فىقھۇل مۇيەسسەر: تاھارەتنىڭ پەرزلىرى قايسى؟

 

تاھارەتنىڭ پەرزلىرى قايسى

[24] تۆتىنجى مەسىلە: تاھارەتنىڭ پەرزلىرى

«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

تاھارەتنىڭ پەرزى ئالتە:

(1) يۈزنى پۈتۈنلەي يۇيۇش. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «(تاھارتسىز بولساڭلار) ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۇرغاندا يۈزۈڭلارنى … يۇيۇڭلار» دېگەن.(سۈرە مائىدە، 6-ئايەت) ئېغىزغا ۋە بۇرۇنغا سۇ ئېلىپ چايقاشمۇ يۈز يۇيۇش دائىرىسىدە. چۈنكى، ئېغىز بىلەن بۇرۇن يۈزنىڭ بىر قىسىمى ھېسابلىنىدۇ.

(2) ئىككى قولنى ئىككى جەينەككە قەدەر يۇيۇش. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «ئىككى قولۇڭلارنى ئىككى جەينىكىڭلارغىچە يۇيۇڭلار»(سۈرە مائىدە، 6-ئايەت) دېگەن.

(3) قۇلاقنى قوشۇپ باشنىڭ ھەممە يېرىگە مەسىھ قىلىش. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار» (سۈرە مائىدە، 6-ئايەت) دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «قۇلاق باشنىڭ جۈملىسىدىن» دېگەن.(تىرمىزى 37؛ ئىبنى ماجە 443؛ ئەلبانى ‹سىلسىلەتۇس سەھىھە› 36-دە سەھىھ دېگەن) بۇ ۋەجىدىن، باشنىڭ بىر قىسىمىغا مەسىھ قىلىپ بىر قىسىمىغا مەسىھ قىلماسلىق يېتەرلىك ئەمەس.

(4) ئىككى پۇتنى ھوشۇققىچە يۇيۇش. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «ئىككى پۇتۇڭلارنى ھوشۇقىڭلارغىچە يۇيۇڭلار» (سۈرە مائىدە، 6-ئايەت) دېگەن.

(5) تەرتىپكە رىئايە قىلىش. چۈنكى، ئاللاھ تائالا تاھارەت ئېلىش شەكلىنى ئېنىق تەرتىپ بىلەن بايان قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئالاھ بايان قىلغان تەرتىپ بويىچە تاھارەت ئالغان: ئاۋۋال يۈزىنى، ئاندىن قوللىرىنى (جەينىكى بىلەن قوشۇپ)يۇيغان، ئاندىن بېشىغا مەسىھ قىلغان. ئاندىن، ئىككى پۇتىنى يۇيغان. ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رىۋايەت قىلغان (مۇسلىم 235-ھەدىس) بىلەن باشقا ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەقىللەردە مۇشۇنداق بايان قىلىنغان.

(6) تاھارەتتە يۇيۇلىدىغان بىر ئەزانى يەنە بىرىنى يۇيۇپ بولغان ھامانلا كېچىكتۈرمەستىن ئارقا-ئارقىدىن يۇيۇش. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەتتە يۇيۇلىدىغان ئەزالىرىنى ئارقا-ئارقىدىن يۇياتتى. شۇنداقلا، خالىد ئىبنى مەدئان رىۋايەت قىلغان ھەدىسمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئېلىۋاتقان بىرەيلەننى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قايتىدىن تاھارەت ئېلىشنى بۇيرۇدى.(ئىمام ئەھمەد 3-424؛ ئەبۇ داۋۇد 175؛ ئەلبانى ‹ئىرۋائۇل غەلىل›1-127-دە سەھىھ دېگەن) ئەگەر تاھارەتتە ئەزالارنى ئارقا-ئارقىدىن يۇيۇش پەرز بولمىغان بولسا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا پەقەتلا يۇيۇلماي قالغان ئەزانى قايتا يۇيۇشنىلا بۇيرۇپ، تاھارەتىن قايتا ئېلىشنى بۇيرۇمىغان بولاتتى.

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ