ئىمام ئىبنى تەيمىييە: ئايال كىشى ئۆلۈپ كەتسە، مال-مۈلكى قانداق تەقسىملىنىدۇ؟

ئايال كىشى ئۆلۈپ كەتسە، مال-مۈلكى قانداق تەقسىملىنىدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

سوئال: بىر ئايال ۋاپات تاپتى، بۇ ئايالنىڭ كەينىدە يولدىشى ۋە ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسى قېلىپ قالدى. ئايالنىڭ دادىسى ۋاپات تاپقان قىزىنى كىچىك ئۆلۈپ كەتتى دەپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىگە ئىگە بولىۋالدى. ۋاپات تاپقان ئايالنىڭ يولدىشى ئۇنىڭ مال-مۈلكىگە مىراسخورلۇق قىلىشقا ھەقلىق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋاپات تاپقان ئايال قالدۇرغان مال-دۇنيا مىراسى مۇنداق تەقسىم قىلىنىدۇ:

ئۇنىڭ مال-مۈلۈكىنىڭ يېرىمى يولدىشىغا مىراس قالىدۇ. مال-مۈلۈكىنىڭ ئۈچتىن بىرى دادىسىغا مىراس قالىدۇ. مال-مۈلۈكىنىڭ ئالتىدىن بىرى ئانىسىغا مىراس قالىدۇ. بۇ تۆت فىقھىي مەزھەبنىڭ كۆز قارىشىدۇر. ئايال كىشى مەيلى كىچىك، ياكى چوڭ ياشتا ئۆلۈپ كەتسۇن، ئۇنىڭ مىراسىنى تەقسىملەش يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. (ئىمام ئىبنى تەيمىييە-ئاياللار پەتىۋالار-134-بەت)

(مەسىلەن: بىر ئايال كىشى ۋاپات تاپقاندا ئۇنىڭ 12 مىڭ دوللار پۇلى قېلىپ قالغان بولسا، پۇلنىڭ يېرىمى – يەنى ئالتە مىڭ دوللار – يولدىشىغا مىراس قالىدۇ. پۇلنىڭ ئۈچتىن بىرى – يەنى تۆت مىڭ دوللار – دادىسىغا مىراس قالىدۇ. پۇلنىڭ ئالتىدىن بىرى – يەنى ئىككى مىڭ دوللار – ئانىسىغا مىراس قالىدۇ.-ت)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ