تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ (سوپىلارنىڭ) مەسجىدىدە ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى؟
سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 6250-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
سوئال: بىز ئولتۇرىدىغان مەھەللىدە بىر جامى بار، شۇنداقلا تەسەۋۋۇپچىلار (سوپىلار) نىڭ بىر تەرىقىتىگە ئائىت نامازگاھ بار. بۇ نامازگاھتا ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟
جاۋاب: ئۇلارنىڭ نامازگاھ-مەسجىدلىرىدە ناماز ئوقۇماڭ. ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن (شېرىكلەر ۋە بىدئەتلەر) سىزنىڭ بېشىڭىزغىمۇ كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىشتىن ۋە بىللە ئولتۇرۇپ قوپۇشتىن ساقلىنىڭ. شۇنداقلا، سۈننەتنى ئىزدەيدىغان، ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان جامائەتلەرنىڭ مەسجىدلىرىدە ناماز ئوقۇشقا تىرىشىڭ.
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد