كۈندىلىك پەرز نامازلارنىڭ سانى قانچە، دەلىلى نېمە؟

پەرز نامازلارنىڭ سانى

 

فىقھۇل مۇيەسسەردىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

پەرز نامازلارنىڭ سانى بەش بولۇپ، ئۇلار: بامدات، پېشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەن قاتارلىقلار. بۇ نامازلاردا ئىجمائ باردۇر. بۇنىڭ دەلىلى مۇنۇ ھەدىستۇر. تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر بەدەۋىي كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاللاھ مېنىڭ ئۈستۈمگە پەرز قىلغان نامازلار قايسىلار؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «بىر كېچە كۈندۈزدە بەش ۋاقىت نامازدۇر…»دېدى.(مۇسلىم 11)

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چۆلدىن كەلگەن كىشى توغرىسىدىكى ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە «سەن ئەۋەتكەن ئەلچى بىر كېچە كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز قىلىشىمىزنىڭ مەجبۇرىيەتلىكىنى ئېيتتى» دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «توغرا دەپتۇ» دېدى.(مۇسلىم 12)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ