ئىمام ئىبنى تەيمىييە: نامازدا چېچىنىڭ بىر قىسىمى ئېچىلىپ قالغان ئايالنىڭ نامىزى دۇرۇسمۇ؟

نامازدا چېچىنىڭ بىر قىسىمى ئېچىلىپ قالغان ئايالنىڭ نامىزى دۇرۇسمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

سوئال: نامازدا ئايال كىشىنىڭ چېچىنىڭ بىر قىسىمى ئېچىلىپ قالسا، ئۇنىڭ نامىزى بۇزۇلامدۇ؟

جاۋاب: ناۋادا ئايال كىشىنىڭ چېچىنىڭ ياكى بەدىنىنىڭ ئازغىنە قىسىمى ئېچىلىپ قالسا، ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام ئەھمەدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىمنىڭ ھۆكمى بويىچە،  ئۇنىڭ نامىزى (دۇرۇس بولۇپ) قايتا ئوقۇمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ چېچىنىڭ ياكى بەدىنىنىڭ كۆپ قىسىمى ئېچىلىپ قالسا، تۆت ئىمام ۋە باشقا ئالىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارچە ئالىملارنىڭ ھۆكمى بويىچە، بۇنداق ئايال نامىزىنى قايتا ئوقۇيدۇ. (ئىمام ئىبنى تەيمىييە – ئاياللارغا پەتىۋالار، 41-بەت)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ