پەتىۋا كومېتىتى: دۇئا قىلىپ، ئارقىسىدىن سۈرە فاتىھە ئوقۇش بىدئەت

دۇئا قىلىپ، ئارقىسىدىن سۈرە فاتىھە ئوقۇش بىدئەت

پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 5881-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابدۇررازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد

سوئال: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دۇئا قىلىپ، ئارقىسىدىن سۈرە فاتىھە ئوقۇمتى؟

جاۋاب: بىزنىڭ بىلگىنىمىزدە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دۇئا قىلىپ، ئارقىسدىن سۈرە فاتىھە ئوقۇغانلىقى مەلۇم ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق قىلىش (رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن ۋە ھارام قىلغان) بىدئەت ئەمەللەر جۈملىسىدىندۇر.

مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر. ئاللاھنىڭ سالامى ۋە رەھمىتى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ