بىدئەتچى ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
تۆت ئىمامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا ئىماملىرىنىڭ ئىتتىپاقى بويىچە، كىشىنىڭ كۈندىلىك بەش ۋاخ ناماز، جۈمە نامىزى ۋە بۇنىڭدىن باشقا نامازلارنى ئەقىدىسىنىڭ قانداقلىقى ياكى پاسىق ئەمەل بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شۇغۇللانمايدىغانلىقى ئۆزىگە ئېنىق بولمىغان ئىمامنىڭ كەينىدە ئوقۇشى دۇرۇس. ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ نامازغا ئىماملىق قىلغۇچىنىڭ ئەقىدىسىنى بىلىشى ئىماملىقنىڭ شەرتلىرىدىن ئەمەس. شۇنداقلا، ئىمامدىن «سىزنىڭ ئەقىدىڭىز نېمە؟» دېگەندەك سوئاللار بىلەن ئىمامنىڭ ئەقىدىسىنى بىلىشمۇ شەرت ئەمەس. ھالبۇكى، كىشى ئەھۋالى (ئەقىدىسى ۋە ئەمىلى) نامەلۇم ئىمامنىڭ ئارقىسدا ناماز ئوقۇيدۇ. ئىمامنىڭ بىدئەتچى ياكى پاسىقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى توغرسىدا ئىككى مەشھۇر قاراش مەۋجۇت بولۇپ، ئىمام ئەھمەدنىڭ، ئىمام مالىكنىڭ، ئىمام شافىينىڭ ۋە ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەزھىبى بويىچە، پاسىق ياكى بىدئەتچىنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش دۇرۇستۇر.
كىشى ئىمامنىڭ باشقىلارنى بىدئەتكە چاقىرىدىغان بىدئەتچى ئىكەنلىكىنى، ياكى يامان ئىشلارنى ئوچۇق-ئاشكارا قىلىپ يۈرىدىغان پاسىقلىقىنى بىلگەن تەقدىردە، شۇنداقلا بۇ ئىمام جۈمە نامىزى، ھېيت نامىزى، ھەج مەزگىلىدە ئارافاتتا نامازغا ئىماملىق قىلىدىغان ۋە باشقا نامازلارغا ئىماملىق قىلىدىغان دائىمىي ئىمام بولۇپ، كەينىدە ناماز ئوقۇشتا مۇشۇ خىلدىكى ئىمامدىن باشقا ئىمام بولمىغان تەقدىردە، نامازخان كىشى بۇنداق ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇيدۇ. بۇ كۆپ ساندىكى سەلەپ ۋە خەلەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر. مانا بۇ ئىمام ئەھمەد، شافىي، ئەبۇ ھەنىفە ۋە باشقىلارنىڭ مەزھىبىدۇر.
شۇ ۋەجىدىن، دىننىڭ ئىماملىرى ئەقىدە نۇقتىسىدىن دەيدۇكى: نامازخان جۈمە نامىزى ياكى ھېيىت نامىزىنى ئىمامنىڭ تەقۋادار ياكى پاسىق (بىدئەتچى) بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قانداق ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ئوقۇيدۇ. شۇنىڭدەك، بىر مەھەللىدە بىدئەتچى ياكى پاسىق ئىمام بولسا، بۇنداق ئىمامنىڭ كەينىدە جامائەت نامىزى ئوقۇلىدۇ. چۈنكى، نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش – شۇ جامائەتكە ئىماملىق قىلغۇچى پاسىق، بىدئەتچى بولغان تەقدىردىمۇ، شۇ ئىمام ئىماملىق قىلغان جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇش، ئۇنى ئايرىم ئوقۇشتىن ياخشى. بۇ ئىسلامنىڭ ئىماملىرىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ – ئىمام ئەھمەدنىڭ، شافىينىڭ ۋە باشقا ئىماملارنىڭ ھۆكمىدۇر. ئىمام ئەھمەدنىڭ (ۋە باشقىلارنىڭ) ھۆكمىدە بەش نامازنى مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئوقۇش پەرز ھېسابلىنىدۇ. پاسىق، بىدئەتچى ئىمامنىڭ كەينىدە جۈمە نامىزىنى ۋە جامائەت نامىزىنى (بەش ۋاخ نامازنى) ئوقۇشنى تەرك ئەتكۈچى ئىمام ئەھمەدنىڭ ۋە ئەھلى سۈننەتنىڭ باشقا ئالىملىرىنىڭ ھۆكمىدە بىدئەتچۇر.
توغرا قاراش شۇكى، كىشى بىدئەتچى، پاسىق ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇيدۇ ۋە بۇنداق ئىمامنىڭ كەينىدە ئوقۇغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ. ساھابىلەر جۈمە نامىزىنى ۋە جامائەت نامىزىنى پاسىق ئىماملارنىڭ كەينىدە ئوقۇغان ۋە بۇ نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلمىغان. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەججاجنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان (ھەججاج ئىبنى يۈسۈپ ساھابە ۋە تابىنىلاردىن بولۇپ 120 مىڭ ساھابە تابىئىننى ئۆلتۈرۈۋەتكەن)، ئىبنى مەسئۇد ۋە باشقا ساھابىلەر ۋەلىد ئىبنى ئۇقبەنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان بولۇپ، ۋەلىد ھاراقكەش ئىدى. پاسىقنىڭ ۋە بىدئەتچىنىڭ نامىزى ئۆزى ئۈچۈن دۇرۇس بولغان ئىكەن، ئۇنىڭغا كەينىدە ناماز ئوقۇغىچىنىڭ نامىزى ئىناۋەتسىز بولۇپ قالمايدۇ.
پاسىق، بىدئەتچىنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشنى دۇرۇس دېيىشنى يامان كۆرگۈچىلەر، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىققا توسۇش پەرز بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق قىلىشنى يامان كۆرگەن. بىدئەتلەرنى ۋە يامان ئىشلارنى ئوچۇق-ئاشكارا قىلغۇچىلار مۇسۇلمانلارنىڭ نامىزىغا ئىماملىققا تەيىنلەنمەسلىكى كېرەك. بۇنداق كىشى تاكى بىدئەت ياكى پاسىقلىقتىن تەۋبە قىلغانغا قەدەر ئەيىبلىنىشى كېرەك. ئەگەر تاكى ئۇ تەۋبە قىلغانغا قەدەر ئۇنى تەرك ئېتىش مۇمكىن بولسا، ئۇنى تەرك ئېتىش ياخشىدۇر. ناۋادا بىر تۈركۈم كىشى پاسىق، بىدئەتچى ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشنى تاشلاپ، باشقا ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇسا، بۇ ھال ئۇنىڭغا تەسىر قىلىپ، قىلمىشىدىن تەۋبە قىلىشى، قول ئۈزۈشى ياكى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ناچار قىلمىشنى قىلىشقا يېتەكلەشتىن توختىشى مۇمكىن. بۇنداق پاسىق-بىدئەتچى ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشنى تەرك ئېتىشتە (يۇقىرىقىدەك) مەنپەئەت كۆزلەنگەن بولۇشى، بۇ ھەرگىزمۇ كىشىلەرنى جۈمە نامىزىنى ۋە باشقا جامائەت نامازلىرىنى (مەسجىدلەردە ئوقۇشتىن) تەرك ئېتىشكە ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك. ناۋادا پاسىق-بىدئەتچى ئىمامنىڭ كەيندە ناماز ئوقۇشنى تەرك ئېتىش جۈمە ۋە باشقا پەرز نامازلارنى (مەسجىدلەردە ئوقۇشتىن) تەرك ئېتىشكە ئېلىپ بارىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇنداق ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشنى بىدئەتچىدىن ۋە ساھابىلەرگە قارشى يول تۇتقۇچىدىن باشقىسى تەرك ئەتمەيدۇ. (شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە-مەجمۇئۇل فەتاۋا، 23\351-356)
پەتىۋانىڭ ئەرەپچە تېكىستى: يجوز للرجل أن يصلى الصلوات الخمس والجمعة وغير ذلك خلف من لم يعلم منه بدعة ولا فسقا باتفاق الأئمة الأربعة وغيرهم من أئمة المسلمين ، وليس من شرط الائتمام أن يعلم المأموم اعتقاد إمامه ، ولا أن يمتحنه فيقول : ماذا تعتقد ؟ بل يصلى خلف مستور الحال ، ولو صلى خلف من يعلم أنه فاسق أو مبتدع ففي صحة صلاته قولان مشهوران في مذهب أحمد ومالك ، ومذهبُ الشافعي وأبى حنيفة الصحة .
… ولو علم المأموم أن الإمام مبتدع يدعو إلى بدعته ، أو فاسق ظاهر الفسق ، وهو الإمام الراتب الذي لا تمكن الصلاة إلا خلفه كإمام الجمعة والعيدين ، والإمام في صلاة الحج بعرفة ونحو ذلك ، فان المأموم يصلي خلفه عند عامة السلف والخلف ، وهو مذهب أحمد والشافعي وأبى حنيفة وغيرهم .
ولهذا قالوا في العقائد : إنه يصلى الجمعة والعيد خلف كل إمام برا كان أو فاجرا ، وكذلك إذا لم يكن في القرية إلا إمام واحد فإنها تصلى خلفه الجماعات ، فإن الصلاة في جماعة خير من صلاة الرجل وحده وإن كان الإمام فاسقا ، هذا مذهب جماهير العلماء ، أحمد بن حنبل والشافعى وغيرهما ، بل الجماعة واجبة على الأعيان في ظاهر مذهب أحمد . ومن ترك الجمعة والجماعة خلف الإمام الفاجر فهو مبتدع عند الإمام أحمد وغيره من أئمة السنة …
والصحيح أنه يصليها ولا يعيدها ، فإن الصحابة كانوا يصلون الجمعة والجماعة خلف الأئمة الفجار ، ولا يعيدون ، كما كان ابن عمر يصلى خلف الحجاج ، وابن مسعود وغيره يصلون خلف الوليد بن عقبة ، وكان يشرب الخمر … والفاسق والمبتدع صلاته في نفسه صحيحة فإذا صلى المأموم خلفه لم تبطل صلاته ، لكن إنما كَرِهَ مَنْ كَرِهَ الصلاة خلفه لأن الأمر بالمعروف والنهى عن المنكر واجب ، ومن ذلك أن من أظهر بدعة أو فجورا لا يُرتّب إماما للمسلمين ، فإنه يستحق التعزير حتى يتوب ، فإذا أمكن هجره حتى يتوب كان حسنا ، وإذا كان بعض الناس إذا ترك الصلاة خلفه ، وصلى خلف غيره أثّر ذلك حتى يتوب أو يعزل أو ينتهي الناس عن مثل ذنبه ، فمثل هذا إذا ترك الصلاة خلفه كان فيه مصلحة ، ولم يفت المأموم جمعة ولا جماعة ، وأما إذا كان ترك الصلاة يفوّت المأموم الجمعة والجماعة فهنا لا يَترك الصلاة خلفهم إلا مبتدع مخالف للصحابة رضي الله عنهم » انتهى من «مجموع الفتاوى» (23/351- 356) .
پەتىۋاغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە:
ھەججاج ئىبنى يۈسۈپ ۋە زامانىمىزدىكى جامائەت نامىزى
ھەججاج ئىبنى يۈسۈپ سەقەف قەبىلىسىدىن، كىچىكىدىن قۇرئاننى يادلىغان ۋە يۇرتى تائىفتا بالىلارغا قۇرئان قىرائىتى ئۆگەتكەن. كېيىن دادىسى بىلەن شامغا كەتكەن. كېيىن، ھىجازدا خەلىپە بولۇپ تۇرۇۋاتقان ساھابە، ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ نەۋرىسى، ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى بىلەن زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنى ئۇمەۋىيلەر سۇلالىسى تەرەپتارى بولۇپ يېرىم يىل ئۇرۇش قىلىشتىن كېيىن ئۆلتۈرگەن. كۆرسەتكەن خىزمىتى تۈپەيلى خەلىپە ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان ئىنىسى بىشىر ئىبنى مەرۋاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەججاجنى ئىراق ۋالىيسى قىلىپ تەيىنلىگەن. ھەججاج ئىبنى يۈسۈپ ئۇمەۋىيلەر ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرشى ئۈچۈن پۈتۈن ئۆمرىنى ئاتىغان بولۇپ، سەھىھ نەقىللەرگە كۆرە ساھابە-تابىئىندىن بولۇپ 120 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرگەن. مەشھۇر تابىئىنلاردىن ھەسەن بەسرى قاتارلىقلار ئۇنىڭ زۇلمىدىن قېچىپ، مۆكۈنۈپ ياشىغان. ھەججاج كاتتا تابىئىن سەئىد ئىبنى جۇبەيرنى تولىمۇ ۋەھشىيلىك بىلەن گەردىنىدىن بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. سەئىد ئىبنى جۇبەيرنىڭ ئۆلۈمىدىن بىرەر ئايچە كېيىن ھەججاج ئىبنى يۈسۈپ روھىي كېسەللىككە مۇپتىلا بولغان، ئاندىن شىددەتلىك ئاشقازان ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇپ ئۆلگەن. ھەججاج ئۆلگەندە ئالىملار ئۇنىڭغا رەھمەت تىلىمىگەن. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ھەججاجنىڭ ئۆلۈمىنى ئاڭلاپ شۈكۈر سەجدىسى قىلغان، ئىبراھىم نەخەئى ھەججاجنىڭ ئۆلۈمىدىن خۇشاللىق يېشى تۆككەن.
بىز ئەمدى ھەججاج ئىبنى يۈسۈپنى كۈنىمىزدە ھايات دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلى. ھەججاجنىڭ كۈنىمىزدە بىز تونۇيدىغان دىندار ۋە تەقۋا كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئۇ ئۆلتۈرگەندىن بەزىلىرى بىزنىڭ دىندار تۇغقىنىمىز، دوستىمىز ياكى ئاكا-ئىنىمىز بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلايلى. ياكى ھەججاجدەك بىرىنىڭ ياخشى مۇسۇلمانلارنى كۆز ئالدىمىزدا پاجىئەلىك شەكىلدە ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە بۇ ئۆلتۈرۈش بىر قېتىملىق بىلەنلا توختاپ قالماي، ئىزچىل داۋاماشقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلايلى. بىز توختىماستىن ئادەم ئۆلتۈرىدىغان، ئادەم ئۆلتۈرگەندىمۇ قۇرئان ئەھلى، ھەدىس ئەھلى، تەقۋا ئەھلى بولغان ياخشى كىشىلەرنى تاللاپ ئۆلتۈرىدىغان بۇنداق بىرىنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇمدۇق يوق؟ ھالبۇكى، ئۇنىڭ كەينىدە بىزدىن ساناقسىز ھەسسە ئىلىملىك ۋە تەقۋا ساھابە-تابىئىنلار ناماز ئوقۇغان.
ھەججاج ئىسلام دۇنياسىدا سېسىق نامى پۇركەتكەن شەخس بولسىمۇ، قاتىل، زومىگەر، قانخور بولسىمۇ، ساھابە-تابىئىنلار ئۇنى كاپىر دېمىگەن. ئۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان. ھالبۇكى، بىزنىڭ دەۋرىمىزدە مۇشۇنداق بىر كىشى بولغان تەقدىردە، ئۇنداق كىشى بەلكىم كاپىر دەپ ئاتىلار بولغۇيتتى. ئەڭ مۇھىمى، بۇنداق بىرىنىڭ پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ لەنىتىگە، يامان كۆرىشىگە قالىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى ۋە كۆرگەنلىكى ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشتىن قاچىدىغان مۇسۇلمانلار، ئوخشاشلا ھەججاجنىڭ كەينىدىمۇ – ئۇنى ۋەھشىي قاتىل، ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلمىغۇچى -دەپ، ئۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇماس بولغۇيتتى. ھالبۇكى، ساھابە-تابىئىنلار ھەججاجنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغاندىن باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلىشىنى كاپىرلىق سانىمىغان، ھەججاجنى كاپىر دېمىگەن ئىدى. ساھابە-تائىبىنلارنى ئەڭ پاجىئەلىك شەكىلدە ئۆلتۈرگەن ۋە ئىسلامىي سىياسەتنىڭ ئەكسىچە ناھايىتى زالىملارچە سىياسەت يۈرگۈزگەن ھەججاجنىڭ كەينىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە باشقا ساھابىلەر ناماز ئوقۇغان. ئەمما، بەزى كىشىلەر قانخورلۇقتا، ئاللاھ نازىل قىلغاننىڭ قارشىسى بىلەن ھۆكۈم قىلىشتا ھەججاجنىڭ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدىغان بىر ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشنى ئەيىپ ساناپ، ساھابىلەردىنمۇ تەقۋالىشىپ كەتكەن ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقتى. بەزىلەر، ھەججاج ئىسلام خەلىپىلىكى زامانىدا ياشاپ، خەلىپىلىكتە ۋەزىپە ئىجرا قىلغان. ئۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش ھازىرقى مالاي ئىماملارنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشقا ئوخشىمايدۇ دېيىشىدۇ. بۇ جاھىلانە سۆز بولۇپ، ھەججاج دىننىڭ ھۆكۈملىرىنى ئوڭتەي توڭتەي قىلىپ، بىر تۈركۈم مەسىلىلەردە ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمدىن باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلغان. يەنى بىگۇناھ ئادەم ئۆلتۈرگەن. رەسۇلۇللاھ ماختىغان ساھابە، تابىئىنلارنى ئۆلتۈرگەن. قۇرئان ۋە ھەدىستىكى زۇلۇم قىلماسلىق، ئادالەت بىلەن ھۆكۈم يۈرگۈزۈش، خەلقكە ياخشىلىق قىلىش، ناھەق قان تۆكمەسلىك، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق …. قاتارلىق ئەمرلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك زىت ئىش قىلىپ، ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمدىن باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ساھابە تابىئىنلار ئۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان. (ئاللاھ نازىل قىلغاندىن باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلىش كىچىك كۇفۇر بولۇپ، ساھابە باشچىلىقىدىكى ئۈممەت ئالىملىرى كىشى ئاللاھ نازىل قىلغاندىن باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلىشنى دۇرۇس سانىمىغانلىكى تەقدىردە مۇسۇلمانلىقتىن چىقىپ كەتمەيدۇ، كاپىر بولمايدۇ دەپ پەتىۋا بېرىدۇ. بۇ توغرا ھۆكۈمدۇر.) بۇخارىدا كەلگەن ھەدىستە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كىشىلەر توپىلاڭچىلارنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش توغرۇلۇق سورىغاندا، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ توپىلاڭچىلارنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشنى ۋەسىيەت قىلغان. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەينىدە ناماز ئوقۇڭلار دەپ ۋەسىيەت قىلغان بۇ توپىلاڭچىلار ئادەتتىكى توپىلاڭچىلار بولماستىن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ قانۇنلۇق خەلىپىسى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئاغدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن كەلگەن ۋە ئاقىۋەتتە قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرغان ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ۋەھشىيلەرچە قەتل قىلغان توپىلاڭچىلار ئىدى. ساھابىلەرنىڭ مەيلى قانخور ھەججاجنىڭ، مەيلى ھاراقكەش ۋەلىدنىڭ ۋە ياكى خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆلتۈرگەن توپىلاڭچىلارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشى مۇشۇ مەسىلىدە ھۆججەت بولۇپ، براۋنىڭ قىلغان بۇزۇق ئەمىلى ياكى بىدئىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشنى تەرك ئېتىش، ساھابىلەرنىڭ يولىغا قارشى ئىش كۆرۈشتۇر. ئۇلار دەۋاتقان ئاتالمىش مالاي ئىماملار ھارامنى ھالال دېسە، مەسىلەن زىنا-پاھىشە ۋە جازانىنى… ھالال دېسە، يەنى ئاشكارا كۇفرنى سادىر قىلسا، مەسىلەن، ئىسلامدىن باشقا بىر تۈزۈلمە ياكى دىننى ئارتۇق كۆرسە ياكى ئىسلام بىلەن ئوخشاش كۆرسە، مانا مۇشۇنىڭدەك، ئۇنىڭ قىلغان سۆزى ياكى ئىشىنىڭ كىشىنى دىندىن چىقىرىدىغان ئىشلىقىدا شۈبھە بولمىسا، ئاندىن بۇنداق كىشى كاپىر بولىدۇ. ھالبۇكى بۇنداق ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش يوق. چۈنكى، ھارامنى ھالال دېگۈچى كاپىر. ئىسلامنى بىردىنبىر ھەق دىن دەپ ئېتىقاد قىلمىغچۇ كاپىر. كاپىرنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇلمايدۇ. مەلۇم ھاكىمىيەتنى ياكى پارتىيەنى خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ سۆكمەسلىك، ئۇلارغا قارشى سۆز ياكى ھەرىكەتتە بولماسلىق، ئۇلار بەرگەن ئىماملىق ئورنىدا جامائەتكە ئىمام بولۇش قاتارلىقنىڭ ھېچقايسىسى كىشىنى دىندىن چىقىرىۋېتىدىغان كاپىرلىق ئەمەس. برۋانى شەك بىلەن، گۇمان بىلەن، قىلمىشىنى ياكى سۆزىنى شاخلىتىش بىلەن ياكى بۇرمىلاش بىلەن كاپىر دېيىش ئەھلى سۈننەتنىڭ ئېتىقادى ئەمەس. ئەھلى سۈننەت پەقەت كاپىرنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشنىلا چەكلەيدۇ. مۇسۇلمانلىكى بولغان تەقدىردە، مەيلى ئۇ بىدئەتچى بولسۇن، زالىم بولسۇن، ھەر قانداق ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشنى دۇرۇس دەيدۇ. بۇنىڭغا قارشى قوپقۇچى ئەھلى سۈننەتنىڭ ئەقىدىسىنى ئۆگىنىشى ۋە دىن ئىماملىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكمىگە قۇلاق سېلىشى لازىم. بولمىسا، مەڭگۈ نىجاتلىق تاپالمايدۇ. خاۋارىج ئەبۇ ھەنزەلە ۋە ئۇنىڭ تەبىقىسىنىڭ مەسجىد ئىماملىرىنى ۋە ئەھلى سۈننەتنىڭ ئالىملىرىنى كاپىرغا چىقىرىشىغا ئەگىشىپ خاۋارىجلىق يولىغا قاراپ كېتىۋاتقانلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ مەلۇم نىسبەتتە مەۋجۇت. ھالبۇكى، خاۋارىج ئەبۇ ھەنزەلە بۈگۈنكى تۈركىيەدىكى تۈرك، كۇرت، ئۇيغۇر، ئۆزبېك قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىگە ئەڭ ئېغىر زىيان سالغان بالا-قازالاردىن بىرىدۇر. ئۇنىڭ ۋە دىننى ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن بۇزغۇنچى، بىدئەتچى پەتىۋاچىلارنىڭ ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىدىن تامامەن بىخەۋەر ھالدا پىچقان ھۆكۈملىرى ئۆزىنىڭ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بېشىغا قىيامەت كۈنىدە قاتتىق بالا بولىدىغانلىقى شەكسىز.