نىفاس مۇددىتى قانچىلىك، ئۇنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن چېكى بارمۇ؟

نىفاس مۇددىتى قانچىلىك، ئۇنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن چېكى بارمۇ؟

ھەرەم ئۆلىمالىرى يازغان «فىقھۇل مۇيەسسەر» ناملىق ئەسەردىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

  • نىفاس — ئايال كىشىنىڭ تۇغۇتىدىن كېيىن كېلىدىغان قاننى كۆرسىتىدۇ.

[51] ئالتىنجى مەسىلە: نىفاسنىڭ تۆۋەن چېكى ۋە يۇقىرى چېكى

نىفاسنىڭ تۆۋەن چېكى مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى، نىفاسنىڭ تۆۋەن چېكىنى بەلگىلەيدىغان دەلىل يوق. شۇ ۋەجىدىن، بۇ ھەقتە بار بولغان ھۆكۈمگە مۇراجىئەت قىلىنىدۇ. نىفاسنىڭ قىسقا مۇددەت داۋام قىلىدىغانلىقىمۇ، ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىدىغانلىقىمۇ مەلۇملۇق، نىفاسنىڭ يۇقىرى چېكى قىرىق كۈندۇر.

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە نىفاسدار ئاياللار قىرىق كۈن ساقلايتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 312؛ تىرمىزى 139؛ ئىبنى ماجە 648؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 1-226-دە ‹مەۋقۇف-زەئىپ› دېگەن)

ئىمام تىرمىزى مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئىلىم ئەھلى ئىتتىپاققا كەلگىنى شۇكى، نىفاسدار ئايال قىرىق كۈنگىچە ناماز ئوقۇمايدۇ. قىرىق كۈندىن بۇرۇن نىپاس قېنى توختىسا، غۇسل قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ.»

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ