تەيەممۇم قانداق قىلىنىدۇ؟

تەيەممۇم قانداق قىلىنىدۇ؟

«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

تەيەممۇم مۇنداق قىلىنىدۇ: ئاۋۋال (دىلىدا تەيەممۇم قىلىشقا) نىيەت قىلىنىدۇ، ئاندىن ‹بىسمىللاھ› دېيىلىدۇ. قوللار (پاكىز يەرگە) بىر قېتىم ئۇرۇلغاندىن كېيىن قوللار پۈۋلىنىدۇ ياكى قولغا يېپىشقا توپا سىلكىپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئاندىن، ئىككى قول بىلەن يۈزگە ۋە قولنىڭ بېغىشىغا قەدەر مەسىھ قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «تەيەممۇم يۈز ۋە قوللار ئۈچۈن بىر قېتىم ئۇرۇش بىلەن بولىدۇ» دەپ كەلگەن.(ئەھمەد 4-263؛ ئەبۇ داۋۇد 327؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› نىڭ 161-ھەدىسىدە سەھىھ دېگەن) يەنە ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «تەيەممۇمنى مۇنداق قىلىشىڭ يېتەرلىك بولاتتى» دەپ، قوللىرىنى يەرگە بىر قېتىم ئۇرغاندىن كېيىن چاڭ-توزاننى سىلكىۋېتىپ سول قولى بىلەن ئوڭ قولىنىڭ دۈمبىسىگە، ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنىڭ دۈمبىسىگە مەسىھ قىلغان، ئاندىن ئىككى قولى بىلەن يۈزىگە مەسىھ قىلغان.»(بۇخارى 347؛ مۇسلىم 368)

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ