سوئال: مەن ئاتا-ئانىسى باشقا يۇرتتا ياكى باشقا دۆلەتتە تۇرىدىغان بىر قىز بىلەن توي قىلماقچى، ئىقتىسادى قىيىنچىلىق ياكى بەزى سەۋەبلەردىن مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ بىرلىكتە نىكاھ ئەھدىسى قىلىشقا قادىر بولالمايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قىزنىڭ دادىسىغا تېلېفۇن قىلىپ، توي قىلىشنى تەلەپ قىلسام، ئۇ كىشى ماڭا: قىزىم پالانىنى سىزگە ھالال ئاياللىققا بەردىم دىسە، مەن: قوبۇل قىلىپ ئالدىم دېسەم، قىزچاقمۇ بۇنىڭغا رازى بولسا، بۇ يەردە ئىككى مۇسۇلمان گۇۋاھچى مېنىڭ ۋە قېيناتامنىڭ سۆزىنى تېلېفۇن تۇرۇپكىسى ئارقىلىق ئوچۇق ئاڭلاپ تۇرغان بولسا، بۇ شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان نىكاھ ھېسابلىنامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: پازىل ئۆلىما، ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
جاۋاپ: شەيخ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان سۆز توغرا بولسا (بۇنىڭدا باشقىلارنى كولدۇرلىتىش بولمىسا) بۇنىڭ بىلەن شەرىئەتنىڭ نىكاھ ئەھدىسىدە شەرت قىلىنغان مەقسەتلەر ھاسىل بولىدۇ ۋە بۇ نىكاھ توغرا بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە: https://islamqa.info/ug/answers/105531/تېلېفۇن-ۋە-ىىنتېرنېت-ۋاستىلىرى-ىارقىلىق-نىكاھ-قىلىشنىڭ-ھۆكمى