فىقھۇل مۇيەسسەر: تاھارەتنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟

تاھارەتنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟

«فىقھۇل مۇيەسسەر»دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

تاھارەتنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن مۇنۇ شەرتلەر تېپىلىشى لازىم:

(1) مۇسۇلمان بولۇش، ئەقىلگە ئىگە بولۇش، ئاق-قارىنى پەرق ئېتىش كۈچىگە ئىگە بولۇش. بۇ ۋەجىدىن، كاپىرنىڭ ۋە ساراڭنىڭ ئالغان تاھارىتى دۇرۇس ئەمەس. ئاق-قارىنى ئايرىش ئىقتىدارى بولمىغان كىچىك بالىنىڭمۇ ئالغان تاھارىتى ئىناۋەتكە ئېلىنمايدۇ.

(2) نىيەت. «ئەمەللەر پەقەت نىيەتكە باغلىقتۇر» ھەدىسى نىيەتنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نىيەتنى تىلى بىلەن تەلەپپۇز قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر قانداق بىرىنىڭ نىيەتنى تىلى بىلەن تەلەپپۇز قىلىشى دۇرۇس ئەمەس. (بۇنداق قىلىش بىدئەت. ھەر قانداق بىدئەت گۇناھى كەبىرە.)

(3) پاك سۇ. ئىلگىرىكى سۇغا مۇناسىۋەتلىك بابلاردا سۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى بايان قىلغان ئىدۇق. پاسكىنا سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىش ئەسلىدىنلا دۇرۇس ئەمەس.

(4) سۇنىڭ تەنگە يېتىشىگە توسالغۇ بولىدىغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ يوق قىلىنىشى. مەسىلەن، خېمىر ۋە كۈنىمىزدە قىز-ئاياللارنىڭ قوللىنىدىغان تىرنىقىغا ئىشلىتىدىغان بوياقلار قاتارلىقلارنىڭ تازىلاپ چىقىرىۋېتىلىشى.

(5) باشتىكى بابلاردا بايان قىلىنغان ئېنىقلىمىلارنى بايان قىلىنغىنىدەك، (چوڭ كىچىك تەرەت قىلغان كىشىنىڭ) ئىستىنجا ياكى ئىستىجمار قىلغان بولۇشى.

(6) تاھارەتتە يۇيۇلىدىغان ئەزالارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇيۇلۇشى.

(7) تاھارەتتە يۇيۇلىدىغان ئەزالارنىڭ تەرتىپ بويىچە يۇيۇلۇشى. بىر نەچچە ماۋزۇدىن كېيىن بۇ ئىككى شەرت توغرىسىدا ئىزاھاتلار كېلىدۇ.

(8) يۇيۇلۇشى پەرز بولغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى يۇيۇش.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ