مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ پەتىۋالىرىدىن جەۋھەرلەر
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى
ئەسكەرتىش: مەزمۇن تولۇقلىنىۋاتىدۇ، ئۈزلۈكسىز ھالدا كېڭىيىپ ماڭىدۇ.
تەۋھىد
تەۋھىد: ئىككى شاھادەت
ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام دىنىغا كېرىش ئۈچۈن سۆزلىيەلەيدىغان كىشى ئۈچۈن ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى تىلى بىلەن سۆزلىشى زۈرۈر بولىدۇ، لېكىن تىلى بىلەن ئېيتىشتىن باش تارتقان كىشى بۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى سۆزلىمىگىچە، ئاندىن سۆزلەش بىلەن مەنىسىنى ئېتىقاد قىلىپ، دىلى بىلەن تەستىقلىمىغۇچە ئىسلام دىنىغا كىرەلمەيدۇ. بۇ ئۆلىمالار ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن مەسىلەر». [ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى» 5-توم 340-بەت]
تەۋھىد: ئىسلامغا كىرىش
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر دېگەن شاھادەت سۆزىنى كەلتۈرسە، ھەقىقەتەن ئىسلامغا كىرگەن بولىدۇ، ئاندىن كېيىن «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى»دېگەن شاھادەت سۆزىنى ئېيتىشقا بۇيرۇلىدۇ. [«شەرھىل مۇمتىئ» ناملىق ئەسەر 14-توم 464-466-بەت]
تەۋھىد: مۆمىن
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ھەدىس شۇناسلار، پىقھى ئالىملىرى تەۋھىد ئالىملىرىدىن ئىبارەت ئەھلى سۈننە ئالىملىرى: قىبلە ئەھلىدىن ، دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىنىدىغان مۆمىن دېگەن: چىن دىلىدىن، ھېچ قانداق شەك-شۈبھىسىز ئىسلام دىنىنى كەسكىن ئېتىقاد قىلىپ، تىلى بىلەن ئىقرار قىلغان كىشىدۇر، ئەگەر ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنىڭ بىرىنى دەپ يەنە بىرىنى دېمىسە ئۇ كىشى ھەرگىزمۇ قىبلە ئەھلى ھېسابلانمايدۇ، پەقەت شاھادەت كەلىمىسىنى تولۇق ئېيتىشتىن تىلىدا بىر ئىكىشىش بولسا ياكى ئېغىر كېسەللىك سەۋەبىدىن بۇنى ئېيتىش ئىمكانىيىتى بولمىسا ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ دېگەنگە بىرلىككە كەلدى». [«نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمغا يازغان شەرھىسى»1-توم 149-بەت]
ئىبادەت
ئىبادەتتە نىيەت
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشى پەرىز ناماز بىلەن مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنى بىرگە نىيەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ، ئۇ كىشىگە پەرىز نامازنىڭ ۋە مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنىڭ ئەجىر-ساۋابى ھاسىل بولىدۇ». [«ئەلمەجمۇ» 1-توم 325-بەت].
شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشى تاھارەت ئىلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ بۇنىڭ بىلەن ئىككى رەكئەت تاھارەت نامىزىنى ۋە ئىككى رەكئەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنى نىيەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئىككى رەكئەت تاھارەت نامىزىنىڭ ۋە ئىككى رەكئەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنىڭ ئەجىر-ساۋابى ھاسىل بولىدۇ، ئاللاھ تائالاغا مەدھىيلەر بولسۇنكى، ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتى كەڭرىدۇر، ئەگەر بىر كىشى تاھارەت ئىلىپ مەسچىتكە كېرىپ پېشىننىڭ سۈننىتىنى نىيەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى رەكئەت تاھارەت نامىزى ۋە ئىككى رەكئەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنى نىيەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن بۇنىڭ ھەممىسى ھاسىل بولىدۇ، ئاللاھ تائالاغا مەدھىيلەر بولسۇن».
ب
بېخىل
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۆزى ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقان كىشى بېخىل دېيىلىدۇ، ئۆز ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتنى تولۇق ئادا قىلغان كىشى بېخىل دەپ ئاتالمايدۇ، ھەقىقەتەن بېخىل دېگەن: ئۆز ئۈستىدىكى ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان ھەقنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقان كىشىدۇر.» [«جالائىل ئەپھام»385-بەت. ئىمام قۇرتۇبى مۇشۇنىڭ ئوخشىشىنى 5-توم 193-بەتتە بايان قىلغان].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ مۇشۇنىڭ ئوخشىشىنى دەپ: بېخىل دېگەن: ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان مەجبۇرىيەتنى ئۆتىمىگەن، چىقىم قىلىش لايىق بولمىغان نەرسىنى چىقىم قىلغان كىشىدۇر»دېگەن. [«شەرھى رىيازۇس سالىھىين»3-توم 410-بەت]
پ
پەرىشتە
پەرىشتە: [جەننەتنىڭ ئىشىكىنى باقىدىغان پەرىشتە]
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا ئىشىك باقار پەرىشتىلەرنىڭ كاتتىسىنى رىزۋان دەپ ئاتىغان، بۇ رازىلىق دېگەن سۆزدىن چىققان، دوزاخنىڭ ئېشىكىنى باقىدىغان پەرىشتە مالىك دەپ ئاتالغان، بۇ ئىسىمغا ئىگە بولغۇچى، كۈچ-قۇۋۋەت ئىگىسى دېگەن سۆزدىن چىققان». [«ھادىئىل ئەرۋاھ»1-توم 76-بەت].
ھاپىز ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ پەرىشتىلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلاردىن جەننەتكە مۇئەككەل قىلىنغانلىرى بار، جەننەت ئەھلىگە ئېسىل نەرسىلەرنى تەييارلايدىغانلىرى بار، ئۇ يەردىكىلەرگە زىياپەت ھازىرلايدىغانلار بار، ئۇلاردىن كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت، تۇرالغۇ-ساراي، يېمەك-ئىچمەك تەييارلايدىغانلىرى بار، ئۇنىڭدىن باشقا كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېلىپ باقمىغان نېمەتلەر بار، جەننەتنىڭ ئېشىكىنى باقىدىغان پەرىشتە رىزۋان دېيىلىدۇ، بۇ ئىسىم بەزى ھەدىسلەردە ئوچۇق بايان قىلىنغان». [«ئەل بىدايە ۋەننىھايە».1-توم 53-بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:»رىزۋان دېگەن جەننەتكە مۇئەككەل قېلىنغان پەرىشتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى دوزاخنىڭ ئىشىك باقارى مالىك دەپ ئوچۇق بايان قىلىنغاندەك سەھىھ ھەدىستە ئوچۇق بېكىتىلمىگەن، لېكىن بۇ ئىسىم بەزى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا مەشھۇردۇر». [«ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى»3-توم 11-بەت].
ت
تەۋبە
تەۋبە: تەۋبىنىڭ پەزىلىتى
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «تەۋبە قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ خاس كىشىلىرى بولغاچقا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ. تەۋبە دېگەن ئىماننىڭ ھەقىقىتى ۋە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان، شۇنداقلا چوڭقۇر مەنانى ئىپادىلەيدىغان بىر ئىسىم بولۇپ، بەندە گۇناھلىرى ئۈچۈن چىن قەلبىدىن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلسا، رەب سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا بۇنىڭدىن ئاجايىپ خۇرسەن بولىدۇ.» [مەدارىج ئەسسالىكىن 1-توم 343-بەت]
د
داۋالىنىش
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: داۋالىنىش ئۈچۈن دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە: داۋالانماڭلار دېمىدى بەلكى: ئوت بىلەن داغلانماڭلار، رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلماڭلار دېدى، ئەمما ئىنساننىڭ قەلبى دوختۇرغا باغلىنىپ قالسا، كېسەللىكتىن شىپا تېپىشى ياكى شىپا تاپماسلىقى دوختۇرغا ئالاقىدار بولۇپ قالسا، بۇ ئاللاھقا بولغان تايىنىشنى كىمەيتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان دوختۇرغا بارغاندا، ئۆزىنىڭ ئاللاھقا بولغان تايىنىشىنىڭ كېمىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ سەۋەپ قىلىشنىڭ يولى، ھەقىقى سەۋەپنىڭ ئىگىسى-شىپالىق بەرگۈچى يالغۇز بىر ئاللاھ دەپ ئېتىقاد قىلىشى كېرەك. [«نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى»3-توم 213-بەت]
دىن
دىن ۋە ئەقىل
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ھەق بولۇپ، ئۇ ھەدىسلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىنى تەستىقلايدۇ، كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. كىشىلەر سەھىھ ھەدىسلەرگە ساغلام ئەقىل، توغرا مەقسەت بىلەن قارايدىغان بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ ھېچقاچان ساغلام ئەقىلگە، توغرا مەقسەتكە، ئىنسانىي تەبىئەتكە زىت كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن يۇقىرىقى ئىشلارغا زىت كىلىدىغان ھەدىسلەر نەقىلقىلىنمىغان. ئەمما زىتلىق بار دەپ گۇمان قىلغۇچىلار، ھەدىسلەردىن سەھىھ بولمىغان توقۇلما ھەدىسلەرنى راست دەپ ئىشەنگۈچىلەر ياكى ھەدىسىنى ئەسلى مەقسىتىنىڭ ئەكسىچە چۈشەنگۈچىلەر، ئەقلى يەتمىگەن، بىلمىگەن نەرسىنى ئەقىلگە زىت دەپ داۋا قىلغۇچىلار ياكى ئوچۇق بايان قىلىنغان نەرسىلەرنى يېپىق چۈشىنىۋالغانلار بولۇپ، بۇلارنىڭ چۈشەنچىسى سەھىھ مەزمۇنغا زىت كېلىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ساغلام ئەقىلگە زىتتۇر ياكى ئوچۇق بايانلارغا زىت بولىدۇ. بەزى ھەدىسلەرنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نەقىل قىلىنغان دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ توقۇلمىدىن ئىبارەتتۇر ياكى ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بىر نەرسىنى ئىپادىلەيدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تەسەۋۋۇر قىلغان نەرسىنى ئىپادىلىمەيدۇ». [ئەررىسالەتۇل ئەرشىيە 35-بەت].
يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ساغلام ئەقىلگە زىت بولغان نەرسە باتىل بولىدۇ، قۇرئان-ھەدىستە ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىرلىكىدە باتىل بولمايدۇ، لېكىن قۇرئان-ھەدىستىكى بەزى ئىبارىلەرنى بىر قىسىم كىشىلەر چۈشىنەلمەيدۇ ياكى ئۇنى خاتا چۈشىنىۋالىدۇ، ھەممە بالا-مۇسىبەت شۇنىڭدىن كېلىدۇ». [پەتىۋالار توپلىمى 11-490-بەت].
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرگىزمۇ ساغلام ئەقىل قوبۇل قىلالمايدىغان، چۈشىنىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى بايان قىلمىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان خەۋەرلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچىسى: ساغلام ئەقىل ۋە توغرا تەبىئەت گۇۋاھ بولغان نەرسە.
ئىككىنچىسى: پەقەت ئەقىلگە تايىنىپلا بىلگىلى بولمايدىغان ئىشلار، يەنى غەيبى ئىشلار بولۇپ، قەبرە ھاياتى، ئاخىرەت كۈنىدىكى ئەھۋاللار، ساۋاپ-جازانىڭ تەپسىلاتى قاتارلىق ئىشلار بولۇپ بۇنى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس دېيىش ئەسلا توغرا بولمايدۇ. يۇقىرىق ئىشلارنى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىغان ھەرقانداق خەۋەر مۇنى ئىككى ئىشنىڭ بىرىدىن خالى بولالمايدۇ: ئۇلارغا يەتكەن خەۋەر يالغان-توقۇلما بولىدۇ، ياكى خەۋەر سەھىھ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئەقلى ئاجىزلىق ۋە مەنىۋىيىتى بۇلغانغانلىق سەۋەبى بىلەن شەكلىنىپ توغرا چۈشىنەلمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ كىشى ئۆز ئەقلىنى ساغلام دەپ گۇمان قىلىدۇ.» [«ئەررۇھ» 62-بەت. يەنە «ساۋائىقۇل مۇرسەلە» ناملىق ئەسەر 3-ئەسەر829-830-بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].
چ
چالغۇ-ئەسۋاب
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «تۆت مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا چالغۇ-ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى ھارام ھېسابلىنىدۇ، بۇخارى ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى بايان قىلغان سەھىھ ھەدىسلەردە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئۆز ئۈممىتى ئىچىدىن بەزى كىشىلەرنىڭ يىپەك، زىنا، ھاراق ۋە ناخشا-مۇزىكىلارنى ھالال دەپ قارايدىغانلىقى ۋە ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى چوشقا ۋە مايمۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىدۇ. مەشھۇر مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلمىغان.» [ئەلمەجمۇئ 11- توم 576]
شەيخ ئالبانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «تۆت مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ ھەممىسى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن. [سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى1- توم 145-بەت]
س
سەبر
سەبر: سەبر ۋە روزا
ئىمام ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «سەبىرنىڭ ئەڭ ياخشى تۈرى بولسا روزا تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى روزا ئۈچ تۈرلۈك سەبىرنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىگە ۋە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن سەبىر قىلىش دېگەن ئىبادەت بولۇپ، روزىدار ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئۆزىنىڭ شەھۋىتىنى تەرك قىلىدۇ، نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىدۇ. سەھىھ ھەدىستە يەنى ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ روزىدىن باشقا ھەممە ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈندۇر، ئەمما روزا مەن ئۈچۈندۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئۆزۈم مۇكاپاتلايمەن چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە شەھۋىتىنى تەرك قىلدى. يەنە ھەم: روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ھاسىل بولغان دەرتلىك تەقدىرگە سەبىر قىلىشتۇر». تۈگىدى. [«جامىئۇل ئۇلۇم ۋەلھىكەم» ناملىق ئەسەر 219-بەت]
سىياسەت
سىياسەت دېگەن ئەرەب تىلىدا، بىر ئىشنى توغرا شەكىل يۆلۈنىشىدە ئىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇش، توغرا بىر تەرەپ قىلىش دېمەكتۇر. [لىسانۇل ئەرەب 6-توم 107-بەت. قامۇسۇل مۇھيت 710-بەت].
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىسرائىل ئەۋلادلىرىدىن پەيغەمبەرلەر بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كېلىپ ئىشلارنى ئىدارە قىلاتتى، بىر پەيغەمبەر دۇنيادىن كەتسە ئورنىغا يەنە بىر پەيغەمبەر كېلەتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 3455-ھەدىس، ۋە مۇسلىم رىۋايىتى 1842-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «يەنى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئىچىدە پەيغەمبەرلەر خۇددى پادىشاھ ياكى ۋالىيلاردەك ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولاتتى. سىياسەت دېگەن: ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىشنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش دېمەكتۇر».
ئىبنى نۇجەيم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «سىياسەت دېگەن: گەرچە ئوچۇق دەلىل بولمىغان بىر ئىشتا ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ توغرىنى كۆزلەپ، كىشىلەرگە پايدىسى بولىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر». [بەھرۇر رائىق 5-توم 11-بەت].
ئىبنى خەلدۇن شەرئى سىياسەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «شەرئى سىياسەت دېگەن بارلىق ئىشلاردا شەرىئەت پرىنسىپىنىڭ تەقەززاسى بويىچە كىشىلەرنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىنى كۆزلەپ بىر تەرەپ قىلىشتۇر، چۈنكى دۇنيا ئەھۋالىنىڭ ھەممىسى شەرىئەت قارىشىدا ئاخىرەت مەنپەئەتى بويىچە ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. سىياسەت دېگەن: شەرىئەت ساھىبىنىڭ ئورنىدا دىننى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە دىن ئارقىلىق دۇنيا ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر» [مۇقەددىمەتى ئىبنى خەلدۇن 97-بەت]
ئى
ئىبادەت
ئىبادەت: ئىبادەتنىڭ يوققا چىقىشى
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەل-ئىبادەتنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە ئۇنى بىكار قىلىۋېتىدىغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، گەپ ئەمەل قىلىشتىلا ئەمەس، بەلكى مەزكۇر ئەمەلنى بىكار قىلىۋېتىدىغان ۋە بۇزۇۋېتىدىغان ئامىللاردىن ھىمايە قىلىش مۇھىمدۇر». [ئەلۋابىل ئەسسەيىب 20-بەت]
ئىبادەت: ئىبادەت ۋە ئۈمىد
پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ «پايدىلىق سۆزلەر» ناملىق ئەسىرىنىڭ 2-توم 224-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلىرى بىلەن دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى مەقسەت قىلسا بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:﴿وَمَن يَتَّقِ اللَّـهَ يَجْعَل لَّهُ مَخْرَجًا ، وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ﴾تەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ.ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. [سۈرە تالاق 2-3-ئايەتلەر]
ئىسلام
تەۋھىد: ئىسلامغا كىرىش
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر دېگەن شاھادەت سۆزىنى كەلتۈرسە، ھەقىقەتەن ئىسلامغا كىرگەن بولىدۇ، ئاندىن كېيىن «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى»دېگەن شاھادەت سۆزىنى ئېيتىشقا بۇيرۇلىدۇ. [«شەرھىل مۇمتىئ» ناملىق ئەسەر 14-توم 464-466-بەت]
ناماز
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بامدات نامىزىنىڭ پەرزىدە، شام ۋە خۇپتەن نامىزىنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىدە، جۈمە نامىزىدا، ئىككى ھېيت نامىزىدا قىرارئەتنى ئۈنلۈك قىلىش سۈننەتتۇر. پېشىن، ئەسىر، شامنىڭ ئۈچىنچى رەكىتىدە، خۇپتەننىڭ كېيىنكى ئىككى رەكىتىدە قىرائەتنى مەخپى قىلىش سۈننەتتۇر. بۇنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن، ئوچوق سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغاندۇر». [«ئەلمەجمۇئ شەرھىل مۇھەززەب»3-توم 389-بەت].
ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «پېشىن ۋە ئەسىر نامىزىدا قىرائەتنى مەخپى قىلىش، شام ۋە خۇپتەن نامىزىنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىدە ۋە بامدات نامىزىنىڭ پەرىزىدە قىرائەتنى ئۈنلۈك قىلىش سۈننەتتۇر. بۇنىڭ ئاساسى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى توغىرسىدىكى دەلىللەرنى ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىدىن كېيىنكى ئالىملار ئەينەن نەقل قىلغان. ئەگەر نامازدا قىرائەتنى مەخپى ئوقۇيدىغان ئورۇنلاردا ئۈنلۈك ئوقۇسا ياكى ئۈنلۈك ئوقۇيدىغان ئورۇنلاردا مەخپى ئوقۇسا نامىزى توغرا بولسىمۇ سۈننەتنى تەرك قىلغان بولىدۇ». [«ئەل مۇغنى»2-توم 270-بەت].
ھ
ھارام
ھارام كەسىپلەر
ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ھاراملىقى بىرلىككە كەلگەن كەسىپلەردىن: جازانىخورلۇق، جالاپلىق قىلىپ پۇل تېپىش، ھارامدىن پۇل تېپىش، پارىخورلۇق، مېيت ئۈچۈن يىغلاپ بېرىپ پۇل تېپىش، ناخشا ئوقۇپ پۇل تېپىش، رەمباللىق، پېرىخونلۇق، پالچىلىق، كەلگۈسىدىن خەۋەر بېرىش، نەي چېلىپ، ئۇسۇل ئويناپ پۇل تېپىش قاتارلىقلارنى كەسپ قىلىش باتىل يەنى ھارامدۇر». [ئەلكافى]