قۇسۇرچى مۇسۇلمان شەيتاننىڭ «ئەسكىرى»دۇر
باشقىلاردىن ۋە ئۇنىڭ ئىشىدىن قۇسۇر چىقىرىش بەك ئاسان. مۇسۇلماننىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرەلەش قەلب كېسەللىكىگە گرىپتار بولغانلار ئۈچۈن بەك قىيىن. مۇسۇلمان ۋۇجۇدقا چىقارغان ياكى چىقارماقچى بولىۋاتقان ئىجابىي ئىشلارغا سەلبىي نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش شەيتاننىڭ قەلبكە سالغان ۋەسۋەسىسى بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر مۇشۇ كېسەلگە گرىپتار بولغان.
مۇسۇلماننىڭ مەلۇم يامان تەرىپىنى دەپ، ئۇنىڭ باشقا ياخشىلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدىغان؛ ھەسەلدىن قىل ئىلغاپ، ھۆپۆپنى يۇڭدىماي يەىدىغان بۇ خىل كىشىلەر جەمئىيەتتە قانچە كۆپەيگەنسېرى، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا نىزا-ئاداۋەت، تەپرىقچىلىك، ئىتتىپاقسىزلىق ۋە باشقا كۆپلىگەن سەلبىي ھادىسىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
قۇسۇرچى مۇسۇلماندىن شەيتان ناھايىتى ياخشى پايدىلىنىدۇ. ھەر قانداق ئىجابىي ئىشلاردىن ئەپ تاپسىلا قۇسۇر ئىزدەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ تىپتىكى كىشىلەر بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. مەيلى دىندا، ياكى دۇنيالىقتا ئۇتۇق قازىنىپ ئۆزى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ياخشىلىق قىلالمايدۇ. بۇنداقلارنى بىر جامائەتكە باش قىلىپ قويسا، ئۇ جامائەتنى ئاز كۈندە پارچە-پارچە قىلىپ بۆلۈپ، ئۆز-ئارا دۈشمەن قىلىۋېتىدۇ. بىر مەسىجىدە ئىمام قىلىپ قويسا، ئاز كۈن ئۆتمەي شۇ مەسجىدنىڭ جامائىتىنى قاچۇرىۋېتىپ، مەسجىدنى تاقاق قويىدۇ. بىر شىركەتكە دېرىكتور قىلىپ قويسا، شىركەتنى ۋەيران قىلىپ يوق قىلىدۇ. بىر ئائىلىنىڭ بېشى بولغاندا بولسا، ئائىلە ئەزالىرىنى توغرا رەۋىشتە ئىدارە قىلالماي، ئائىلىسىنى نورمالسىز بىر ئائىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
مۇسۇلماندىن قۇسۇر ئىزدەش كېسىلى يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، قۇسۇرچى بۇ كېسىلىنى ئۆز ئەتراپىدىكى ئىنسانلارغا يۇقتۇرىدۇ. نەتىجىدە شاگىرت قۇسۇرچىلار ئۇستازىنىڭ باشقا شاگىرتلىرىدىن ئۆز-ئارا قۇسۇر ئىزدىشىپ، ياخشىلىقلىرىنى يامانلىققا چىقىرىشىپ، بىر جامائەت تېرىقتەك چېچىلىپ كېتىدۇ.
بۇنداقلار گەپنى بەك چوڭ قىلىدۇ، ئەمما، نەچچە ئادەمنى يېتەكلەپ، بىرەر ياخشى ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. ھەممە ئىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ، ئەمما، ئۆز تۇرمۇش ۋە ھاياتى ئۈچۈن بولمىسا بولماس ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىمۇ توغرا شەكىلدە ھەل قىلالمايدۇ.
مۇسۇلماندىن قۇسۇر ئىزدەش كېسىلىگە گرىپتار بولغۇچىنىڭ قەلبى ھەسەت، نەپرەت، شۇملۇق، ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەتكە تولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆچمەنلىكىگە ئۇچراشتىن خالىي قالغان مۇسۇلمانلار بەكمۇ ئازدۇر. ئۇ ھېچكىم بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلمەيدۇ. ئىنسانىي فىترىتى بۇزۇلمىغان، دىنغا ۋە مۇسۇلمانغا پايدىسى تېگىدىغان ھېچكىم بىلەن بىر يەرگە كېلەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇنداقلارنى ئۆزىگە تەھدىت ھېس قىلىدۇ. پەقەت، ئۆزى نېمە دېسە ماقۇل دەپ تەستىقلايدىغان ئەڭ جاھىل كىشىلەر بىلەنلا بىر يەرگە كېلەلەيدۇ.
مۇسۇلمانلاردىن قۇسۇر ئىزدەش كېسىلىگە گىرىتپار بولغان بۇ تۈردىكى سەلبىي ئىنسانلار يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىدىغان ئىنسانلار تىپىغا تەۋە بولۇپ، ئەگەر سىز براۋنىڭ باشقا مۇسۇلمانلاردىن، بولۇپمۇ ئالىملىرىدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغانلىقىنى، جەمئىيەتتە باش كۆتۈرگەن ۋە ماھىيەت جەھەتتە مۇسۇلمانلارغا زىيان سالمايۋاتقان شەخىسلەرنى ئەپ تاپسىلا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن شەكىلدە غاجاپ، ئۇلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىدىغانلىقى، يۈز-ئابرۇيىنى تۆكۈشكە ئورۇنىدىغانلىقىنى، باشقىلار بىلەن، بولۇپمۇ ئۆزىگە ئوخشاش پىكىر قىلمايدىغان مۇسۇلمانلار بىلەن چىقىشالمايدىغانلىقىنى، بىر يەرگە كېلەلمەيدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز، بىلىڭكى، ئۇ دەل مۇسۇلماندىن قۇسۇر ئىزدەش كېسىلىگە گرىپتار بولغان، ئىچى ھەسەت، ئاداۋەت ۋە نەپرەت بىلەن تولۇپ كەتكەن ئادىمىي شەيتاندۇر. بۇنداق ئادىمىي شەيتانلاردىن يىراق تۇرۇش ھەقنى تاپقان كىشىگە غايەت زور دەرىجىدە راھەتلىك ۋە كۆپ ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.