مۇسۇلماننىڭ كۇفرىي دۆلەتتە خىزمەت قىلىشىنىڭ ۋە بۇ ئىشىنى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنىغا ئوخشىتىشنىڭ ھۆكمى
12-سوئال: مۇسۇلماننىڭ كاپىرنىڭ دۆلىتىدە خىزمەت قىلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟ بۇنداق قىلىشنى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلمىشىغا باغلىساق بولامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابدۇررازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان
جاۋاب: مۇسۇلمان ئۆز دىنىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن خاتىرجەم بولغان، ئۆز ئېتىقادىنى ئۆزىدىكى بىلىم ئارقىلىق مۇھاپىزەت قىلىپ، قوغداشقا قادىر بولالىغان؛ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان بولغان ۋە باتىلنى (كۇفرىنى، ھارامنى، شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلارنى) قوللاشتىن مۇستەسنا بولغان تەقدىردە، ئۇنىڭ كاپىرنىڭ دۆلىتىدە خىزمەت قىلىشى يوللۇق ھېسابلىنىدۇ. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام مۇشۇ تىپتىكى زاتلاردىن ئىدى. بۇنداق شەرتلەرنى بەجا كەلتۈرەلمىگەن تەقدىردە، مۇسۇلماننىڭ كاپىرنىڭ دۆلىتىدە خىزمەت قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ.
مەنبە: فەتۋا لەجنەتۇد دائىمە 2-جىلد، 113-بەت
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلى تارقاتتى