فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى
(تولۇقلىنىۋاتىدۇ)
گۈزەل ئەخلاق
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: «ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئاللاھنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك بەندىلىرى مۆمىنلەردۇر، ئىمانى كامىل بولغانلارنىڭ ئەخلاقى گۈزەل بولىدۇ،ئۇلارنىڭ ئىمانى كامىل، ئەخلاقى گۈزەل بولغانلىرى ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ياخشى كۆرەلگۈچىلىرىدۇر، ئەخلاق دېگەن دىندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٍ تەرجىمىسى: ئى مۇھەممەد! سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن. [سۈرە قەلەم 4-ئايەت].
ئەخلاق دېگەن سۆزنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلام دىنى دەپ چۈشەندۈرگەن،سۇپيان ئىبنى ئۇيەينە، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل قاتارلىق سەلەپ ئالىملىرىمۇ شۇنداق شەرھىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن جايلاردىمۇ بۇ ئوچۇق بايان قىلىنغان». [«ئەلئىستىقامە» ناملىق ئەسەر 442-بەت].
ئىسلام دەۋىتى يەتمىگەن كىشىنى ئاللاھ جازالامدۇ؟
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «قۇرئان-ھەدىس شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىك دەۋىتى يەتمىگەن ھېچ بىر كىشىنى جازالىمايدۇ، دەۋەت تولۇق يەتمىگەن كىشىنى پۈتۈن ئازابلىمايدۇ، دەۋەت تەپسىلى يەتمىگەن بولسا، يەتكەن ھۆججەتنى ئىنكار قىلغانلىقىغا قارىتا جازالىنىدۇ. بۇنىڭ مىسالى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَى اللَّهِ حُجَّةٌ بَعْدَ الرُّسُلِ تەرجىمىسى: ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق. [سۈرە نىسا 165-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ أَلَمْ يَأْتِكُمْ رُسُلٌ مِنْكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِي تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئېيتىدۇكى، ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار: گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كاپىر بولغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.» [سۈرە ئەنئام 130-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: أَوَلَمْ نُعَمِّرْكُمْ مَا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَنْ تَذَكَّرَ وَجَاءَكُمُ النَّذِيرُ تەرجىمىسى:«(ئاللاھ ئېيتىدۇ:) سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز ـ نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق. پاتىر سۈرىسى: 37-ئايەت.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّى نَبْعَثَ رَسُولًا تەرجىمىسى: پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچ ئادەمنى) جازالىغىنىمىز يوق. [سۈرە ئىسرا 15-ئايەت]. «پەتىۋالار مەجمۇئەسى» 12-توم 493-بەت.
ساھابىلەر ھەققىدىكى مۇھىم ئېتىقاد
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ساھابىلارنىڭ ئادىللىقى ۋە دىنى-ئېتىقادى جەھەتتە كەمسىتمەستىن بەلكى ئۇلارنى بېخىللىق، قورقۇنچاقلىق، بىلىمسىزلىك ۋە دۇنياغا بېرىلىش قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن بولسا، بۇنداق كىشىلەرنى كاپىرغا نىسبەت بەرمەيمىز بەلكى ئۇنداق كىشىنى ئەدەپلەپ، تەربىيە بېرىمىز. بەزى ئۆلىمالارمۇ مۇشۇ تەرەپتىن ئۇلارنى كۇپىرغا نىسبەت بەرمىگەن بولىشى مۇمكىن.
ئەمما ساھابىلارنى سەت سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلغان، لەنەت قىلغان كىشىلەرگە قارىتا ئۆلىمالارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس، ئۇلارنى ئۆچ كۆرۈپ لەنەت قىلغان بىلەن ئېتىقادى تەرەپتىن لەنەت قىلغانلارنىڭ ئارىسى پەرقلەندۈرىلىدۇ.
ئەمما بۇنىڭدىن ئۆتۈپ، ساھابىلارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئون نەچچە كىشىدىن باشقىلار دىندىن يىنىۋالغان، مۇرتەد بولۇپ كەتكەن ياكى ساھابىلارنىڭ ھەممىسى پاسىقلىشىپ كەتكەن دەپ تۆھمەت قىلىدىكەن، ئۇنداق ئادەمنىڭ كاپىرلىقىدا شەك يوق. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە بىر قانچە ئورۇندا، ئۇلاردىن ئاللاھ تائالانىڭ رازى بولغانلىقى، ئۇلارنى ماختىغانلىقى تەكرار بايان قىلىنغان بولۇپ، ساھابىلارغا ھاقارەت قىلغان ئىپلاس كىشىلەرنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىگە شەك قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇلار قۇرئاندا بىر قانچە ئورۇندا بايان قىلىنغان ئايەتنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. قۇرئان-ھەدىسنىڭ ئوچۇق باياناتلىرىبۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مانا بۇ ئايەتمۇ: كُنتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ وَتُؤْمِنُونَ بِاللَّـهِ تەرجىمىسى: ئى مۇھەممەد ئۈممىتى! سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان اﷲ قا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتىسلەر. [سۈرە ئال-ئىمران 110-ئايەت] شۇنى ئىپادىلەيدۇ.
بۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىرىنچى ئەسىردىكى كىشىلەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كاپىر ۋە پاسىق دەپ قاراش ئىسلام ئۈممىتىنى ئەڭ ناچار ئۈممەت، ئۇلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرى مۇشۇ ئۈممەتنىڭ بىرىنچى ئەسىردىكى كىشىلىرى دەپ قارىغانلىق بولۇپ، بۇ ئىسلام دىنىدا ئوچۇق-ئاشكارا كۇفرۇلۇق ھېسابلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئاشكارا قىلغان كىشىلەرنىڭ زىندىق-مۇناپىق ئىكەنلىكى ئوچۇق بىلىنىدۇ. زىندىق-مۇناپىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى يوشۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارا قىلىپ تۇرىدۇ، نۇرغۇن ئىشەنچىلىك خەرۋەرلەردە ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ ئۆلگەندە ياكى ھايات ۋاقتىدا شەكلىنىڭ توڭگۈزغا ئۆزگۈرۈپ قالغانلىقى نەقل قىلىنغان، كۆپچىلىك ئالىملارمۇ بۇنى نەقل قىلغان بولۇپ، بۇ مەزمۇندا نۇرغۇن كىتاپلار يېزىلدى. ھاپىز سالىھ ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل ۋاھىد مەقدىسى يازغان: «ساھابىلارنى ھاقارەت قىلىشتىن چەكلەش ۋە بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان گۇناھ ۋە جازا» ناملىق ئەسىرىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئومۇمەن بۇ توغرىدا بەزى ئالىملار ساھابىلارنى ھاقارەت قىلغانلارنىڭ شەكسىز كاپىر ئىكەنلىكى توغرىسىدا، بەزىلەر ئۇلارنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلماسلىق توغرىسىدا يەنە بەزىلەر ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىشتا تەپسىلى بايان قىلىش توغرىسىدا ئەسەرلەرنى يازدى. «پەيغەمبەرنى ھاقارەت قىلغانغا سۇغۇرۇلغان قىلىچ» ناملىق ئەسەر 590-591-بەتلەر].
بىدئەت بايراملاردىن بەزىسى
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ بەزى كېچىلىرىنى مەۋلۇد كېچىسى دەپ، رەجەپنىڭ بەزى كېچىلىرىنى مىئراج كېچىسى دەپ، شۇنىڭدەك زۇلھەججىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى ياكى رەجەپ ئېيىنىڭ دەسلەپكى جۈمە كۈنىنى ياكى ياخشىلار بايرىمى دەپ ئاتىغان شەۋۋال ئېيىنىڭ سەككىزىنچى كۈنىنى شەرىئەت يولغا قويمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇ كۈنلەرنى بايرام كۈنلىرى قىلىۋىلىش، ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرى قىلمىغان ۋە ياخشى كۆرمىگەن بىدئەت ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىشنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. [«ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالار مەجمۇئەسى» 25-توم، 298-بەت].
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «شەۋۋال ئېيىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى ياخشىلارنىڭمۇ ياكى پاسىق-پاجىرلارنىڭمۇ بايرىمى ئەمەس، ھېچ بىر كىشىنىڭ بۇ كۈننى بايرام دەپ ئېتىقاد قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بۇ كۈندە دىنى بايرامنىڭ شۇئارلىرىدىن ھېچ نەرسە مەيدانغا كەلمىگەن». [ئىختىيارات ئەلپىقھىييە ناملىق ئەسەر 199- بەت]. ئەرەپچە مەنبەسى: https://islamqa.info/ar/answers/12366/بدعة-عيد-الابرار
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مىراجدا ئاللاھنى كۆرگەنمۇ؟
شيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: «ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قېلىنغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەرۋەردىگارىنى قەلبى بىلەن ئىككى قېتىم كۆرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەرۋەردىگارىنى كۆرگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئىككى ھەدىسنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرگەن بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ:ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا رەسۇلۇللاھنىڭ رەببىنى كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ بولسا قەلبى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئىبنى ئابباستىن بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ تېكىستلىرى بەزىدەقەيتسىز، بەزىدە قەلبى بىلەن كۆرگەن دېگەن سۆز قېتىپ بايان قېلىنغان. (يەنى بەزىدەمۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنى كۆردى دىسە، بەزىدەمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامئۇنى كۆردىدېگەن لەۋزى ئىلگىرى سۈرۈلگەن). ئىبنى ئابباستىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھنى كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى دەلىللەيدىغانئوچۇق لەۋزى بىلەن بايان قېلىنغان ھەدىس ئىسپاتلانمىغان. شۇنىڭدەك ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايەتلىرىدىمۇ، ئىبنى ئابباسنىڭ سۆزىگە ئوخشاش قەيتسىز ۋە قەيتلىكسۆزلەر ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھېچ بىر كىشى ئىمام ئەھمەتنىڭمۇ كۆزى بىلەن كۆردى دېگەن سۆزىنى كۈچلاندۇرغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بەزى ئالىملار ئىبنى ئابباسنىڭ قەيتسىز(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنى كۆردى)سۆزىدىن، رەسۇلۇللاھ ئاللاھنى كۆزى بىلەن كۆردى دەپ چۇشەنگىنىدەك، ئىمام ئەھمەتنىڭ بەزى شاگىرتلىرىمۇ ئۇنىڭ قەيتسىز كەلتۈرگەن لەۋزىدىن كۆزى بىلەن كۆردى دېگەن چۈشەنچىنى ئالغان. كۆزى بىلەن كۆردى دېگەننى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق شەرئى دەلىل يوق. شۇنداقلا ساھابىلەرنىڭ بىرەرسىدىنرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭئاللاھنى كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھەدىس بايان قىلىنمىغان. شۇنداقلا قۇرئان-ھەدىسلەردىمۇ بۇنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر بولماستىن بەلكى كۆز بىلەن كۆردى دېگەننى رەت قىلىدىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەر بايان قېلىنغان». ئەرەپچە مەنبەسى: https://islamqa.info/ar/answers/12423/هل-راى-النبي-صلى-الله-عليه-وسلم-ربه-ليلة-المعراج
قەبرە بېشىدا قۇرئان ئوقۇش
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
بىر گۇرۇپ ئالىمدىن ئىمام ئەھمەدنىڭ قەبرە بېشىدا قۇرئان ئوقۇشنى قەبىھ قىلمىش دەپ قارايدىغانلىقىنى نەقىل قىلغان. بۇ كۆپچىلىك سەلەف ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر. ئىمام ئەھمەدنىڭ مەنھىجىدە بولغان بۇرۇنقى ئالىملارمۇ قەبرە بېشىدا قۇرئان ئوقۇشنى يامان قىلمىش دەپ قارايدۇ. (ئەلفەتاۋا ئەلكۇبرا 5\362)
وقال شيخ الإسلام ابن تيمية رحمه الله :
» نَقَلَ الْجَمَاعَةُ عَنْ أَحْمَدَ كَرَاهَةَ الْقُرْآنِ عَلَى الْقُبُورِ. وَهُوَ قَوْلُ جُمْهُورِ السَّلَفِ وَعَلَيْهَا قُدَمَاءُ أَصْحَابِهِ » انتهى من «الفتاوى الكبرى» (5 /362) .
خۇن كېسىلى بولغان ئايال ۋە ناماز
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايال ئۆز ئېتىقادىدا ناماز ئوقۇسام بولمايدۇ دەپ مەلۇم مۇددەت نامازنى تەرك قىلغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تەرك قىلغان نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش توغرىسىدا ئىككى تۈرلۈك قاراش بار، بىرى ئىمام مالىك ۋە باشقا ئۆلىمالار ئېيتقاندەك، ئۇ نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ دېگەن قاراش، چۈنكى خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: مەن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان غەيرى بىر ھالەتتە بەك قاتتىق ھەيز كۆرىمەن، بۇ مېنى ناماز ۋە روزىدىن چەكلەپ قويىدۇ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنى كېيىن زۆرۈر بولىدىغان ئىشقا بۇيرىغان ئەمما ئۆتۈپ كەتكەن نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىمىغان». [«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»21-توم 102-بەت]. مەنبە: https://islamqa.info/ar/answers/146190/استمر-معها-دم-النفاس-تسعة-اشهر-وكانت-تترك-الصلاة-في-تلك-المدة
كاپىرلارنىڭ دىنىي بايراملىرىغا ئىشتراك قىلىشنىڭ ھۆكمى
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: «بايرام دېگەن دىنىي پائالىيەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا ھەر بىر قەۋم ئۈچۈن شەرىئەت ۋە يول بەلگىلىدۇق دېگەن. يەنە ھەر بىر ئۇممەت ئۈچۈن قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى بەلگىلىدۇقدېگەن. مەسىلەن: ناماز، روزا ۋە باشقىلارغا ئوخشاش پائالىيەتلەر.
غەيرى دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈن، يىل بېشى بايرىمى ۋە ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئوخشاش دىنىي بايرام ۋە مۇراسىملىرىغا قاتنىشىشنىڭ ھېچ پەرقى يوق. ئۇلارنىڭ بۇنداق بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۇلارنىڭ كۇپرىلىقىغا رازى بولغانلىق ۋە مۇۋاپىقلاشقان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلىشىش پۈتۈن ئىشلىرىغا ماسلاشقانلىق بىلەن ئوخشاشتۇر. دىنىي بايراملار شۇ دىننى باشقا دىنلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ بەلگىسى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ چوڭىدۇر. مۇنداق بايراملاردا كۇففارلار بىلەن ماسلىشىش ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم دىنىي ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلاشقانلىق بولىدۇ. مۇنداق ماسلىشىش بەزىدە ئادەمنى كۇپرىلىققا ئېلىپ بارىدۇ».
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: ھەر بىر قەۋمنىڭ بايرىمى بار، بۇ بىزنىڭ بايرىمىمىزدۇر(يەنى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت دېگەن.
كۇففارلارنىڭ دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىش ئۇلارنىڭ كىيىنىشىنى دورىغاندىن ئېغىر گۇناھتۇر. چۈنكى كېيىم ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تاشقىرى تەرەپتىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر بەلگە. ئەمما ئۇلارنىڭ دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىش بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر گۇناھ. ئۇلارنى دوراش ئۇلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلغاندەك بىر ئىش بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلاردىندۇر». (ئىقتىدائۇسسىراتۇل مۇستەقىيم 1-توم 207-بەتكە قارالسۇن). مەنبە: https://islamqa.info/ar/answers/73007/حكم-الاحتفال-بعيد-الحب
يولۇچىنىڭ نامىزى ۋە روزىسى
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»24-توم 106-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: «(يولۇچىنىڭ) نامازنى قەسىر ئوقۇشى ۋە رامىزاندا روزا تۇتماسلىقى مەلۇم بىر سەپەرگە خاس قىلماستىن، ھەرقانداق سەپەردە يولغا قويۇلغان دېگەن قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ سۆزى توغرا سۆزدۇر». ئەسلى مەنبە: https://islamqa.info/ar/answers/38079/حد-السفر-الذي-يبيح-الفطر-والقصر
غايىبانە جىنازە نامىزى
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «توغرىسى: غايىپ بولغان كىشى ۋاپات بولغان شەھەردە ئۇ كىشى ئۈچۈن جىنازا نامىزى ئوقۇلمىغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامممۇ نەجاشى ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇغان چۈنكى ئۇ كىشى كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا ۋاپات بولغان بولۇپ، ئۇ يەردە ئۇ كىشىگە جىنازا نامىزى ئوقۇلمىغان، ئەگەر غايىپ بولغان كىشىگە ۋاپات بولغان يۇرتىدا جىنازا نامىزى ئوقۇلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن باشقا جايدا غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ۋاپات بولغان يۇرتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ جىنازا نامىزى ئوقۇشى بىلەن بۇ پەرز ئادا بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام غايىب بولغان كىشىگە ناماز ئوقۇغان ۋە بەزى كىشىلەرگە ناماز ئوقۇشنى تەرك قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنىمۇ سۈننەت، تەرك قىلغىنىمۇ سۈننەتتۇر، ئوقۇش كېرەك بولغان ئورۇندا ئوقۇغان، تەرك قىلىش كېرەك بولغان ئورۇندا تەرك قىلغان. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. بۇ توغرىدا ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىدە ئۈچ تۈرلۈك قاراش بولۇپ، ئەڭ توغرىسى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەپسىلى چۈشەندۈرۈشتۇر». [«زادىل مىئاد» 1-توم 500-501-بەت]. ئەسلى مەنبە: https://islamqa.info/ar/answers/334288/صلاة-الغاىب-على-الميت-بوباء-كورونا
ساھابىلەرگە تەنە قىلىش
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «سەھابىلارغا تەنە قىلىشتا چەكتىن ئاشۇرۋەتكەنلەر، يەنە ئۇلار سەھابىلاردىن ئون نەچچە كىشىدىن باشقا ھەممىسىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندىن كىيىن دىندىن يېنىۋېلىپ مۇرتەد بولۇپ كەتكەن ياكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى پاسىق بولۇپ كەتكەن دەپ گۇمان قىلىدۇ، مانا بۇ ئۇلارنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىگە ھېچ شەك قىلىنمايدىغان دەلىللەردۇر. چۈنكى ئۇلار قۇرئان كەرىمدە بىر قانچە ئورۇندا، ئۇلاردىن ئاللاھ تائالانىڭ رازى بولغانلىقى ۋە ئۇلارنى مەدھىيلىگەنلىكى توغرىسىدا ئوچۇق بايان قىلىنغان ئايەتنى ئىنكار قىلغانلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىدە شەك قىلغان كىشىنىڭمۇ كاپىرلىقى ئېنىق بولىدۇ. ھەقىقەتەن مۇشۇ سۆزنىڭ مەزمۇنى بويىچە، قۇرئان-ھەدىستە نەقل قىلىنغىنى كاپىر ياكى پاسىقلاردۇر. قۇرئان كەرىمدە: كُنتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تەرجىمىسى:سىلەر ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چېقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۇممەت سىلەر دېگەن ئايەتتە بۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى بىرىنچى ئەسىردە ئۆتكەن كىشىلەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئەگەر شىئەلەرنىڭ قارىشى بويۇنچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى كاپىر ياكى پاسىق بولسا، بۇ ئۈممەت بارلىق ئۈممەتلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى، بىرىنچى ئەسىردە ياشىغان كىشىلەر مۇشۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ ناچار كىشىلىرىدۇر دېگەنلىك بولۇپ، مانا بۇ دىندا زۆرۈرلىكى بىلىنگەن، ئىنكار قىلغۇچىنىڭ كاپىر ئىكەنلىكى مەلۇملۇق ئىشتۇر.» [«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تىل ئۇزاتقانلارغا يالىڭاچلانغان قىلىچ» ناملىق ئەسەر 590-بەت]. https://islamqa.info/ar/answers/101272/منزلة-اىمة-الشيعة-الاثني-عشرية