پېشىن نامىزىدا قىرائىتىم تۈگەپ قالسا ئىمام قىرائەت قىلىۋەرسە مەن قانداق قىلىمەن؟

پېشىن نامىزىدا قىرائىتىم تۈگەپ قالسا ئىمام قىرائەت قىلىۋەرسە مەن قانداق قىلىمەن؟

پەتىۋا بەرگۈچى: پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ «نۇرۇن ئەلەد دەرب پەتىۋالىرى» (12-جىلد، 334-بەت)

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

 

سوئال: مەن ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ پېشىن ياكى ئەسىر نامىزىنى ئوقۇغىنىمدا ئىمام قىرائەتنى مېنىڭ قىرائىتىمدىن ئۇزۇن قىلسا، ئۆزۈم ئوقۇغان قىسقا سۈرىگە يەنە باشقا سۈرىنى قوشۇپ ئوقۇشۇپ كېرەكمۇ ياكى ئىمام رۇكۇغا بارغۇچە جىم تۇرۇپ تۇرىمەنمۇ؟

جاۋاب: سىز (باشتا ئوقۇغان سۈرىڭىزگە قوشۇپ) بىر سۈرە ياكى ئايەتنى ئوقۇش ئارقىلىق تاكى ئىمام رۇكۇغا بارغۇچە قىرائىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇسىز. چۈنك، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى (ئاشكارا قىرائەتلىك نامازلاردا ئىمامنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلاپ) جىم تۇرىدۇ (مەخپىي قىرائەتلىك نامازلاردا باشتىن ئاياق ئۆزىمۇ قىرائەت قىلىدۇ). نامازدا كىشى يا قىرائەت قىلىدۇ، ياكى ئىمامنىڭ قىرائىتىنى جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ. ئەگەر ناماز قىرائىتى مەخپىي ناماز بولسا، تاكى ئىمام رۇكۇغا بارغۇچە سىز قىرائىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرىسىز. (فاتىھەدىن كېيىن بىر سۈرە ئوقۇپ تۈگەتكەن بولسىڭىزمۇ، ئىمام قىرائىتىنى داۋاملاشتۇرىۋەتسە، سىز جىممىدە تۇرماستىن، باشقا سۈرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇيسىز.) [مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى]

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ