يۇتيۇبتىكى ئىسلامىي فىلىملەرگە ياقتۇرۇش بەلگىسىنى بېسىش ئىبادەتتۇر

يۇتيۇبتىن ئىسلام، قۇرئان، ھەدىس دەپ ئىزدەيدىغان بولساق پۈتۈنلەي ئىسلام بىلەن جىق مۇناسىۋىتى يوق نەرسىلەرنى ۋە سۈننەت بىلەن ئىشى يوق كىشىلەرنى كۆرىمىز.
بۇنى ئوڭشاشتا بىر كىشىلىك كۈچ قېتىڭ. ھەقىقەتەن ئىسلامغا – قۇرئان ھەدىسكە ئۇيغۇن فىلىملەرگە چوقۇم ياقتۇرۇش بەلگىسى بېسىڭ، بولسا ئاستىغا تېگىشلىك شەكىلدە ئىنكاس يېزىپ قويۇڭ.

بىز سۈننەت ئەھلى تۇرۇپ سۈننەتكە ئۇيغۇن نەرسىلەرنى بۇنداق قوللىمىغىنىمىز بىلەن، سۈننەتكە يان كۆزدە قارايدىغانلار ئۆزى توغرا دەپ قارىغان نەرسە چىقسا قوللاپ، ئىنكاس يېزىپ، تارقىتىپ ئۆز مېلىغا بەلەن خېرىدارلىق قىلىۋاتانلىقى كۆز يۇمغۇسىز ھەقىقەت. تور ۋە ئۇچۇر دەۋرىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق كۆزنىكى بولغان يۇتيۇبتا ئۇيغۇرچە ئىزدىلىدىغان ئىسلامنى ئىسلامغا قوشۇمچە مۇئامىلە قىلىدىغانلارنىڭ تەشۋىقاتىغا تاشلاپ بەرمىگىنىمىز ياخشى.

يۇتيۇبقا ئىزدەش كەلىمىسىنى كىرگۈزگىنىڭىزدە، سىز ئىزدىگەن كەلىمىگە مۇناسىۋەتلىك فىلىم شۇ فىلىمنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى، ياقتۇرۇلۇش نىسبىتى ۋە ئاستىغا چۈشكەن ئىنكاس بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ. بىر فىلىمغا قانچە كۆپ كۆرۈلسە، قانچە كۆپ ياقتۇرۇشقا ئېرىشىلسە ۋە ئۇنىڭ ئاستىغا قانچە كۆپ ئىنكاس چۈشسە، شۇ فىلىم ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىزدەش نەتىجىسىدە ئالدىنقى قاتاردا كۆزگە چېلىقىدۇ.

قۇرئان-سۈننەتكە ئۇيغۇن ئىسلامىي يازما ياكى فىلىملەر سىزگە ئۇچرىغىنىدا ئۇنى تارقىتىپ قويىشىڭىز، يۇتيۇب فىلىمى بولسا ياقتۇرۇش بەلگىسىنى بېسىۋېتىشىڭىز ۋە ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ قويىشىڭىز قاتارلىق ئىشلاردىن ھېچ بىرىدە سىزگە ئىقتىسادىي چىقىم بولمايدۇ، ھەم بۇنى قىلىشقا بىرەر سكونتچىلا ۋاقىت كېتىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئىشىڭىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ياخشى ئىش سۈپىتىدە خاتىرلىنىپ، سىز قىلغان ئىبادەتلەر قاتارىغا قوشۇلىدۇ ۋە قىيامەت كۈنىدە سىزگە ياردىمى بولىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: «ياخشىلىققا ۋە تەقۋاغا ياردەملىشىڭلار.»

كىشىلەرگە قۇرئان سۈننەتكە ئۇيغۇن رەۋىشتە ئىسلامنى ئۆگىتىدىغان، ئىسلامنى تەشۋىق قىلىدىغان، ئىمان ۋە تەقۋانى كۈچەيتىدىغان ماقالە، پەتىۋا ۋە فىلىملەرنى تارقىتىشتىن، ياقتۇرۇش بەلگىسىنى بېسىپ قويۇشتىن ئۆزىڭىزنى بىھاجەت سانىسىڭىز، بۇ  سىزنىڭ ھېچبىر ياخشىلىققا ۋە ساۋابقا ئىنتىلمىگۈچى، ھورۇن، تىرىكتاپ، مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭىزنىڭ، ۋەياكى باشقىلار قىلغان ياخشى ئىشقا ھەسەت قىلىپ، ھەقنىڭ باشلىقلارنىڭ ئەمگىكى بىلەن تارقىتىلىشىدىن ئىچىڭىز ئاچچىق بولىدىغان، قەلبىدە نىپاق بار بەدبەخت بەندە ئىكەنلىكىڭىزنىڭ ئىپادىسى.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ