس ئەمەس. جۇنۇب غۇسل قىلغانغا قەدەر قۇرئاندىن ھېچنېمىنى ئوقۇماسلىقى كېرەك. چۈنكى، بىر ھەدىستە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى جۇنۇبلۇقتىن باشقا ھېچنەرسە قۇرئان ئوقۇشتىن توسۇپ قويمايتتى.»(ئەھمەد 1014؛ ئىبنى ماجە 594؛ تىرمىزى 146-دە ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن؛ ھاكىمدا مۇستەدرەك 4-107-دە سەھىھ دېگەن؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنى ‹ئەتتەلخىسۇل خەبىر 1-139- دا› ئىبنۇس سەكەن، ئابدۇلھەق، بەغەۋىي قاتارلىقلارنىڭ ‹سەھىھ› دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان، شۇئبەنىڭ بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەنلىكىنى بايان قىلغان) شۇنداقلا، جۇنۇپ كىشىنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، بىر ئاز ئاۋۋال غۇسل قىلىپ قۇرئان ئوقۇش چەكلىمىسىنى كەتكۈزۈۋېتىشى ئۈچۈن تەشۋىقتۇر.

جۇنۇپ بولغان كىشىنىڭ يەنە:

(4) ناماز ئوقۇشى

(5) كەئبىنى تاۋاپ قىلىشى ھارام.

بۇ ئىككى خۇسۇسقا دائىر ھۆكۈملەر تاھارەت مەسىلىسدە، تاھارەتنى لازىم قىلىدىغان ئەھۋاللار قاتارىدا بايان قىلىنغان ئىدى.

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ