سەھىھۇل بۇخارى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
(ھەدىسلەر كۈنسېرى تولۇقلىنىپ ماڭىدۇ)
ۋەھىي كىتابى [1-7]
وعن أمير المؤمِنين أبي حَفْصٍ عمرَ بنِ الخطابِ قالَ : سَمِعتُ رَسُولَ اللهِ ، يقُولُ : (( إنّمَا الأَعْمَالُ بالنِّيّاتِ ، وَإِنَّمَا لِكُلِّ امرِىءٍ مَا نَوَى ، فَمَنْ كَانَتْ هجرته إلى الله ورسوله ، فهجرته إلى الله ورسوله ، ومن كانت هِجْرَتُهُ لِدُنْيَا يُصيبُهَا ، أَوْ امْرَأَةٍ يَنْكَحُهَا ، فَهِجْرَتُهُ إِلى مَا هَاجَرَ إِلَيْه )) . مُتَّفَقٌ عَلَى صِحَّتِهِ .
مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«ھەقىقەتەن بارلىق ئەمەللەرنىڭ دۇرۇس بولۇشى نىيەتكە باغلىق. ھەقىقەتەن كىشىگە ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھىجرەت قىلسا، ئۇنى ھىجرىتىدىن ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلىنىڭ رازىلىقىنى تاپىدۇ. كىمكى بۇ دۇنيادا پۇل-مالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ياكى خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇ ھىجرىتىدىن شۇنى تاپىدۇ.»(بۇخارى 1؛ مۇسلىم 1907؛ رىيازۇس سالىھىن 1)
[3-نومۇرلۇق ھەدىس]
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ۋەھىينىڭ باشلىنىشى ئۇيقۇدىكى ياخشى چۈشلەر بولدى. كۆرگەن ھەر بىر چۈشى تاڭ نۇرىدەك ئۆز پېتى يۈز بېرەتتى. كېيىن ئۇنىڭغا يالغۇزلۇق ياخشى كۆرسىتىلدى. ئاندىن، ھىرا غارىغا بېرىپ يالغۇز ئىستىقامەت قىلىدىغان بولدى، ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەنگە قەدەر بىر نەچچە كېچە غاردا ئىبادەت قىلاتتى ۋە (ئائىلىسىگە قايتىپ بىر مەزگىندىن كېيىن) يەنە ئوزۇق ئېلىپ غارغا كېلەتتى. ئاندىن يەنە خەدىچە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نىڭ يېنىغا قايتىپ، ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك ئوزۇقلۇق ئالاتتى.
ئاقىۋەتتە، بىر كۈنى ئۇ ھىرا غارىدىكى چاغدا ئۇ زاتقا ھەق (ۋەھىي) كەلدى. پەرىشتە (جىبرىل) ئۇ زاتقا كېلىپ «ئوقۇ» دېدى. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى «ئوقۇشنى بىلمەيمەن» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن ئىدى:«ئۇ چاغدا پەرىشتە مېنى تۇتۇپ تاقىتىم قالمىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق سىقتى. ئاندىن قويۇۋېتىپ «ئوقۇ!» دېدى. مەن يەنە ئۇنىڭغا «ئوقۇشنى بىلمەيمەن» دېدىم. مېنى ئىككىنچى رەت يەنە تاقىتىم قالمىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق سىقتى. ئاندىن مېنى قويۇۋېتىپ يەنە «ئوقۇ!» دېدى. مەن يەنە «ئوقۇشنى بىلمەيمەن» دېدىم. مېنى تۇتۇپ ئۈچىنچى قېتىم سىقتى، ئاىندىم مېنى قويۇۋېتىپ:{ياراتقان رەببىڭنىڭ نامى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇم، ھەقىقەتەن رەببىڭ بەك كېرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى»(سۈرە ئەلەق،1-ئايەتتىن 5-ئايەتكىچە) دېدى.
شۇنداق قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۈرىكى سالغان، قورققان ھالدا قايتتى ۋە ئايالى خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نىڭ يېنىغا كېلىپ «مېنى يۆگەپ قويۇڭلار، مېنى يۆگەپ قويۇڭلار!» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى قورقۇنچى كەتكۈچە مۇددەت يۆگەپ قويدى. ئاندىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېشىدىن كەچكەنلەرنى خەدىچە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) غا ئېيتىپ بېرىپ «ئۆزۈمدىن قورقۇپ قېلىۋاتىمەن» دېدى. خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇنىڭغا جاۋابەن: ئۇنداق دېمىسىلە، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سىلىنى ھەرگىز رەسۋا قىلمايدۇ. چۈنكى، سىلى ئۇرۇق تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىلا، ئاجىز-بىچارىلەرگە ياردەم قىلىلا، يوقسۇللارغا كۆڭۈل بۆلۈلا، مېھماننى ھۆرمەتلەيلا، پالاكەتكە ئۇچرىغانغا ياردەم قىلىلا،-دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋەرەقە ئىبنى نەفۋەل ئىبنى ئەسەد ئىبنى ئابدۇلئۇززانىڭ يېنىغا ئېلىپ باردى. بۇ كىشى جاھىلىيەت زامانىدا خىرىستىيان بولغان كىشى ئىدى، ئىبرانىچە بىلەتتە ۋە ئىنجىلدىن بەزى نەرسىلەرنى ئىبرانىيچە ئوقۇيتتى ۋە يازاتتى. كېيىنكى چاغلاردا ۋەرەقە ئىككى كۆزى قارىغۇ بولۇپ قالغان، قېرىپ كەتكەن ئىدى. خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋەرەقەگە «ئى تاغامنىڭ ئوغلى! قېرىندىشىڭنىڭ ئوغلىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى ئاڭلاپ باققىن» دېدى. ۋەرەقە «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى، نېمىلەرنى كۆردۈڭ؟» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېشىغا كەلگەن ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بەردى.
بۇنىڭ بىلەن ۋەرەقە مۇنداق دېدى:
ـــ كۆرگەنلىرىڭ ئاللاھنىڭ ھەزىرتى مۇساغا ئەۋەتكەن پەرىشتىدۇر. كاشكى، سېنىڭ دەئۋەت زامانىڭدا ياش بولغان بولسام! قەۋمىڭ سېنى بۇ شەھەردىن چىقىرىۋەتكەندە ھايات بولغان بولسام!
بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇلار مېنى بۇ شەھەردىن چىقىرىۋېتەمدۇ؟» دەپ سورىدى. ۋاراقە مۇنداق دېدى: «شۇنداق، سېنى چىقىرىۋېتىدۇ. سەن ئېلىپ كەلگەن بۇ داۋانى قىلغان ھەر قانداق (پەيغەمبەر) دۈشمەنلىككە ئۇچرىغان. سېنىڭ پەيغەمبەرلىك زامانىڭدا ھاياتلا بولسام، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن.»
بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاراقە ئالەمدىن كەتتى ۋە ئۇ چاغلاردا ۋەھىي بىر زامان توختاپ قالدى. (بۇخارى 3)
[6-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ، قَالَ كَانَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم أَجْوَدَ النَّاسِ، وَكَانَ أَجْوَدُ مَا يَكُونُ فِي رَمَضَانَ حِينَ يَلْقَاهُ جِبْرِيلُ، وَكَانَ يَلْقَاهُ فِي كُلِّ لَيْلَةٍ مِنْ رَمَضَانَ فَيُدَارِسُهُ الْقُرْآنَ، فَلَرَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم أَجْوَدُ بِالْخَيْرِ مِنَ الرِّيحِ الْمُرْسَلَةِ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىشىلەرنىڭ ئەڭ سېخيسى ئىدى. ئۇ زات رامزاندا جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقىنىدا سېخىيلىقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتەتتى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ھەر كېچىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كېلىپ ئۇ زاتقا قۇرئاننى ئۆگۈتەتتى. بۇ چاغلاردا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇچقۇر شامالدىنمۇ بەك سېخىيلىشىپ كېتەتتى. (بۇخارى 6)
ئىيمان كىتابى [8~ 58]
[8-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنِ ابْنِ عُمَرَ رضى الله عنهما قَالَ قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم « بُنِيَ الإِسْلاَمُ عَلَى خَمْسٍ شَهَادَةِ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَأَنَّ مُحَمَّدًا رَسُولُ اللَّهِ، وَإِقَامِ الصَّلاَةِ، وَإِيتَاءِ الزَّكَاةِ، وَالْحَجِّ، وَصَوْمِ رَمَضَانَ «.
ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىسلام لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، نامازنى بەرپا قىلىش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش ۋە رامزان روزىسىنى تۇتۇشتىن ئىبارەت بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان.» (بۇخارى 8)
[9-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ ـ رضى الله عنه ـ عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ « الإِيمَانُ بِضْعٌ وَسِتُّونَ شُعْبَةً، وَالْحَيَاءُ شُعْبَةٌ مِنَ الإِيمَانِ «.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمان ئاتمىش نەچچە شاخچىدىن تەركىپ تاپقان، ھايا ئىمان شاخچىلىرىدىن بىر شاخچىدۇر.» (بۇخارى 9)
[10-نومۇرلۇق ھەدىس]
عن عبد الله بن عمرو رضي الله عنهما عن النبي صلى الله عليه وسلم قال المسلم من سلم المسلمون من لسانه ويده والمهاجر من هجر ما نهى الله عنه
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«مۇسۇلمان دېگەن – باشقا مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلى ۋە قولىنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىپ قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن ئاللاھ چەكلىگەن نەرسىنى تەرك ئەتكەن كىشىدۇر.» (بۇخارى 10؛ مۇسلىم 40)
[11-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنْ أَبِي مُوسَى رضى الله عنه قَالَ قَالُوا يَا رَسُولَ اللَّهِ أَىُّ الإِسْلاَمِ أَفْضَلُ قَالَ « مَنْ سَلِمَ الْمُسْلِمُونَ مِنْ لِسَانِهِ وَيَدِهِ ».
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بەزى كىشىلەر:
ـــ ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مۇسۇلمانلارنىڭ قايسىسى ئەۋزەلدۇر؟- دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:
ـــ مۇسۇلمانلار تىلى ۋە قولىنىڭ زىيىنىدىن سالامەت قالغان (كىشى ئەۋزەلدۇر)،- دېدى. (بۇخارى 11)
[12-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنْ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ عَمْرٍو رضى الله عنهما أَنَّ رَجُلاً، سَأَلَ النَّبِيَّ صلى الله عليه وسلم أَىُّالإِسْلاَمِ خَيْرٌ قَالَ « تُطْعِمُ الطَّعَامَ، وَتَقْرَأُ السَّلاَمَ عَلَى مَنْ عَرَفْتَ وَمَنْ لَمْ تَعْرِفْ «.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن:
ـــ ئىسلامنىڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسىلار؟- دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:
ـــ (پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ قورسىقىنى) تويغۇزۇش ۋە تونىغان-تونىمىغان ھەممىسىگە ئوخشاش سالام بېرىش،- دېدى. (بۇخارى 12)
[13-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنْ أَنَسٍ، عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ « لا يُؤْمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى يُحِبَّ لأَخِيهِ مَا يُحِبُّ لِنَفْسِهِ «.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ھېچكىم ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.» (بۇخارى 13)
[14-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضى الله عنه أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم قَالَ « فَوَالَّذِي نَفْسِي بِيَدِهِ لاَ يُؤْمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى أَكُونَ أَحَبَّ إِلَيْهِ مِنْ وَالِدِهِ وَوَلَدِهِ «.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جېنىم قولى ئىلىكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەردىن ھېچكىم تاكى مېنى دادىسىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.» (بۇخارى 14)
[15-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنْ أَنَسٍ، قَالَ قَالَ النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم « لاَ يُؤْمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى أَكُونَ أَحَبَّ إِلَيْهِ مِنْ وَالِدِهِ وَوَلَدِهِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ «.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ھېچكىم مېنى ئۆزىنىڭ دادىسى، بالا-ۋاقىسى ۋە جىمى ئىنسانلاردىن ئارتۇق ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.» (بۇخارى 15)
[16-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنْ أَنَسٍ، عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ « ثَلاَثٌ مَنْ كُنَّ فِيهِ وَجَدَ حَلاَوَةَ الإِيمَانِ أَنْ يَكُونَ اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَحَبَّ إِلَيْهِ مِمَّا سِوَاهُمَا، وَأَنْ يُحِبَّ الْمَرْءَ لاَ يُحِبُّهُ إِلاَّ لِلَّهِ، وَأَنْ يَكْرَهَ أَنْ يَعُودَ فِي الْكُفْرِ كَمَا يَكْرَهُ أَنْ يُقْذَفَ فِي النَّارِ «.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمدە مۇنۇ ئۈچ خىسلەت بولسا ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتيىدۇ: ئۇنىڭغا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھەممە نەرسىدىن قەدىرلىك بولسا؛ بىر كىشىنى ياخشى كۆرسە پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈنلا ياخشى كۆرسە؛ كۇفرىغا يېنىپ كېتىشنى ئوتقا تاشلانغاندىمۇ بەك يامان كۆرسە.» (بۇخارى 16)
[17-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنْ أَنَسٍ، عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ « آيَةُ الإِيمَانِ حُبُّ الأَنْصَارِ، وَآيَةُ النِّفَاقِ بُغْضُ الأَنْصَارِ «.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىماننىڭ ئالامىتى ئەنسارىلارنى (دىنغا ياردەم بەرگۈچىلەرنى) ياخشى كۆرۈشتۇر، مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى ئەنسارىلارنى يامان كۆرۈشتۇر.» (بۇخارى 17)
[19-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنْ أَبِي سَعِيدٍ الْخُدْرِيِّ، أَنَّهُ قَالَ قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم « يُوشِكُ أَنْ يَكُونَ خَيْرَ مَالِ الْمُسْلِمِ غَنَمٌ يَتْبَعُ بِهَا شَعَفَ الْجِبَالِ وَمَوَاقِعَ الْقَطْرِ، يَفِرُّ بِدِينِهِ مِنَ الْفِتَنِ «.
ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلماننىڭ مېلىنىڭ ئەڭ ياخشىسى قوي بولىدىغان، ئۇ مۇسۇلمان دىنىنىڭ پىتنىگە چۈشۈشىدىن قېچىپ قويىنى ئېلىپ تاغ چوقىلىرىدا ۋە يامغۇرلۇق جىلغىلاردا ياشايدىغان زامان يېقىنلاشتى.» (بۇخارى 19)
[20-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساھابىلىرىگە ئۇلارغا ئاسان توختايدىغان ئەمەللەرنى بۇيرۇيتتى. ئۇلار «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز سىلىگە ئوخشىمايمىز. ئاللاھ سىلىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى بارلىق گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىۋەتكەن» دېيىشتى. بۇ سۆزدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم غەزەپلەندى. ئۇ زاتنىڭ غەزەپلەنگەنلىكى يۈزىدىن بىلنەشتى. ئۇ زات مۇنداق دېدى:«مەن سىلەرنىڭ ئەڭ تەقۋارىڭلار، مەن ئاللاھنى ھەممىڭلاردىن بەك تونۇيمەن.» (بۇخارى 20)
[34-نومۇرلۇق ھەدىس]
قال النبي صلى الله عليه وسلم : ( أَرْبَعٌ مَنْ كُنَّ فِيهِ كَانَ مُنَافِقًا خَالِصًا ، وَمَنْ كَانَتْ فِيهِ خَصْلَةٌ مِنْهُنَّ كَانَتْ فِيهِ خَصْلَةٌ مِنْ النِّفَاقِ حَتَّى يَدَعَهَا : إِذَا اؤْتُمِنَ خَانَ ، وَإِذَا حَدَّثَ كَذَبَ ، وَإِذَا عَاهَدَ غَدَرَ ، وَإِذَا خَاصَمَ فَجَرَ ) رواه البخاري (34) ، ومسلم (58)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تۆت يامان خىسلەت بولۇپ، كىمدە بۇ يامان خىسلەتنىڭ ھەممىسى تېپىلسا ئۇ سېپى ئۆزىدىن مۇناپىقتۇر. كىمدە بۇ تۆت يامان خىسلەتنىڭ بىرى بولسا، ئۇنىڭدا مۇناپىقلىق خىسلەتلىرىدىن بىرى بولغان بولىدۇ. (بۇ تۆت يامان خىسلەت شۇكى) ئۇنىڭغا ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ، سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋاپا قىلمايدۇ، جاڭجاللىشىپ قالسا ئاغزىنى بۇزىدۇ.» (بۇخارى 34؛ مۇسلىم 58)
[55-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ مەسئۇد ئەل بەدىرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر كىشى ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ ئائىلىسى (ئاتا-ئانا، خوتۇن بالىلىرى) ئۈچۈن خىراجەت قىلسا، قىلغان شۇ خىراجىتى ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.» (بۇخارى 55؛ مۇسلىم 1002)
[56]
وعن أبي إسحاقَ سَعدِ بنِ أبي وَقَّاصٍ مالِكِ بنِ أُهَيْب بنِ عبدِ منافِ بنِ زُهرَةَ بنِ كلابِ( ) بنِ مُرَّةَ بنِ كعبِ بنِ لُؤيٍّ القُرشِيِّ الزُّهريِّ ، أَحَدِ العَشَرَةِ( ) المشهودِ لهم بالجنةِ ، قَالَ : جاءنِي رسولُ اللهِ يَعُودُنِي عَامَ حَجَّةِ الوَدَاعِ مِنْ وَجَعٍ اشْتَدَّ بي ، فقُلْتُ : يَا رَسُولَ اللهِ ، إنِّي قَدْ بَلَغَ بي مِنَ الوَجَعِ مَا تَرَى ، وَأَنَا ذُو مالٍ وَلا يَرِثُني إلا ابْنَةٌ لي ، أفأَتَصَدَّقُ بِثُلُثَيْ مَالِي ؟ قَالَ : (( لا )) ، قُلْتُ : فالشَّطْرُ يَا رَسُولَ اللهِ ؟ فقَالَ : (( لا )) ، قُلْتُ : فالثُّلُثُ يَا رَسُولَ اللهِ ؟ قَالَ : (( الثُّلُثُ والثُّلُثُ كَثيرٌ – أَوْ كبيرٌ – إنَّكَ إنْ تَذَرْ وَرَثَتَكَ أغنِيَاءَ خيرٌ مِنْ أنْ تَذَرَهُمْ عَالَةً( ) يتكفَّفُونَ النَّاسَ ، وَإنَّكَ لَنْ تُنفِقَ نَفَقَةً تَبْتَغي بِهَا وَجهَ اللهِ إلاَّ أُجِرْتَ عَلَيْهَا حَتَّى مَا تَجْعَلُ في فِيِّ امْرَأَتِكَ )) ، قَالَ : فَقُلتُ : يَا رسولَ اللهِ ، أُخلَّفُ( ) بعدَ أصْحَابي ؟ قَالَ : (( إِنَّكَ لَنْ تُخَلَّفَ فَتَعملَ عَمَلاً تَبتَغي بِهِ وَجْهَ اللهِ إلاَّ ازْدَدتَ بِهِ دَرَجةً ورِفعَةً ، وَلَعلَّكَ أنْ تُخَلَّفَ حَتّى يَنتَفِعَ بِكَ أقْوَامٌ وَيُضَرَّ بِكَ آخرونَ . اللَّهُمَّ أَمْضِ لأصْحَابي هِجْرَتَهُمْ ولاَ تَرُدَّهُمْ عَلَى أعقَابهمْ ، لكنِ البَائِسُ سَعدُ بْنُ خَوْلَةَ )) يَرْثي لَهُ رَسُولُ اللهِ أنْ ماتَ بمَكَّة . مُتَّفَقٌ عليهِ . البخاري 1/22 ( 56 ) ، ومسلم 5/71 ( 1628 ) ( 5 ) .
[6] سەئىد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ۋىدالىشىش ھەججى يىلى قاتتىق ئاغرىپ ياتقىنىمدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى يوقلاپ كەلدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كۆرۈپ تۇرغىنىڭدەك، كېسىلىم ئېغىرلىشىپ كەتتى. مەن بولسام مالدار كىشىمەن. قىزىمدىن باشقا مىراسخورۇم يوق. شۇڭا ماللىرىمنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى سەدىقە قىلىۋېتەيمۇ؟ دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق» دېدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇنداقتا، يېرىمىنى سەدىقە قىلايمۇ؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق» دېدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇنداقتا، ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلايمۇ؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلغىن. ئەسلىدە ئۈچتىن بىرىمۇ كۆپلۈك قىلىدۇ. ۋارىسلىرىڭنى باي ھالەتتە قالدۇرۇشۇڭ، ئۇلارنى كىشىلەرگە قوللىرىنى سوزىدىغان كەمبەغەل ھالەتتە قالدۇرۇپ قويۇشىڭدىن ياخشىدۇر. ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلغان ھەر بىر خىراجىتىڭ ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشىسەن، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا سالغان لوقما ئۈچۈنمۇ ساۋاب تاپىسەن» دېدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! (سىلەر مەدىنىگە قايتىسىلەر) مەن دوستلىرىمنىڭ كەينىدە قالارمەنمۇ؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كەينىدە قالمايسەن. ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆزلەپ قانداقلا ياخشى ئەمەلنى قىلساڭ، شۇ ئەمىلىڭ سەۋەبلىك (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى) دەرىجەڭ ئېشىپ، مەرتىۋەڭ يۈكسىلىدۇ. ئۈمىدكى، سەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن. ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر سەندىن مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئى ئاللاھىم، ساھابىلىرىمنىڭ ھىجرىتىنى تاماملىغىن. ئۇلارنى ئارقىغا چېكىندۈرىۋەتمىگىن. لېكىن، ھەقىقىي ئىچ ئاغرىتىشقا تېگىشلىكى سەئد ئىبنى خەۋلەدۇر.» سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەئد ئىبنى خەۋلەنىڭ مەككىدە ۋاپات بولغانلىقىدىن ئېچىندى. (بۇخارى 56، 4409؛ مۇسلىم 1628؛ ئەبۇ داۋۇد 2864؛ مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 3\63؛ ئىبنى ھىببان 7261؛ رىيازۇس سالىھىن 6)
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دەيدۇ: ئالىملارنىڭ بايان قىلىشىچە، سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ راستتىنلا ئۇزۇن يىل ياشىغان ۋە ئون يەتتە ئوغلى، ئون بىر قىزى بولغان…(ئىبنى ئۇسەيمىن:«رىيازۇس سالىھىن شەرھى»،6-ھەدىسنىڭ شەرھىدىن پارچە)
ئىلىم كىتابى [9-134]
[69-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«دىننى كىشىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار. خۇش بېشارەت بېرىپ جەلىپ قىلىڭلار، قاچۇرۇۋەتمەڭلار.» (بۇخارى 69)
بۇ ھەدىسنىڭ شەرھى:«فەتھۇلبارى» 1\219-بەتتە.
[71-نومۇرلۇق ھەدىس]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇنى دىننى بىلىدىغان قىلىدۇ.»(بۇخارى 71؛ مۇسلىم 1037؛ ئىبنى ماجە 221؛ مۇسنەد ئمام ئەھمەد 4\93؛ مۇۋەتتائ مالىك 1667؛ دارىمىي 226)
ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇلبارىدا بۇ ھەدىس توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:
بۇ ھەدىستىن مۇنۇ چۈشەنچىلەر ئايدىڭلىشىدۇ: دىننى بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان، يەنى ئىسلامنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك فىقھى ۋە ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگەنمىگەن كىشىلەرنىڭ خەيردىن (ياخشىلىقتىن) مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئالىملارنىڭ باشقا ئىنسانلارغا قارىغاندا ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى؛ دىندا چوڭقۇر فىقھى بىلىمگە ئىگە بولۇشنىڭ باشقا ئىلىملەردە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشتىن كۆپ ئەۋزەللىك سانىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
[98] وعن عبد الله بن عمرو بن العاص رضي الله عنهما قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «إن الله لا يقبض العلم انتزاعًا ينتزعه من الناس ولكن يقبض العلم بقبض العلماء حتى إذا لم يبقِ عالمًا، اتخذ الناس رءوسًا جهالا، فسئلوا فأفتوا بغير علم، فضلوا وأضلوا.»
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«ئاللاھ تائالا ئىلىمنى ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدىن تارتىۋېلىش بىلەن ئېلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ئالىملارنىڭ ۋاپاتى ئارقىلىق ئېلىپ كېتىدۇ. ئالىم قالمىغان چاغدا، كىشىلەر جاھىل داموللاملارنى باشچى قىلۋالىدۇ. ئۇ جاھىل داموللاملاردىن پەتىۋا سورالسا ئىلىمسىز ھالدا پەتىۋا بېرىپ، ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ.»(بۇخارى 98؛ مۇسلىم 4828؛ ياخشىلار باغچىسى 1392؛ تىرمىزى 2652؛ ئىبنى ماجە)
[99-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن:
ـــ ئى رەسۇلۇللاھ! قىيامەت كۈنى سېنىڭ شاپائىتىڭدىن كىم بەھرىمەن بولىدۇ؟ ـــ دەپ سورىۋىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:
ـــ ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! سېنىڭ ھەدىسكە بولغان ھېرىسمەنلىكىڭگە قاراپ، ھېچكىم بۇ مەسىلىنى ئەبۇ ھۇرەيرەدىن بۇرۇن سورىمايدىغۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. قىيامەت كۈنى مېنىڭ شاپائىتىمدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار چىن قەلبىدىن «لائىلاھە ئىللەللاھ (ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر)» دېگەن كىشىلەردۇر،ـــ دەپ جاۋاب بەردى.(بۇخارى 99)
[113-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن باشقا ھېچبىر ساھابىسى مەندىن كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ يازاتتى، مەن يازمايتتىم. (بۇخارى 113)
[247] بۇخارى ۋە مۇسلىم بەررا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ياتىدىغان چېغىڭدا نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغىن، ئاندىن ئوڭ تەرىپىڭنى بېسىپ ياتقىن ۋە يۇقىرىدا دېيىلگەندەك دېگىن» دېدى. رەسۇلۇللاھ يۇقارقى دۇئانىڭ ئەينىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن «مۇشۇ دۇئالار شۇ كۈندىكى سۆزلىرىڭنىڭ ئاخىرقىسى بولسۇن» دېدى.(بۇخارى 247؛ مۇسلىم 2710؛ رىيازۇس سالىھىن 80)
[574] ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىدىن ئىبارەت) ئى سالقىن نامازنى ئوقۇغۇغان كىشى جەننەتكە كىرىدۇر.»(بۇخارى 574؛ مۇسلىم 635؛ رىيازۇس سالىھىن 132)
[713] خەبباب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشىدىن بىرسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پېشىن ۋە ئەسىر نامىزىدا قىرائەت قىلامتى؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ زات: ھەئە دېگەن، بىز: ئۇنى قانداق بىلىتتىڭلار؟ دېسەك، ئۇ زات: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساقىلىنىڭ ھەرىكەتلەنگەنلىكىدىن بىلەتتۇق دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 713-ھەدىس]. رواه البخاري (713) عن خباب رضي الله عنه ، وقد سأله سائل : أكان رسول الله صلى الله عليه وسلم يقرأ في الظهر والعصر ؟ قال : نعم . قلنا : بمَ كنتم تعرفون ذلك ؟ قال : » باضطِرَاب لحيتَهَ » .
[733] بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خۇپتەن نامىزىدا ۋەتتىين ۋەززەيتۇنى سۈرىسىنى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئۇنىڭ ئاۋازىدىنمۇ چىرايلىق بىر كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىم دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 733-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 464-ھەدىس]. رواه البخاري (733) ، ومسلم (464) عن البراء رضي الله عنه قال : سمعتُ النبي صلى الله عليه وسلم يقرأ » والتينِ وَالزيتُون » في العشاء ، وما سمعت أحداً أحسنَ صوتاً منه .
[735] جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شام نامىزىدا تۇر سۈرىسىنى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىدىم. [بۇخارى رىۋايىتى 735-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 463-ھەدىس]. عن جبير بن مطعم رضي الله عنه قال : سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم قرأ في المَغْرِب بِالطّورِ
[738] ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: نامازنىڭ ھەر بىر رەكىتىدە قىرائەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ئاڭلىتىپ ئۈنلۈك ئوقۇغان نامازلارنى بىزمۇ سىلەرگە ئاڭلىتىپ ئۈنلۈك ئوقۇدۇق، بىزگە ئاڭلاتماي مەخپى ئوقۇغان نامازلارنى بىزمۇ سىلەرگە ئاڭلاتماي مەخپى ئوقۇدۇق. [بۇخارى رىۋايىتى 738-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 396 –ھەدىس]. روى البخاري (738) ، ومسلم (396) عن أبي هريرة رضي الله عنه قال : » فِي كُلِّ صَلاَةٍ يقْرَأُ ، فَمَا أَسْمَعَنَا رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَسْمَعْنَاكُمْ ، وَمَا أَخْفَى عَنَّا أَخْفَيْنَا عَنْكُمْ » .
[739] ئىبنى ئابباس رەزىيەللھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىغان جىنلارنىڭ ھازىر بولۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن قۇرئان تىڭشىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلار بىلەن بامدات نامىزى ئوقۇۋاتقاندا، قۇرئاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىرائىتىنى تىڭشىدى، دېيىلگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 739-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 449-ھەدىس]. رواه البخاري (739) ، ومسلم (449) من حديث ابن عباس رضي الله عنه في حضور الجن واستماعهم القرآن من النبي صلى الله عليه وسلم ، وفيه : ( وهو يُصَلَي بأصحابه صلاة الفجر ، فلما سَمعُوا القرآنَ استَمَعُوا لهُ ) .
[1422] وعن أبي يَزيدَ مَعْنِ بنِ يَزيدَ بنِ الأخنسِ ، وهو وأبوه وَجَدُّه صحابيُّون ، قَالَ : كَانَ أبي يَزيدُ أخْرَجَ دَنَانِيرَ يَتَصَدَّقُ بِهَا ، فَوَضعَهَا عِنْدَ رَجُلٍ في الْمَسْجِدِ ، فَجِئْتُ فأَخذْتُها فَأَتَيْتُهُ بِهَا . فقالَ : واللهِ ، مَا إيَّاكَ أرَدْتُ ، فَخَاصَمْتُهُ إِلى رسولِ اللهِ ، فقَالَ : (( لكَ مَا نَوَيْتَ يَا يزيدُ ، ولَكَ ما أخَذْتَ يَا مَعْنُ )) رواهُ البخاريُّ .
مەئىن ئىبنى يەزىد رەزىياللاھۇ ئەنھۇم ـــ ئۇ ئۆزى، دادىسى ۋە بوۋىسى ئۈچىلىسى ساھابىلەردىن ئىدى ـــ دىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: دادام يەزىد سەدىقە قىلىش مەقسىدىدە مەسجىدتىكى بىر كىشىگە دىنارلارنى قويۇپ قويغان ئىكەن. مەن مەسجىدكە كېلىپ بۇ دىنارلارنى ئالدىم، ئاندىن دادامنىڭ يېنىغا باردىم. دادام: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ دىنارلارنى ساڭا بېرىشنى نىيەت قىلمىغانىدىم، دېدى. بىز تالاش – تارتىش قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى يەزىد! ساڭا قىلغان نىيىتىڭ ئۈچۈن ساۋاب بېرىلىدۇ. ئى مەئىن! سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى» دېدى. (بۇخارى 1422؛ رىيازۇس سالىھىن 5)
[1894] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: روزا قالقاندۇر، روزىدار كىشى باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، تىللىشىپ، ناچار سۆزلەرنى قىلمىسۇن، بىرەرسى ئۇنى تىللاپ ياكى دەشنام قىلسا، مەن روزىدار دەپ تەكرار دېسۇن. مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، روزا تۇتقۇچىنىڭ ئېغىزىنىڭ تاتلىرى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا مىسكى-ئەنبەرنىڭ پۇرىقىدىنمۇ خۇش پۇراقتۇر، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ۋە شەھۋىتىنى مەن ئۈچۈن تەرك قىلدى، روزا مەن ئۈچۈن، ئۇنى ئۆزەم مۇكاپاتلايمەن، ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە زىيادە بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 1894-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1151-ھەدىس]. رواه البخاري ومسلم عن أبي هريرة – رضي الله عنه – أن رسول الله – صلى الله عليه وسلم – قال 🙁 الصيام جنة فلا يرفث ولا يجهل وإن امرؤ قاتله أو شاتمه فليقل إني صائم مرتين والذي نفسي بيده لخلوف فم الصائم أطيب عند الله تعالى من ريح المسك يترك طعامه وشرابه وشهوته من أجلي الصيام لي وأنا أجزي به والحسنة بعشر أمثالها ) البخاري برقم 1894 ، ومسلم 1151
[1921] زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سوھۇرلۇق يېدۇق، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازغا تۇردى. بىرسى، سوھۇرلۇق يەپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن ئازان ئوقۇلىدۇ؟ دەپ سورىغانتى، زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئەللىك ئايەت ئوقۇغانچىلىك ۋاقىت ئۆتەتتى، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 1921-ھەدىس]. رواه البخاري عن أنس عن زيد بن ثابت رضي الله عنهم قال : ( تسحرنا مع النبي – صلى الله عليه وسلم – ثم قام إلى الصلاة قلت : كم كان بين الأذان والسحور قال قدر خمسين آية ) رواه البخاري 1921
[1923] ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سوھۇرلۇق يەڭلار، سوھۇرلۇقتا بەرىكەت بولىدۇ.. [بۇخارى رىۋايىتى 1923-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1095-ھەدىس]. في الصحيحين من حديث أنس بن مالك – رضي الله عنه – قال : قال النبي رسول الله – صلى الله عليه وسلم – : ( تسحروا فإن في السحور بركة ) رواه البخاري برقم 1923 ، ومسلم برقم 1095
1950-عَنْ أَبِي سَلَمَةَ، قَالَ سَمِعْتُ عَائِشَةَ ـ رضى الله عنها ـ تَقُولُ كَانَ يَكُونُ عَلَىَّالصَّوْمُ مِنْ رَمَضَانَ، فَمَا أَسْتَطِيعُ أَنْ أَقْضِيَ إِلاَّ فِي شَعْبَانَ. قَالَ يَحْيَى الشُّغْلُ مِنَ النَّبِيِّ أَوْ بِالنَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم.
[1950] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:«رامزاندا تۇتالماي قالغان قازا روزىلىرىم بولاتتى. تۇتالماي قالغان روزىلىرىمنى پەقەتلا شەئبان ئېيىدا تولۇقلاپ تۇتۇۋالالايتتىم.» بۇ ھەدىس راۋىيلىرىدىن يەھيا مۇنداق دەيدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بۇنداق كېچىكتۈرۈشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى (يەنى ئۇ زاتقا خىزمەت قىلغانلىقى) سەۋەبلىك بولاتتى. (بۇخارى 1950؛ مۇسلىم 1146؛ ئەبۇ داۋۇد 2399؛ تىرمىزى؛ نەسائىي؛ ئىبنى ماجە 1669؛ ئىمام ئەھمەد 6-188)
ئىزدىنىشىمگە ئاساسەن، ئالىملارنىڭ بۇ بۇ ھەدىس ھەققىدە چىقارغان ئەڭ ئۇيغۇن ھۆكمى مۇنداق ئىكەن: رامزان روزىسىنىڭ بىر قىسىمىنى تۇتالمىغان كىشىنىڭ شەرئىي ئۆزرىسى سەۋەبلىك رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى شەئبان ئېيىغىچە (يەنى ئون بىر ئاي) كېچىكتۈرۈشى دۇرۇس. ئائىشە ئانىمىز ئەسلى ۋەسلىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئېھتىياجىنى بىلەن مەشغۇل بولۇشقا ئاتىغانلىقىدىن قازا روزىسىنى پەقەتلا كىلەر يىلىدىكى شەئبان ئېيىدا رامزاندىن ئاۋۋال تۇتۇۋېلىشقا قادىر بولالىغان. ھەدىسنىڭ ئەرەبچىسى بۇنىڭغا دالالەت قىلماقتا. ئۆزۈرسىز ھالدا رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى كىلەر يىلىنىڭ شەئبان ئېيىغىچە كېچىكتۈرۈش ئالىملار ئارىسىدا ياخشى كۆرۈلمەيدىكەن.
[1996] ئەبۇ ھۇرەيرەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«يالغان خېرىدار بولماڭلار.» (بۇخارى 1996؛ مۇسلىم 2533؛ رىيازۇس سالىھىن 1581)
[1998] ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يالغاندىن خېرىدار بولۇشنى چەكلىدى.» (بۇخارى 1998؛ مۇسلىم 2792؛ رىيازۇس سالىھىن 1583)
[2118]وعن أمِّ المؤمِنينَ أمِّ عبدِ اللهِ عائشةَ رضي الله عنها ، قالت : قالَ رسول اللە : يغْزُو جَيْشٌ الْكَعْبَةَ فإِذَا كَانُوا بِبَيْدَاءَ مِنَ الأَرضِ يُخْسَفُ بِأَوَّلِهِمْ وآخِرِهِمْ )) . قَالَتْ : قلتُ : يَا رَسُولَ اللهِ ،كَيْفَ يُخْسَفُ بأوَّلِهِمْ وَآخِرِهِمْ وَفِيهمْ أسْوَاقُهُمْ( ) وَمَنْ لَيْسَ مِنْهُمْ ؟! قَالَ : (( يُخْسَفُ بِأَوَّلِهِمْ وَآخِرِهِمْ ثُمَّ يُبْعَثُونَ عَلَى نِيّاتِهمْ )) مُتَّفَقٌ عَلَيهِ . هذَا لَفْظُ الْبُخَارِيِّ .
[2118] مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر قوشۇن كەبىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن چىقىپ، بىر دالاغا كەلگەندە قوشۇننىڭ ھەممىسىنى يەر يۇتۇۋېتىدۇ» دېگەن ئىدى، مەن «ئى رەسۇلۇللاھ! قانداقسىگە يەر ئۇلارنى باشتىن ئاخىرى يۇتۇۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ قاتارىدىن بولمىغان كىشىلەرمۇ، جەڭگە قاتناشمايدىغان بازارچىلارمۇ بار تۇرسا؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«ئۇلارنىڭ باشتىن ئاخىر ھەممىسىنى يەر يۇتۇۋېتىدۇ، كېيىن ئۇلار نىيەتلىرىگە يارىشا تىرىلدۈرىلىدۇ» دېدى.(بۇخارى 2118؛ مۇسلىم 2884؛ رىيازۇس سالىھىن 2)
[2230] يەنە ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە سودىدا ئالدانغانلىقىنى ئېيتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا «كىم بىلەن سودىلاشساڭ ‹ھىيلە ئىشلىتىش بولمىسۇن› دېگىن» دېدى. (بۇخارى 2230؛ مۇسلىم 2863؛ رىيازۇس سالىھىن 1583)
[2320] مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلمان كۆچەت تىكسە ياكى زىرائەت تېرىسا، ئۇنىڭدىن ئىنسان، ھايۋان ياكى باشقا جانلىق يېسە، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.» (بۇخارى 2320؛ مۇسلىم 1553)
[2447] عَنْ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ عُمَرَ ـ رضى الله عنهما ـ عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ « الظُّلْمُ ظُلُمَاتٌ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ».
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«دۇنيادا قىلىنغان گۇناھ-زۇلۇملار (ئىگىسىنى) قىيامەت كۈنىدە زۇلمەت-قاراڭغۇلۇقتا قالدۇرۇپ قويىدۇ.» (بۇخارى)
[2448] مَوْلَى ابْنِ عَبَّاسٍ عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ ـ رضى الله عنهما ـ أَنَّ النَّبِيَّ صلى الله عليه وسلم بَعَثَ مُعَاذًا إِلَى الْيَمَنِ، فَقَالَ « اتَّقِ دَعْوَةَ الْمَظْلُومِ، فَإِنَّهَا لَيْسَ بَيْنَهَا وَبَيْنَ اللَّهِ حِجَابٌ ».
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتىىغاندا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن ئىدى:«زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بەددۇئاسىدىن ھەزەر ئەيلە! چۈنكى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بەددۇئاسى بىلەن ئالللاھنىڭ ئارىسىدا پەردە يوق.» (بۇخارى)
[2472] عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ ـ رضى الله عنه ـ أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم قَالَ « بَيْنَمَا رَجُلٌ يَمْشِي بِطَرِيقٍ، وَجَدَ غُصْنَ شَوْكٍ فَأَخَذَهُ، فَشَكَرَ اللَّهُ لَهُ، فَغَفَرَ لَهُ ».
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر مۇسۇلمان كىشى يولدا كېتىۋاتاتتى، يولدا ئۇنىڭغا تىكەنلىك بىر شاخ ئۇچرىدى. ئۇ شاخنى يولدىن ئېلىۋەتتى. بۇ سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولۇپ، گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىۋەتتى.» (بۇخارى 2472)
[2476] حَدَّثَنَا الزُّهْرِيُّ، قَالَ أَخْبَرَنِي سَعِيدُ بْنُ الْمُسَيَّبِ، سَمِعَ أَبَا هُرَيْرَةَ ـ رضى الله عنه ـ عَنْ رَسُولِ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم قَالَ « لاَ تَقُومُ السَّاعَةُ حَتَّى يَنْزِلَ فِيكُمُ ابْنُ مَرْيَمَ حَكَمًا مُقْسِطًا، فَيَكْسِرَ الصَّلِيبَ، وَيَقْتُلَ الْخِنْزِيرَ، وَيَضَعَ الْجِزْيَةَ، وَيَفِيضَ الْمَالُ حَتَّى لاَ يَقْبَلَهُ أَحَدٌ ».
ئىمام زۇھرى دەيدۇكى، سەئد ئىبنى مۇسەييەب ماڭا دېدىكى، مەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم:«تاكى مەريەم ئوغلى ئىسا ئاراڭلارغا ئادىل ھۆكۈمران بولۇپ چۈشۈپ، كىرىستلارنى چاققانغا، چوشقىلارنى ئۆلتۈرگەنگە ۋە جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرغانغا قەدەر قىيامەت قايىم بولمايدۇ. (ئۇ چاغدا) مال شۇنچىلىك كۆپىيىدۇكى، ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان ھېچكىم تېپىلمايدۇ.» (2476)
[2480] عَنْ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ عَمْرٍو ـ رضى الله عنهما ـ قَالَ سَمِعْتُ النَّبِيَّ صلى الله عليه وسلم يَقُولُ « مَنْ قُتِلَ دُونَ مَالِهِ فَهُوَ شَهِيدٌ ».
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمەن:«(مۇسۇلمانلاردىن) كىمكى مېلىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۈرۈلسە، ئۇ شەھىدتۇر.» (بۇخارى 2480)
[2631] ئابدۇللاھ (ئىبنى ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما) دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قىرىق ياخشى ئەمەل باردۇر. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۈستىنى مۇسۇلمان قېرىندىشىم سۈتىنى سېغىپ ئىچىۋالسۇن دەپ ئۆچكىسىنى ئۆتنە بېرىشتۇر. قانداقلا بىر مۇسۇلمان شۇ ياخشى ئەمەللەردىن بىرىنى ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ ۋە ئاللاھنىڭ (ياخشىلىققا ساۋاب بېرىش) ۋەدىسىگە ئىشىنىپ تۇرۇپ قىلسا، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.»(بۇخارى 2631؛ رىيازۇس سالىھىن 138)
[2838] عن أنسٍ ، قَالَ : رَجَعْنَا مِنْ غَزْوَةِ تَبُوكَ مَعَ النَّبيِّ ، فقال : (( إنَّ أقْواماً خَلْفَنَا بالْمَدِينَةِ مَا سَلَكْنَا شِعْباً( ) وَلاَ وَادياً ، إلاّ وَهُمْ مَعَنَا ؛ حَبَسَهُمُ العُذْرُ )) .
ئىمام بۇخارى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە تەبۇك غازىتىدىن قايتقان ئىدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەدىنىدە نۇرغۇن كىشىلەر كەينىمىزدە قېلىپ قالدى. مەيلى بىز جىلغىلاردىن، مەيلى چىغىر يوللاردىن ماڭايلى، ئۇلار بىز بىلەن بىللە ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار پەقەت ئۆزرىسى سەۋەبلىكلا مەدىنىدە قېلىپ قالدى.»(بۇخارى 2838)
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشى ئاغرىپ قېلىش ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇش سەۋەبلىك داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ياخشى ئەمەللىرىنى قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئادەمگە مۇقىملىق ۋە ساغلاملىق ھالىتىدە قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى يېزىلىۋېرىدۇ.»(بۇخارى 2996؛ رىيازۇس سالىھىن 133)
[3202-نومۇرلۇق ھەدىس]ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار. بەنى ئىسرائىلدىنمۇ رىۋايەت قىلساڭلار بولىدۇ. بۇنىڭدا ھېچ ھەرەج يوق. كىم بىلىپ تۇرۇپ مېنىڭ نامىمدىن يالغاننى توقۇسا، جەھەننەمگە ھازىرلانسۇن.» (بۇخارى 3202)
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار.» بۇ «مەن دېگەن، مەن قىلغان بارلىق سۈننىتىمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈڭلار» دېگەنلىكتۇر. ھەدىستىكى «بولسىمۇ» قوشۇمچىسى يەتكۈزلىدىغان نەرسىنىڭ ئازلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى ھېچكىم «مەن بۈيۈك ئالىم بولمىغۇچە تەبلىغدە بولمايمەن» دەپ بىلگىگىنى يۇتۇۋەتمىسۇن. بۇ توغرا ئەمەس. ئىنسان بىلگىنى بىر ئايەت، بىر ھەدىس بولغان تەقدىردىمۇ بىلگىنىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشى كېرەك. بۇنىڭ بىر شەرتى باركى، يەتكۈزمەكچى بولغان ھەدىسنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىس ئىكەنلىكىدە، يەنى يەتكۈزمەكچى بولغان ھەدىسنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىدە شۈبھە بولمىغان بولۇشى كېرەك. ھەدىستىكى «ھازىرلانسۇن» كەلىمىسى بۇنداق كىشىنىڭ- يەنى رەسۇلۇللاھ نامىدا يالغان سۆزلىگەن كىشىنىڭ دوزاختىكى يېرى ھازىرلانغانلىقى ياكى دوزاخ ئەھلى بولۇشقا لايىق بولغانلىقىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىدىن يالغان سۆزلەش، ئادەتتىكى بىرىنىڭ نامىدا يالغان سۆزلىگەنگە ئوخشىمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىدىن يالغان سۆزلەش، ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغان سۆزلەش دېمەكتۇر، ئىسلام شەرىئىتىگە يالغاننى قوشۇش دېمەكتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى ۋەھىي جۈملىسىدىن بولۇپ، ۋەھىيگە تايانغان ئىشلار ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىندۇر….(ئىبنى ئۇسەيمىن «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» 4-513)
[3665] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاللاھ قىيامەت كۈنى چوڭچىلىق قىلىپ كىيىمىنى يەرگە سۆرەلدۈرۈپ كىيگەن كىشىنىڭ يۈزىگە (رەھمەت نەزىرى بىلەن) قارىمايدۇ» دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دىققەت قىلمىسام مېنىڭ كىيىمىمنىڭ ئېتىكى يەرگە سۈرۈلۈپ قالىدۇ» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا «سەن چوڭچىلىق يۈزىسىدىن شۇنداق قىلىدىغانلاردىن ئەمەس» دېدى.(بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى 3665، ئىمام مۇسلىم 2087 رىۋايەت قىلغان)
[3900] وعن عائِشةَ رضيَ اللهُ عنها ، قَالَتْ : قَالَ النبي : (( لا هِجْرَةَ بَعْدَ الفَتْحِ ، وَلَكِنْ جِهَادٌ وَنِيَّةٌ ، وَإِذَا اسْتُنْفِرْتُمْ( ) فانْفِرُوا )) مُتَّفَقٌ عَلَيْهِ . وَمَعناهُ : لا هِجْرَةَ مِنْ مَكّةَ لأَنَّهَا صَارَتْ دَارَ إسلاَمٍ .
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەككىنىڭ فەتھىدىن كېيىن (مەككىدىن مەدىنىگە) ھىجرەت يوقتۇر. لېكىن جىھاد ۋە نىيەت باقىي قالىدۇ. ئەگەر سىلەر جىھادقا چاقىرىلساڭلار، جىھادقا چىقىڭلار.»(بۇخارى 3900؛ مۇسلىم 1864؛ رىيازۇس سالىھىن 3)
[4425] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{لن يفلح قوم ولوا أمرهم امرأة}«ئاياللارنى باشچى قىلىۋالغان قەۋم ھەرگىز بەخىتكە ئېرىشەلمەيدۇ.»(بۇخارى 4425؛ تىرمىزى 2262؛ نەسائىي 5388؛ مۇسنەد ئەھمەد 5-45)
[4670] ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئۆلگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئوغلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ دادىسىنى كېپەنلەش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كۆڭلىكىنى سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا كۆڭلىكىنى بەردى. ئاندىن ئۇ دادىسىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمەكچى بولۇپ تۇردى. لېكىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كىيىمىگە ئېسىلىپ تۇرۇپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ سېنى ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشتىن توسقان تۇرسا، يەنە ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرەمسەن؟» دېگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىل، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلما (بەرىبىر ئوخشاش)، ئۇلار ئۈچۈن 70 قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ ئاللاھ ئۇلارنى ھەرگىز مەغفىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ نى ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»(سۈرە تەۋبە 80-ئايەت) دېگەن، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتمىش قېتىمدىن ئارتۇقراق مەغفىرەت تەلەپ قىلىمەن،-دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:«ئۇ دېگەن مۇناپىق» دېدى. لېكىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن، ئاللاھ تائالا «(ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، (دەپنە قىلىش، زىيارەت ياكى دۇئا ئۈچۈن) ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ نى ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى» دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى. (بۇخارى 4670)
[5096] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{ ما تركت بعدي فتنة أضر على الرجال من النساء}«مەندىن كېيىن (ئۈممىتىم ئىچىدىكى) ئەرلەرگە ئاياللاردىنمۇ زىيانلىق پىتنە قالمىدى.» (بۇخارى 5096؛ مۇسلىم 2741؛ تىرمىزى 2780؛ ئىبنى ماجە 2998؛ مۇسنەد ئەھمەد 5-210)
[5233] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھېچبىر ئەر كىشى مەھرىمى يوق ئايال كىشى بىلەن يالغۇز قالمىسۇن.»(بۇخارى 5233؛ مۇسلىم 1341؛ مۇسنەد ئەھمەد 1-222)
[5774] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئادەم بالىسىنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى پۈتۈۋېتىلگەن. ئۇ بۇنى مۇتلەق ئورۇندايدۇ. كۆزنىڭ زىناسى قاراش، قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاش، تىلنىڭ زىناسى سۆزلەش، قولنىڭ زىناسى تۇتۇش، پۇتنىڭ زىناسى مېڭىشتۇر. قەلب ئارزۇلاپ-تەلەپ قىلىدۇ. جىنسىي ئەزا بۇنى ياكى قوبۇل قىلىدۇ، ياكى رەت قىلىدۇ.» (بۇخارى 5774؛ مۇسلىم 4802؛ رىيازۇس سالىھىن 1623)
[5787] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(ئەرلەر ئۈچۈن) كىيىمنىڭ ھوشۇقتىن ئاشقان قىسىمى دوزاختىدۇر.»(بۇخارى 5787-نومۇرلۇق ھەدىس)
[5788] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ قىيامەت كۈنى كىيىمىنىڭ ئېتىكىنى (پۇچقىقىنى) چوڭچىلىق قىلىش يۈزىسىدىن يەرگە سۆرەلدۈرۈۋالىدىغان كىشىنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ،» (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى 5788، ئىمام مۇسلىم 2087 رىۋايەت قىلغان)
[5993] سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ماڭا ئىككى ئېڭىكى ئارىسىدىكى (يەنى تىلى) بىلەن ئىككى پاچىقى ئارىسىدىكى (جىنسىي ئەزاسىنى) ساقلاشقا ۋەدە بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەتنى ۋەدە بېرىمەن.» (بۇخارى 5993؛ سالىھلار باغچىسى 1514)
[5994] وعن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «من كان يؤمن بالله واليوم الآخر، فليقل خيرًا، أو ليصمت.» ((متفق عليه)).
[5994] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتسا ياخشى سۆز قىلسۇن، بولمىسا جىم تۇرسۇن.» (بۇخارى 5994؛ مۇسلىم 67؛ سالىھلار باغچىسى 1511)
ئەدەب كىتابى
[6006] رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((السّاعِي على الأرْمَلَةِ والمِسْكِينِ كالْمُجاهِدِ في سَبيلِ اللَّهِ، أوْكالَّذِي يَصُومُ النَّهارَ ويقومُ اللَّيْلَ)) «موھتاج تۇل ئايالنىڭ ۋە يوقسۇل-مىسكىننىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان كىشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىدقا، ياكى كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى تەھەججۇد ئوقۇيدىغان مۆمىنگە ئوخشاشتۇر.»(بۇخارى 6006)
ئەسكەرتىش: نامدا داۋاسى تۇل خوتۇننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا يامان نىيەتتە بولغۇچى دۇنيادىكى ئەڭ پەسكەش ئادىمىي شەيتاندۇر.
[6012] ئەنەس ئىبنى مالىكتىن بايان قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَا مِنْ مُسْلِمٍ غَرَسَ غَرْسًا فَأَكَلَ مِنْهُ إِنْسَانٌ أَوْ دَابَّةٌ إِلاَّ كَانَ لَهُ صَدَقَةً)) «بىر مۇسۇلمان دەرەخ تىكسە ۋە شۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن بىرەر ئىنسان ياكى ھايۋان يېسە، بۇ جەزمەن ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.» (بۇخارى 6012)
[6013] ئەنەس ئىبنى مالىكتىن بايان قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنْ لاَ يَرْحَمُ لاَ يُرْحَمُ)) «رەھىم-شەپقەتلىك بولمىغۇچىغا رەھىم-شەپقەت قىلىنمايدۇ.» (بۇخارى 6013)
[6014] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَا زَالَ جِبْرِيلُ يُوصِينِي بِالْجَارِ حَتَّى ظَنَنْتُ أَنَّهُ سَيُوَرِّثُهُ)) «(پەرىشتە) جىبرىل ماڭا قوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى شۇنچە تەۋسىيە قىلدىكى، ئاقىۋەتتە مەن ئۇنى قوشنىنى قوشنىغا مىراسچى قىلىدىغان بولدى دەپ ئويلىدىم.» (بۇخارى 6014)
جابىر ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قىلىنغان ھەر بىر ياخشىلىق سەدىقىدۇر.»(بۇخارى 6021؛ مۇسلىم 1005؛ رىيازۇس سالىھىن 134)
[6315] ئەبۇ ئۇمارە بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئى پالانچى! سەن (ئۇخلاش ئۈچۈن) ياتىدىغان چېغىڭدا، ‹ئى ئاللاھ! ئۆزۈمنى ساڭا تاپشۇردۇم، سېنىڭ ساۋابىڭنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىڭدىن قورقۇپ، سەن تەرەپكە يۈزلەندىم. ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم. ئۆزۈمنىڭ سېنىڭ قوغدىشىڭغا يۆلىدىم. پاناھگاھ ۋە قۇتقۇزغۇچى ئۆزۈڭسەن. سېنىڭ نازىل قىلغان كىتابلىرىڭغا ۋە سەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىڭگە ئىشەندىم› دەپ ياتقىن. ئەگەر شۇ كېچىسى ئۆلۈپ كەتسەڭ، ئىمان بىلەن ئۆلىسەن. ئەگەر، تاڭ ئاتقۇزساڭ ياخشىلىق ئۈستىدە تاڭ ئاتقۇزىسەن.» (بۇخارى 6313،6315؛ مۇسلىم 2710؛ رىيازۇس سالىھىن 80)
[6370] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈش پەقەت مۇنۇ ئۈچ خىل ھالدىلا دۇرۇس بولىدۇ: ئۆيلەنگەن تۇرۇپ زىنا قىلىش، جانغا قارشى جان، ۋە دىنىنى تەرك قىلىپ (مۇسۇلمان) جامائىتىدىن ئايرىلىپ (مۇرتەد بولۇش).» (بۇخارى 6370، مۇسلىم 3175)
[7443] ئەدىي ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَا مِنْكُمْ مِنْ أَحَدٍ إِلاَّ سَيُكَلِّمُهُ رَبُّهُ، لَيْسَ بَيْنَهُ وَبَيْنَهُ تُرْجُمَانٌ وَلاَ حِجَابٌ يَحْجُبُهُ))«(قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ھېساب بېرىش پەيتىدە) ئاللاھ بىلەن ئاراڭلاردا ھېچبىر تەرجىمانمۇ بولمىغان، ئاللاھنى پەردىلەپ تۇرىدىغان ھېچبىر پەردىمۇ بولمىغان ھالدا رەببىڭلار ئاللاھ بىلەن سۆزلىشىسىلەر.» (بۇخارى 7443)