ئەللامە ئىبنى باز: جامائەت ئىككى ئەر بولسا  ئىمامنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ

ئەللامە ئىبنى باز: جامائەت ئىككى ئەر بولسا  ئىمامنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

    ئەللامە ئىبنى باز مۇنداق دەيدۇ: ئىمامغا ئىقتىدا قىلىدىغان بىرلا ئەر كىشى بولسا، ئىمامنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى:«ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېچىلىك نامازدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغان.»(قاراڭ: بۇخارى 138؛ مۇسلىم 763) «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ چوڭ ئانىسى زىيارەت قىلغىلى كەلگەندە، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغان.» (قاراڭ: بۇخارى 380؛ مۇسلىم 658) ئەگەر ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇيدىغان ئەرلەر بىردىن ئارتۇق بولسا –بالاغەتكە يەتمىگەن ئەمما يەتتە ياشقا توشقان ئوغۇللارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە – ئىمامنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدۇ. بۇنىڭ دەلىلى:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەنەس ۋە يەنە بىر يېتىم بالىنى كەينىدە تۇرغۇزۇپ ئۇلارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى.» (بۇخارى 380؛ مۇسلىم 658) [ئەللامە ئىبنى باز «نۇرۇن ئەلەد دەرب» 12\218]

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ