تەيەممۇمنى بۇزىدىغان ئىشلار قايسى؟

تەيەممۇمنى بۇزىدىغان ئىشلار قايسى؟

«فىقھۇل مۇيەسسەر»دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

تەيەممۇمنى بۇزىدىغان ئىشلار ئۈچ:

(1) تەيەممۇم تاھارەتنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەب بولىدىغان كىچىك تاھارەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللار سەۋەبلىك بۇزىلىدۇ. شۇنداقلا، جۇنۇبلۇق، ھەيزدارلىق، نىفاسدارلىق قاتارلىق غۇسل قىلىشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئەھۋاللاردىمۇ بۇزىلىدۇ. كىچىك تاھارەتسىزلىك سەۋەبلىك تەيەممۇم قىلغاندىن كېيىن، يا چوڭ ياكى كىچىك تاھارەت بۇزۇلسا تەيەممۇممۇ بۇزىلىدۇ. چۈنكى، تەيەممۇم تاھارەتنىڭ بەدىلىدۇر (ئىزباسارىدۇر). بەدەل ئۆزى بەدەل بولۇۋاتقان ئىشنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. چوڭ تاھارەتسىزلىك سەۋەبلىك تەيەممۇم قىلىشمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبلىكتۇر.

(2) ئەگەر كىشى سۇ يوق بولغانلىقى ئۈچۈن تەيەممۇم قىلغان بولسا، سۇغا ئۇچرىغان چاغدا ئۇنىڭ تەيەممۇمى بۇزىلىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سۇنى تاپقىنىڭدا، ئۇنى تېنىگە تەگكۈز» دېگەن.

(3) كېسەللىك ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى تەيەممۇم قىلىشى دۇرۇس بولغان كىشىنىڭ كېسىلى ياكى شۇنىڭ باراۋىرىدىكى ئۆزرىسى يوقىغان ھامان ئۇنىڭ تەيەممۇمى بۇزىلىدۇ.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ