تاھارەتنى بۇزىدىغان ئىشلار قايسى
«فىقھۇل مۇيەسسەر»دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
[26] ئالتىنجى مەسىلە: تاھارەتنى بۇزىدىغان ئىشلار
تۆۋەندىكى ئالتە خىل ھالەتتە تاھارەت بۇزىلىدۇ:
(1) ئالدى ۋە ئارقىدىن چىققان نەرسىلەر ـــ يەنى چوڭ تەرەت ۋە كىچىك تەرەت ئورگانلىرىدىن چىققان نەرسىلەر ـــ تاھارەتنى بۇزىدۇ. بۇ نەرسىلەر سۈيدۈك، نىجاسەت، مەنى، مەزىي، ئىستىھازە قېنى، ئاز يەل بولسۇن ياكى كۆپ يەل بولسۇن يۇقارقىلارنىڭ ھەر قايسى بىرى تاھارەتنى بۇزىدۇ (مەنىي بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، مەنىي چىققان كىشى غۇسل قىلمىغۇچە ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرەلمەيدۇ.) ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن:«ياكى سىلەردىن قايسى بىرىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلسە (تاھارەت ئالسۇن)»(سۈرە نىسا، 43-ئايەت) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «سىلەردىن ھەر كىمنىڭ تاھارىتى سۇنغان بولسا، قايتا تاھارەت ئالمىغۇچە ئاللاھ ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ» ۋە «چوڭ تەرەت، كىچىك تەرەت ۋە ئۇيقۇ سەۋەبلىك (تاھارىتى بۇزۇلىدۇ»(ئىمام ئەھمەد 4-239؛ نەسائىي 1-83؛ تىرمىزى 96؛ ئەلبانى ئەلئىرۋائ 1-141-دە ھەسەن دېگەن) دېگەن ھەدىسلىرى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.
شۇنداقلا، ئۆزىدىن يەل كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىدە شۈبھىلەنگەن كىشى ھەققىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ئاۋازنى ياكى پۇراقنى سەزمىگۈچە نامىزىدىن ئايرىلمىسۇن» (بۇخارى 137؛ مۇسلىم 361) دېگەن سۆزىمۇ يەل (ئوسۇرۇق) نىڭ تاھارەتنى بۇزىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
(2) بەدەننىڭ باشقا يېرىدىن نىجاسەتنىڭ چىقىشى تاھارەتنى بۇزىدۇ. ئەگەر چىققىنى سۈيدۈك ياكى تەرەت بولسا، بۇ ھال يۇقىردا بايان قىلىنغان دەلىللەر دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى ئۈچۈن شەرتسىز ھالدا تاھارەت بۇزۇلىدۇ. ئەگەر، بەدەننىڭ باشقا يېرىدىن چىققان نەرسە قان ياكى قۇسۇن قاتارلىق نەرسىلەر بولغان تەقدىردە، ئەگەر بۇلارنىڭ مىقدارى كۆپ بولسا ـــ ئېھتىيات يولىنى تۇتۇش يۈزىسىدىن ـــ تاھارەت ئېلىنىدۇ. ئەگەر مىقدارى ئاز بولسا ـــ ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ، تاھارەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ.
(3) ھوشسىزلىنىش ياكى ئۇخلاش سەۋەبلىك ئەقىلنىڭ پەردىلىنىشى تاھارەتنى بۇزىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىش سەۋەبلىك، ياكى ئۇيقۇ سەۋەبلىك (تاھارەت بۇزىلىدۇ).»
«كۆز مەقئەتنىڭ بوغۇچىدۇر. بۇ سەۋەبلىك، كىم ئۇخلىسا تاھارەت ئالسۇن.»(ئەبۇ داۋۇد 203؛ ئىبنى ماجە 477؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 1-148-دە ‹ھەسەن› دېگەن)
ئەقىلدىن ئادىشىش، ھوشسىزلىنىش، مەستلىك ۋە بۇنىڭ ئوخشىغان ئەھۋاللار سەۋەبلىك تاھارەت بۇزىلىدۇ. بۇنىڭدا ئىجمائ بار. تاھارەتنى بۇزىدىغان ئۇيقۇ ئەقىلنى پەردىلەيدىغان ئېغىر ئۇيقۇدۇر. يېنىك ئۇيقۇ (مۈگدەش) سەۋەبلىك تاھارەت بۇزۇلمايدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى نامازنى ساقلىغاچ ئولتۇرغان يېرىدە ئۇخلاپ قالاتتى. ئاندىن، تاھارەت ئالماستىن ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇيتتى.(مۇسلىم 376)
(4) ئارىدا ھېچقانداق توساق بولماستىن ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئەۋرىتىنى تۇتۇش تاھارەتنى بۇزىدۇ. چۈنكى، غۇسرە بىنتى رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ئەرلىك ئورگىنىنى تۇتقۇچى تاھارەت ئالسۇن» (ئەبۇ داۋۇد 181؛ نەسائىي 163؛ تىرمىزى 82؛ ئىبنى ماجە 4479-دە ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن. ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 1-150-تە سەھىھ دېگەن) دېيىشى ئەۋرەتنى تۇتۇشنىڭ تاھارەتنى سۇندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىلەن ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «جىنسىي ئەزاسىنى تۇتقان كىشى تاھارەت ئالسۇن» دېيىلگەن. (ئۇممۇ ھەبىبە ھەدىسىنى ئىبنى ماجە 481-دە نەقىل قىلغان. بۇ ھەدىسنى ئەلبانى ئەلئىرۋائ 1-151-دە ‹سەھىھ› دېگەن. ئەبۇ ئەييۇب ھەدىسى ھەققىدە ئەلبانى ‹سەنەدىنى تەكشۈرەلمىدىم› دېگەن. ئەلئىرۋائ 1-151)